ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەدەبىيات  »  كومپيۇتېر ۋە يانفۇن

كومپيۇتېردىكى كۇنۇپكىلارنىڭ رولى

ۋاقتى : 2013-05-16  مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ سول تەرەپ ئۈستى قىسمىغا جايلاشقان ESC كۇنۇپكىسى ئانچە كۆپ ئىشلىتىلمەيدۇ، ئەمەلىيەتتە ESC كۇنۇپكىسىدىن پايدىلىنىپ، نۇرغۇن مەشغۇلاتلارنى تېز بېجىرگىلى بولىدۇ.
1. تورغا چىققاندا، ئەگەر مەلۇم تور ئادرېسىنى خاتا چېكىپ سالسىڭىز، بىۋاسىتە ESC كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق، بۇ تور بېتىنىڭ ئېچىلىشىنى توختىتالايسىز.
2. تورغا چىققاندا ئىشلەتكۈچى نامى (用户名) دېگەندەك مەزمۇنلارنى تولدۇرۇشتىن ساقلىنالمايسىز، ئەگەر خاتا تولدۇرۇپ سالسىڭىز، ESC كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز، بارلىق كۆزنەكلەرگە تولدۇرغان مەزمۇنلار ئۆچۈپ كېتىدۇ. خەت ئۇرغاندا ئەگەر خەتنى خاتا تاللاپ قالغان بولسىڭىز، ESC كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز خاتا تاللانغان خەت كۆزنىكى ئۆچىدۇ.
3. ئادەتتە Ctrl+Alt+Del بىرلەشمە كۇنۇپكىسى ئارقىلىق Windows ۋەزىپە باشقۇرغۇچنى چىقارغىلى بولىدۇ، ئۇندىن باشقا يەنە Ctrl+Shift+Esc ئارقىلىقمۇ windows ۋەزىپە باشقۇرغۇچنى چىقارغىلى بولىدۇ.
4. قوزغىتىلغان پروگراممىلار ئىچىدە پروگراممىلارنىڭ تىزىملىكىنى كۆرۈندۈرمەي تۇرۇپ تەرتىپ بويىچە ئالماشتۇرماقچى بولغاندا، Alt+Tab كۇنۇپكىسىنى باسمايمۇ Alt+Esc كۇنۇپكىسىنى بېسىپلا قوزغىتىلغان پروگراممىلار ئارىسىدا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ، بۇنىڭدا بۇ پروگراممىنىڭ ۋەزىپە ئىستونىدىكى سىنبەلگىسىنى چېكىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بولمايدۇ.
5. «ئەمەلدىن قالدۇرۇش» دېگەن تاللاش تۈرى بار كۆزنەكلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەگەر سىز ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تاللىماقچى بولسىڭىز، بىۋاسىتە ESC كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق، ئەمەلدىن قالدۇرۇش مەشغۇلاتىنى بېجىرەلەيسىز

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا