كومپيۇتېرنى قوزغىتىپ F8 نى بېسىپ تۇرۇپ، ئالىي دەرىجىلىك تۈرلەر چىققاندا ئاندىن ققويۇپ بېرىڭ ئۇنىڭدىن يېقىنقى بىر قېتىملىق توغرا سەپلىمە ھالىتىنى تاللىسىڭىز سىستېما ئوڭلىنىدۇ.
كومپىيۇتېرنى قوزغىتىڭ F8نى بېسىپ تۇرۇش ئارقىلىق بىخەتەر ھالەتتە كومپيۇتېرنى ئېچىڭ ئاندىن قايتا قوزغىتىش ياكى كومپيۇتېرنى ئۆچۈرۈپ قايتا ئېچىش ئارقىلىق نورمال ھالەتتە قوزغىتىڭ بۇنداق قىلغاندا تىزىملىك جەدىۋىلىنى ئوڭلىغىلى بولىدۇ. ئەگەر كاشىلا ئوڭلانمىسا سىستېمىنىڭ ئەسلىگە قايتۇرۇش ئىقتىدارىدىن ياكى باشقا ئەسلىگە قايتۇرۇش يۇمشاق دىتالىنى قاچىلىغان بولسىڭىز شۇنىڭ سىستېمىنى كاشىلا يۇزبىرىشتىن بۇرۇنقى ھالەتكە قايتۇرۇپ بېقىڭ (ئەگەر نورمال ھالەتتە سىستېمىنى ئەسلىگە قايتۇرغىلى بولمىسا بىخەتەر ھالەتتە ئەسلىگە قايتۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ).
. ئەگەر بۇنىڭدا كاشىلا ئوڭلانمىسا سىستېىمىنىڭ قاچىلاش دېسكىسى ئارقىلىق ئوڭلاپ بېقىڭ. ( بۇنىڭدا كومپيۇتېرنىڭ ئوپىتىك دېسكا قوزغاتقۇچىسىغا windows xpنىڭ قاچىلاش دېسكىسىنى سالغاندىن كىيىن بۇيرۇق قۇرى ھالىتىنى ئېچىپ ياكى ئىجرا قىلىش كۆزنىكىنى ئېچىپ SFC / SCANNOW دېگەن بۇيرۇقنى كىرگۈزسىڭىز (SFC بىلەن / SCANNOW دېگەن خەتنىڭ ئارىسىدا بىر بوشلۇق بار،قالغان يەردە بوشلۇق يوق)، بۇزۇلغان سىستېما ھۆججەتلىرى ئاپتۇماتىك ئوڭلىنىدۇ.
ئەگەر كاشىلا يەنىلا ئوڭلانمىسا، كومپيۇتېرنى قوزغىتىپ BIOS قا كىرگەندىن كىيىن، ئوپتىك دېسكا قوزغاتقۇچنى تۇنجى قەدەمدە زىيارەت قىلىدىغان قوزغاتقۇچ قىلىپ بەلگىلىگەندىن كىيىن، ئوپتىك دېسكا قوزغاتقۇچىغا windows xp نىڭ قاچىلاش دىسكىسىنى سېلىپ، R كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق ئوڭلاپ قاچىلاش تۈرىنى تاللاپ بىر قېتىم قاچىلاپ كۆرۈڭ.
ئەگەر كاشىلا بۇنىڭدىمۇ ئوڭلانمىسا، سىستېمىنى قايتا قاچىلاڭ. ئەگەر مۇمكىنچىلىك بولسىلا، ئوڭلاپ قاچىلاڭ. بۇنداق بولغاندا ھەم سىستېمىنى ئوڭلىغىلى، ھەم سىستېما رايونىدىكى پروگرامما ۋە ھۆججەتلەرنىڭ بۇزۇلۇپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئەگەر IE بۇزۇلغان بولسا، IE نى قايتا قاچىلاڭ.
IE دىن كاشىلا كۆرۈلۈپ قايتا قاچىلىغىلى بولمىسا، ئۇنداقتا ئەڭ يېڭى نەشىر نۇسخسى قاچىلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. كونترول تاختىسىدىكى 《 پروگرامما قاچىلاش ۋە ئۆچۈرۈشكە كىرسەك، بۇنىڭ ئۆچۈرۈش تۈرىنى تاپالماي قالىمىز. بۇنداق ئەھۋالدا باشلاشتىن ئىجرا قىلىش كۆزنىكىگە regedit نى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تىزىملىك جەدىۋەل تەھرىرلىگۈچنى ئېچىپ، version wevtor SOFTWAREMicrosoftInternet ExplorerHKEY-LOCAL-MACHINE تۈرىنى تاپقاندىن كىيىن، ئوڭ تەرەپتىكى كۆزنەكتىكى IE نىڭ كۇنۇپكا قىممەت تۈرىنى قوش چىكىپ، چىققان كۆزنەكتىكى قىممىتىنى نۆلگە ئۆزگەرتىپ قويىمىز، ئاندىن كوپيۇتېرنى قايتا قوزغاتساقلا، IE نى قايتا قاچىلاشقا بولىدۇ.
جاۋاب: شۇنداق، بۇ باشلاش تىزىملىكىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ. ئۇنى چىقىرىشنىڭ ئۇسۇللىرى بىر نەچچە خىل:
باشلاش تىزىملىكىنى ئوڭ چېكىش ئارقىلىق ئۇنىڭ خسلىقىغا كىرىپ ، ئۆزى بەلگىلەش تۈرىنى ئاچىمىز ۋە رەسىمدىكىدەك قىلىپ تەڭشەيمىز. قىزىل ئىستىرېلكا بىلەن كۆرسىتىلگەن ئىجرا قىلىش بۇيرىقى دېگەن قۇرنىڭ ئالدىدىكى تاللاشنى تاللاپ قويىمىز.
بىرلەشمە كۇنۇپكىسىنى باسساق ئىجرا قىلىش كۆزنىكى قوزغىلىدۇ.
ئىزدەش كۆزنىكىگە بۇيرۇق يېزىپ، كۆزنەكتە كۆرۈنگەن مۇناسىپ پروگراممىنى قوزغاتساق بولىدۇ.
جاۋاب: تور سۈرئىتى ئاستا بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى بىر نەچچە خىل.
تورنىڭ ئۆزىدىكى مەسىلە سىز ئۇلىماقچى بولغان تور بىكىتىدىكى مۇلازىمىتىرنىڭ تور كەڭلىكى يېتىشمىگەن ياكى يۈكى ئارتىپ كەتكەن بولىدۇ. بۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ئىنتايىن ئاسان، يەنى باشقا ۋاقىتتا تورغا چىقىپ ياكى باشقا تور بېكەتلىرىگە چىقىپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.
تور سىمى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلە شۇنى بىلىمىزكى، قوش ئوراملىق سىم تۆت جۈپ سىمنىڭ قاتتىق ئۆلچەم بويىچە زىچ ھالدا بىر-بىرىگە ماسلاشتۇرۇپ ئورىلىشىدىن ھاسىل بولىدۇ. بۇنىڭدا ئارىلىشىش كاشىلىسىنى ۋە شاۋقۇننىڭ تەسىرىن ئازايتقىلى بولىدۇ. ئەگەر بۇ سىملار ئۆلچەم بويىچە چېتىلمىسا، تور سۈرئىتى ئاستىلاپ كېتىدۇ. ئۇندىن باشقا، تور كارتىسىنىڭ سۈپىتىمۇ تور تېزلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ. بۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى تور لىنىيە سىمى ۋە تور كارتىسىنىڭ سۈپىتىگە كاكاپالەتلىك قىلىش ۋە تور لىنىيە سىمىنى ئۆلچەم بويىچە ئۇرۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت.
توردا كونتۇر بولغانلىقتىن تور سۈرئىتى ئاستىلاپ كېتىش
تورنىڭ ئۇچىرىشىدىغان تۈگۈنلىرى كۆپ بولمىسا ھەم تورنىڭ قۇرۇلمىسى بەك مۇرەككەپ بولمىسا، بۇنداق ئەھۋال ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ. بىراق، بىر ئاز مۇرەككەپرەك توردا ئارتۇقچە زاپاس لىنىيە قالدۇرۇلغان بولۇپ، ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن مۇشۇنداق لىنىيىلەرگە چېتىلىپ قالسا، توردا كونتۇر يۈز بېرىپ، تور سۈرئىتى ئاستىلاپ كېتىدۇ. مەسىلەن، تور سىمى تور مەركىزىدىن بىرىنچى نومۇرلۇق ككومپيۇتېرخانىغا ئۇلانغان، ئاندىن بىرىنچى نومۇرلۇق كومپيۇتېرخانىغا ئۇلانغان بولسا، ئادەتتە ئېھتىيات يۈزىسىدىن تور مەركىزىدىن ئىككىنچى نومۇرلۇق كومپيۇتېرخانىغا بىۋاستە يەنە بىر زاپاس لىنىيە تارتىپ قويۇلىدۇ. ئەگەر نۇنداق بىر نەچچە لىنىيە بىرلا ۋاقىتتا چېتىلىپ قالسا، توردا قونتۇر يۈز بېرىدۇ-دە، تور سۈرئىتى ئاستىلاپ كېتىدۇ، بۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى تور تور لىنىيە سىمىغا ئېنىق بەلگە سېلىش، زاپاس لىنىيىنىڭ .ورنىنى خاتىرىلەپ قويۇش بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن كاشىلا يۈز بەرگەندە، ئادەتتە بۆلەكلەر بويىچە ئايرىپ تەكشۈرۈش چىرىسى قوللىنىلىدۇ
تور ئۈسكىنىلىرىنىڭ قاتتىق دېتال كاشىلىسى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان تور ئاستىلاپ كېتىش ئېنىقسىز ئۈسكىنىنى بايقاش ئۈچۈن توردا دائىم سىگنال يوللىنىپ تۇرىدۇ، بۇ ئېنىقسىز ئۈسكۈنىلەرنى بايقاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىراق، توردىكى كومپيۇتېر سانىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بۇنداق سىگنال تېزلىكتە ئېشىپ بارىدۇ، ئەگەر سىگنال بولىقىنىڭ سانى 30% تىن ئېشىپ كەتسە، تورنىڭ يەتكۈزۈش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك دەرىجەدە ئاستىلايدۇ، ھەتتا تور پالەچ ھالغا چۈشۈپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. ئەگەر بۇنداق ئەھۋالدىن گۇمانلانساق، ئاۋۋال سىم توپلاشتۇرغۇچ ياكى كوكممۇتاتورنى ئالماشتۇرۇپ سىناپ باقساق بولىدۇ. ئەگەر بۇ ئۈسكۈنىلەردە كاشىلا بولمىسا، سىم توپلاشتۇرغۇچ ياكى كوممۇتاتورنى ئالماشتۇرۇپ سىناپ باقساق بولىدۇ. ئەگەر بۇ ئۈسكۈنىلەردە كاشىلا بولمىسا، سىم توپلاشتۇرغۇچ ياكى كوكممۇتاتورنىڭ توك مەنبەسىنى ئۈزۈۋېتىپ تۇرۇپ، DOS ھالەتتە ping بۇيرۇقىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق، شۇ توردىكى بارلىق كومپيۇتېرلارنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈپ باقساق بولىدۇ. كاشىلا كۆرۈلگەن كومپيۇتېرنى تاپقاندىن كىيىن، ئۇنىڭ تور كارتىسىنى ئالماشتۇرۇۋەتسەك كاشىلا ئوڭلىنىدۇ. تور كارتىسى، سىم توپلاشتۇرغۇچ ياكى كوممۇتاتور تاو ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئىچىدە كاشىلا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئۈسكۈنىلەردۇر. توردىكى مەلۇم ئېغىزنىڭ توسالغۇسىدىن بولغان تور سۈرئىتى ئاستىلاش ئەمەلىيەتتە روتېرنىڭ ئىنتېرنېت تور ئېغىزى، دائىرىلىك تور ئېغىزى، سىم توپلاشتۇرغۇچ ئېغىزى، كوكممۇتاتور ئېغىزى ۋە مۇلازىمېتىرنىڭ تور كارتىسى ئېغىزلىرىنىڭ ھەممىسى توردا توسالغۇ شەكىلللەندۇرىشى مۇمكىن. تور سۈرئىتى ئاستىلاپ قالسا، بىز تور ئېقىمىنىڭ يۇقىرى مەزگىلىدە تور باشقۇرغۇچى دېتالار ئارقىلىق سىم توپلاشتۇرغۇچ، قوممۇتاتور، مۇلازىمېرىر ئېغىزلىرىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئېقىم ئەھۋالىنى تەكىشۈرۈپ باقساق بولىدۇ، ياكى Net stat بۇيرىقى ئارقىلىق ھەرقايسى ئېغىزلارنىڭ سانلىق مەلۇمات ئېقىم ئەھۋالىنى ستاتىستىكىلىساق، شۇ ئارقىلىق سانلىق مەلۇمات ئېقىم مىقداتىدا توسالغۇ شەكىللەندۈرگەن ئۈسكۈنىنى تاپساقمۇ بولىدۇ، ئاندىن ئەھۋالغا قاتاپ بىز ماس كېلىدىغان چاتىنى قوللىنىپ ھەل قىلىمىز. ئادەتتە مۇلازىمېتىرنىڭ تور كارتىسىنى 100M ياكى 1000M لىققا ئالماشتۇرۇش، تور كارتىسىنى كۆپەيتىش، VLAN غا كۆپرەك بۆلۈش، روتېرنىڭ تەڭشىكىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدۇ.
قۇرۇت ۋىرۇسىنىڭ تەسىرىدىن پەيدا بولغان تور سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىقى ئېلىكتىرونلۇق خەت يوللانمىسى ئارقىلىق تاقىلىدىغان قۇرۇت ۋىرۇسىنىڭ تور سۈرئىتىگە بولغان تەسىرىنى بارغانسېرى ئېغىر بولماقتا. بۇنداق ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئابۇنىچىلار تورغا چىقسىلا، بۇ ۋىرۇس توردىكى باشقا كومپيۇتېرلارغا توختىماستىن پوچتا يوللانمىسى ئەۋەتىدۇ. ۋىرۇس يۇقۇملانغان ئابۇنىچىنىڭ ئالاقىلىشىش دەپتىرىدىكى ئادىرېسلار بويىچە كومپيۇتېردىن خالىغان بىر ھۆججەتنى قوشۇمچە ماتېرىيال قىلىپ ئەۋەتىپ تۇرىدۇ. نەچچە مىڭلىغان پوچتا يوللانمىسى يوللىنىشنى كۈتۈپ سەپ بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇندىن باشقا . يەنە قايتۇرۇلغان نۇرغۇن پوچتا يوللانمىسى توپ- توپى بىلەن يىغىلىپ مۇلازىمېتىرغا توپلىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە تايانچ تور بېكىتىدە قىستاڭچىلىق يۈز بېرىپ،تور سۈرئىتى ئاستىلايدۇ، ھەتتا دائىرىلىك تور پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. شۇڭا بىز چوقۇم ۋىرۇس تازىلاش دېتالىنى قاچىلاپ، ۋاقتىدا دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ تۇرۇشىمىز،سىستېما ياماقلىرىنى ۋاقتىدا چۈشۈرۈپ قاچىلىشىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە زۆرۈر بولمىغان ئېغىزلارنى ئېتىۋېتىشىمىز كېرەك
ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش تېمىنىڭ زىيادە ئىشلىتىلىشىدىن كىلىپ چىققان تور ئاستىلاش ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش تېمىنىڭ زىيادە ئىشلىتىلىشىمۇ تور سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ، شۇڭا ئارتۇقلىرىنى ئۆرۈپ ،ئىقتىدارى ياخشىراق بىرنى قالدۇرۇپ قويۇش كېرەك.
سىستېما بايلىقى يېتىشمەسلىكتىن بولغان تور سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىقى سىز بەلكىم ئارقا سۇپىدا ئىجرا قىلىنىدىغان پروگراممىلارنى بەك كۆپ يۈكلىۋەتكەن بولۇشىڭىز مۇمكىن، يۈكلەيدىغان پروگراممىلارنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇڭ ياكى ئىشلەتمەيدىغان پروگراممىلار ۋە ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۈۋېتىڭ.
ئۇندىن باشقا، كەڭ بەلۋاغلىق توىڭىزنى ئەلالاشتۇرۇپ، تور سۈرئىتىڭىزنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇڭ.
ئەلالاشتۇرۇشتىن بۇرۇن 《 ping》بۇيرۇقى ئارقىلىق تورنىڭ مۇناسىۋەتلىك پارامېتىلىرىنى ئىگىلىۋېلىڭ ياكى 《 TCP Optimizer》 دىگەندەك يۇمشاق دېتاللار بىلەن تور سۈرئىتىنى ئۆلچىۋېلىڭ.
ئاندىن تىزىملىك جەدىۋەلنى ئەلالاشتۇرۇڭ ( تاساددىبىىي ئەھۋالدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئالدىن زاپاس ساقلىۋېلىڭ ). ئۆزگەرتسەك بولىدىغان كۇنۇپكا قىممەتلىرى تۆۋەندىكىچە:
ئەڭ چوڭ يوللاش بىرلىكىنى بېكىتىدۇ. DefaultRcv Windows ۋە DefaultTTL ئارقىلىق يوللاش بىرلىكىنىڭ ئاستىلاتقۇچ رايونىنىڭ قىممىتى ۋە TCP/IP تارماق گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆمرىنى بېكىتكىلى بولىدۇ. DNS نىڭ سۈرۈششتۈرۈشتىكى ئالدىنلىق دەرىجىسىنى بېكىتىش ئارقىلىق TCP/IP ئىشلىتىلىدىغان RAM نىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈگىلى بولىدۇ. TCP/IP ئىشلىتىلىدىغان ئاستىلاتقۇچنىڭ قىممىتىنى ئاشۇررۇش ئارقىلىق سانلىق مەلۇماتنىڭ يوللىنىش سۈرئىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
قالدۇرۇپ قويۇلىدىغان تور كەڭلىكىنى بىكار قىلىش، ئاۋۋال باشقۇرغۇچى سالاھىيىتى بىلەن كومپيۇتېرغا كىرىپ،《gpedit.msc》دېگەن بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىپ، گۇرۇپپا ئىستىراتېگىيىسىغا كىرىڭ. ئاندىن تەرتىپ بويىچە كومپيۇتېر تەڭشىكىنىڭ باشقۇرۇش قېلىپىدىكى توردىن QoS سانلىق مەلۇمات بولىقىنى تەڭشەش پروگراممىسىغا كىرىپ، ئوڭ تەرەپتىكى قالرۇرۇپ قويۇلىدىغان تور كەولىكىنى چەكلەشنى تاللىغاندىن كىيىن، ئوڭ چىكىپ خاسلىقنى تاللىساق، ئۇنىڭ خاسلىق كۆزنىكى ئېچىلىدۇ.. بۇنىڭدىن بىز چەكلىدىنىغان تور كەڭلىكىنىڭ مۇناسىپ قىممىتىنى 0 گە ئۆزگەرتىپ قويساقلا بولىدۇ