ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەدەبىيات  »  كومپيۇتېر ۋە يانفۇن

5.1 نەشىرىنى تۆۋەن نەشىرىگە چۈشۈرۈش ئۇسۇلى

ۋاقتى : 2012-03-17  مەنبەسى : ئەجرىم تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

ios 5.1 نەشىرى تارقىتىلغاندىن كىيىن نۇرغۇنلىغان ئىشلەتكۈچىلەر itunes ۋە ئۈسكۈنىنىڭ يېڭىلاش ئىقتىدارى  ئارقىلىق نەشىر كۆتۈرگەنمۇ بولدى ۋە 5.1 نەشىرىدە پەقەت توك تېجەش ۋە قۇشۇلغان بىر قانچە ئىقتىداردىن باشقا  يېڭىلىقنىڭ يوقلىقىنى بىلىپ قايتىپ چۈشمەكچى بولدى،ئەپسۇس. ئالما شىركىتى 9-چىسلا چۈشتىن كىيىندىن باشلاپ 5.0.1 نەشىرىگە بولغان تەستىقلاشنى ئىتىۋەتكەن ھەم نۇرغۇنلىغان ئىشلەتكۈچىلەر shsh نى زاپاسلىمىغان ئىدى. بېشىڭلار قاتتى ھە قاچان.تۈرمىدىن قاچۇرغانلا بولسىڭلار ئەنسىرەپ كەتمەڭلار…

ios نەشىرى تارقىتىلغاندىن كىيىن ئۆزەم ئىككى قېتىم چىقىپ چۈشتۈم .1-قېتىم تەستىق ئىتىلمىگەندە قىزىقىش تۈپەيلىدىن چىقتىم ۋە 2-3 سائەتلەردىن كىيىن قايتىپ چۈشتۈم. بۈگۈن بولسا ئالما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبىدا بېرىپ قويغان ۋەدەم بويىچە چىقتىم ۋە بىرمۇنچە جاپالارنى تارتىپ قايتىپ چۈشتۈم .شۇڭلاشقا ئىنكاس يازماي قاچقاننىڭ ھەممىسىگە ئىچىمدە خەپ دېۋېتىمەن.بۇ يازما ئارقىلىق سىز خاتىرجەم ھالدا نەشىر كۆتۈرۈش،چۈشۈش ھەم ئۆزىڭىزگىلا خاس بولغان ios نەشىر ھۆججىتى ياساش مەقسىتىگە يىتەلەيسىز.

تەلەپ : ئۈسكۈنە بۇرۇن تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان بولۇشى كېرەك.ئۆزىڭىز shsh ھۆججىتىنى زاپاسلىغان بولسىڭىز قايتا زاپاسلاپ يۈرمەڭ،شۇ ھۆججەتنىڭ ئۆزىنى تېپىپلا ئۈستەل يۈزىگە كۆچۈرۈپ قويسىڭىز بولىدۇ. windows ھالىتىدە تېپىش قىيىنغا توختىسا ئىزدەش ھالىتىگە ئۆتۈپ *.shsh دەپ كىرگۈزۈپ ئىزدىسىڭىز كومپىيۇتېرىڭىزدىكى سىز بۇرۇن زاپاسلىغان shsh ھۆججىتىنى تېپىپ بېرىدۇ.ئەگەر زاپاسلىمىغان بولسىڭىز،لىكىن تۈرمىدىن قاچۇرغان بولسىڭىز يېڭى يازما يېزىلىدۇ،cydia دىكى shsh نى چىقىرىش دەپ،دىققەت قىلغاچ تۇرۇڭ.

بۇ ئۇسۇل Iphone4s,ipad2,New Ipad لەرگە ماس كەلمەيدۇ..

كېتەرلىك قوراللار :
itunes ئورگان بېتىدىن چۈشۈرۈڭ
ios 5.1 نەشىرى.ھەر قايسى ئۈسكۈنىلەرنىڭمۇ پەرىق قىلىدۇ،ئۈسكۈنىڭىزگە ماس كېلىدىغان نەشىرىنى چۈشۈرۈڭ.چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن ئۈستەل يۈزىگە كۆچۈرۈپ قۇيۇڭ.

pp ئۈسكۈنە ياردەمچىسى كومپىيۇتېر نۇسخىسى.باشقا قوراللار ئارقىلىق shsh نى زاپاسلىغاندا ھۆججەت ئورنىنى تاپماق تەس.ئەمما بۇ قورال مەخسۇس shsh ھۆججىتىنىلا ئايرىم F ياكى E دىسكىغا shsh ھۆججەت قىسقۇچ قۇرۇپ بېرىدۇ.تاپماق ئاسانغا توختايدۇ. بۇ يازمىغا كىرىپ چۈشۈرۋېلىڭ : http://www.ajrim.net/?p=551

تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى redsn0w_win_0.9.10b6 نى تور دىسكىدىن چۈشۈرۈڭ.

ئەمىسە ھەممىسىنى چۈشۈرۈپ،تەييار قىلىپ قويغان بولساڭلار باشلىدۇق.

SHSH چىقىرىش،زاپاسلاش 

1- قەدەم : ئۈسكۈنىڭىزنى كومپيۇتېرغا چېتىڭ، USB سىمنى چۇقۇم كومپيۇتېر كەينىگە چېتىڭ.

2- قەدەم : توردىن چۈشۈرگەن PP助手 for PC دېتالىنى قوزغىتىڭ،بىر ئاز ساقلىغاندىن كىيىن ئۈسكۈنە بىلەن تۇلۇق ئۇلىنىدۇ، بۇ ۋاقىتتا PP助手 for PC تۈر تىزىملىكىدىن shsh管理 ئىقتىدارى تۈرىگە كىرىڭ.ۋە ئۈستىكى تەرەپتىكى ھالەتتىن 获取shsh نى بېسىڭ. بۇ ۋاقىتتا PP ياردەمچىسى سىزگە ئۈسكۈنىنىڭ shsh ھۆججىتىنى تەكشۈرۈپ،چىقىرىپ بېرىدۇ،بىر ئاز ساقلايسىز.تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ.

shsh چىقىرىش مۇۋاپىقىيەتلىك بولغان بولسا f دىسكا ياكى e دىسكا رايونىغا قارىسىڭىز يېڭىدىن بىر shsh دىگەن ھۆججەت قىسقۇچ قۇرۇلغان بولىدۇ. ئىچىدە بارلىق نەشىرلەرگە ماس كىلىدىغان shsh ھۆججىتى بار. قايسى نەشىرىگە چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز شۇ نەشىرىنىڭ ھۆججىتىنى ئۈستەل يۈزىگە كۆچۈرۈڭ. مەن 5.0.1 نەشىرىنىڭ ھۆججىتىنى كۆچۈردۈم.

نەشىر چۈشۈرۈشكە كىتەرلىك ios ھۆججىتىنى ياساش

1-قەدەم : توردىن چۈشۈرگەن redsn0w_win_0.9.10b6 نى پىرىستىن يېشىپ قوزغىتىڭ.

2- قەدەم : ئېچىلغان كۆزنەكتىن Extras نى تاللاڭ.كىيىنكى قەدەمدە SHSH blobs نى تاللاڭ. كىيىنكى قەدەمدە Stitch نى تاللاڭ.

3- قەدەمدە ئىككى تۈر تاللىشى بار، IPSW ۋە Local دەپ . IPSW  دىگىنىمىز ios نەشىر ھۆججىتى بولۇپ،سىز قايسى نەشىرىگە چۈشۈرمەكچى،مەن باشتىلا دىگەن چۈشۈرمەكچى بولغان نەشىرنىڭ ھۆججىتىنى ئۈستەل يۈزىگە كۆچۈرۈپ قۇيۇڭ دەپ. IPSW  نى بېسېىپ چىققان كۆزنەكتە ئۈستەل يۈزىگە كۆچۈرگەن ios5.0.1 نەشىر ھۆججىتىنى تاللاپ  بېرىسىز.

Local دىگىنىمىز ئۈسكۈنىمىزنىڭ shsh ھۆججىتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭغا بايام pp ياردەمچىسى ئارقىلىق زاپاسلاپ،ئۈستەل يۈزىگە كۆچۈرۈپ قۇيۇڭ دىگەن ھۆججەتنى تاللاپ بېرىسىز،تۆۋەندىكى رەسىملەردىن كۆرۈڭ.

   

 

ئەمدى قالغان ئىشلارنى redsn0w ئۆزى قىلىدۇ. local ھۆججىتىنى تاللىغاندىن كىيىن redsn0w ئاپتوماتىك ھالدا سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىزگە ماس كېلىدىغان ios5.0.1 نەشىر ھۆججىتىنى ياساپ بېرىدۇ.تەخمىنەن5-10 مىنۇت ئەتىراپىدا ساقلىغاندىن كىيىن ئۈستەل يۈزىدىكى Ios 5.0.1 نەشىر ھۆججىتىنىڭ يېنىغا يەنە بىر ھۆججەت پەيدا بولىدۇ،سىزنىڭ shsh ھۆججىتىڭىزنىڭ نامى بىلەن ئوخشاپراق قالىدىغان Ios ھۆججىتى. ئەمدى ios ھۆججىتى ياساش ئاخىرلاشتى.

ئۈسكۈنە نەشىرىنى چۈشۈرۈش

1-قەدەمدە redsn0w  نى ئېچىپ،Extras تۈرىگە كىرىمىز،ئاندىن Pwned DFU تۈرىنى تاللايمىز.كىيىنكى كۆزنەك ئېچىلغاندا Next  تاللاپ ئۆتۈپ كىتىمىز،يەنە بىر Next  كۆزنىكى چېقىلىدۇ،باسماي تۇرۇپ ئۈسكۈنىنى ئۆچۈرۈڭ.

ئاندىن  next نى بېسىش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئۈسكۈنىڭىزدىكى توك مەنبە كۇنۇپكىسىنى بېسىپ قوزغىتىڭ،1،2،3 دەپ تۇرۇپ توك مەنبە كۇنۇپكىسىنى قۇيۇپ بەرمەيلا home كۇنۇپكىسىنى قۇشۇپ بېسىڭ،1-15 كىچە ساناپ بولغاندىن كىيىن توك مەنبە كۇنۇپكىسىنى قۇيۇپ بېرىسىز.ئەمما Home نى قۇيۇپ بەرمەي تۇرسىڭىز ئۈسكۈنە DFU ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھالىتىگە ئۆتىدۇ.ئېكراندىكى رەسىملىك ھالەتكە قاراپ تۇرۇپ قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ،dfu ھالىتىگە ئۆتكەندە redsn0w  ئەسكەرتىش بېرىدۇ،تۆۋەندىكى رەسىملەرگە قارىغاچ ئەمدى itunes نى ئېچىڭ.ئەمما redsn0w  نى ئۆچۈرۋەتمەڭ.

 

 

  

itunes قوزغالغان ھامانلا سىزگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ ۋە يېڭىدىن بىر ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىگىشلىك ئۈسكۈنىنى بايقىغانلىقىنى،ئەسلىگە كەلتۈرۈش كەلتۈرمەسلىكنى سورايدۇ.چىققان كۆزنەكتىن 确定 مۇقىملاشتۇرۇشنى بېسىۋېتىسز،ئاندىن itunes ئاساسى كۆزنەك ھالىتىدە تۇرۇپ كۇنۇپكا تاختىسىدىن SHIFT نى بېسىپ تۇرۇپ  恢复 نى بېسىڭ،

 

ئاندىن چىققان كۆزنەكتىن بىز باياتتىن بېرى ياسىغان ios ھۆججىتىنى تاللاپ بېرىڭ،ئۈستەل يۈزدىكى ئىسمى ئۇزۇن ios ھۆججىتىنى،ھەرگىزمۇ توردىن چۈشۈرگەن ئەسلى نەشىر ھۆججىتىنى ئەمەس.ئەمدى قالغان ئىشلار itunes نىڭ ئۆزىگە قالدى،.ئەگەر بۇ جەرياندا تۆۋەندىكى خاتالىق ئۇچۇرى كۆرۈنسە چېقىلماڭ،itunes نىمۇ ئۆچۈرمەڭ.ھەم  مەن بايام دىگەن redsn0w   نى ئۆچۈرمەڭ دەپ.ئۇنىڭ Extras  تۈرىگە كىرىپ،Recovery fix دىگەن تۈرنى بېسىپ قويسىڭىزلا داۋاملاشتۇرىسىز. ئۈسكۈنىنى DFU ھالىتىدە قوزغاتسىڭىز ئۈسكۈنە ئۆزى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىدۇ…

 

بۇ خاتالىق ئېنىقلا چىقىدۇ،شۇڭلاشقا يازمىنى بىر قانچە قېتىم تەپسىلى ئوقۇۋېتىپ،ئاندىن مەشخۇلات قىلغايسىز.، ئەگەر نەشىر چۈشۈرۈش جەريانىدا يەنە باشقىچە مەسىلىلەرگە،يۇقارقىدەك خاتالىقلارغا يۇلۇقسڭىز قالدۇرۇڭ. تەڭ ھەل قىلىمىز.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا