ئالمىچىلار دىققەت! iPhone5 سېتىۋىلىشقا ئالدىرماي تۇرۇشسىلا، ما يىتىم ئادەتتىكى كارتا يىمەيدۇ دەيمەن*
2012-يىلىنىڭ تۆنۈگۈنى يەر شارىدىكى يانفون ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ئېنتايىن مۇھىم بىر كۈن بولدى. چۈنكى ھەممىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ غايىۋى ئېمپىرىيە بەرپا قىلغان ئالمىنىڭ، بىز كۈتكەن يىڭى بىر ئەۋلات ئەقلىفونى iPhone5 ئېلان قىلىندى. يىڭى مەھسۇلات ۋە ئېلان قىلىش يىغىنى ھەققىدىكى بىر قىسىم تەپسىلاتلىرىمىزنى ئالدىنقى تېمىدا بايان ئەيلەپ ئۆتتۇق. شۇڭا چوڭ قۇرۇق بازىرىغا ھازىرچە كىرمەيدىغان بۇ ناتونۇش مېھمان ھەققىدە جىق سۆزلىمەي نەق ئۆزىمىزنىڭ گىپىگىلا كىلەيلى.
ئۆزىمىز ھەققىدە گەپ باشلاشتىن بۇرۇن ما يىڭى ئالمىغا ئازىراق باھا بېرىپ ئۆتەي. مەن تونۇيدىغان ئايفون ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئاز بىر قىسىمىدىن سىرت كۆپۈنچىسى بۇ قېتىمقى يىڭى ئايفوندىن ئۈمۈتسىزلەنگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. تورلاردىن ئاقتۇرۇپ كۆرۈشۈمچە بۇ قېتىمقى ئالمىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتى خەلىقارادىمۇ خېلى زور ئۈمۈتسىزلىك كەيپىياتى شەكىللەندۈرگەندەك قىلىدۇ. مەيلى ئىچكى سەپلىمىسى بولسۇن ياكى سىرتى لايىھەلىنىشى بولسۇن كىشىنى ھاياجانغا سالغۇدەك ئاجايىپ يېرى يوق. لېكىن قانداقلا بولمىسۇن شەخسەن مەن يەنىلا ئالمىنى قوللايمەن. دوسلار قانداق قارايدىكىن ئۇنى بىلمىدىم.
ئەمدى نەق گەپنى باشلاي. تۆنۈگۈنكى يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىنى ھەممىڭلار كۆردۈڭلار. ئالمىنىڭ SIM كارتا ئېغىزى ۋە ئۇلاش ئېغىزى كىچىكلىتىلگەن. Engadge نىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا iPhone5 كە nano-SIM كارتىسى ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئادەتتىكى چوڭ كارتا (SIM) ۋە كىچىك كارتا (micro-SIM) نىڭ ھېچقايسسىغا ئوخشىمايدىكەن. تېخىمۇ يامان بولغىنى، ھەر ئىككى خىلدىكى كارتىنى كېسىپ nano-SIM كە ئايلاندۇرغىلى بولمايدىكەن.( ھەر قېتىملىق يىڭى iPhone ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنلا نۇرغۇن دوسلىرىمىز تور ۋە باشقا ۋاستىلەر ئارقىلىق، ئالدىن خوڭكوڭ نەشىرىنى سېتىۋېلىپ ئىشلىتەتتى. لېكىن بۇ قېتىم ئەھۋال باشقىچىرەك بولۇپ، تورداشلارنىڭ ئالدىراپ خوڭكوڭ ۋە باشقا نەشىردىكى ئايفونلارنى سېتىۋالماسلىقىنى ئەسكەرتىمىز.)
ھارىرقى مەملىكىتىمىزدىكى ئۈچ چوڭ تېلىگىراف ئېمپىرىيىسى : بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ، كۆچمە خەۋەرلىشىش ۋە جۇڭگو تېلىگىرافىنىڭ ھېچقايسسىدا nano-SIM يوق بولۇپ، بۈگۈن تورداشلارغا ئەسكەرتمەكچى بولغۇنىمىزمۇ، قاتتىق ھاياجانلىنىپ كەتكەن دوسىلىرىمىزنىڭ iPhone5 رەسمى چوڭ قۇرۇقلۇق بازىرىغا كىرىشىدىن بۇرۇن، ھەرگىزمۇ خوڭكوڭ نەشىرىنى ئالدىراپ سېتىۋالماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئۇنداق بولمايدىكەن سىلەرنىڭ يولىقىدىغان تەقدىرىڭلار.
1.دۆلەت ئىچى كۆچمە مۇلازىمىتىدىن بەھىرلىنەلمەيسىز _ چۈنكى كارتىڭىزنى كىسىپ سالغىلى بولمايدۇ. تېلىفۇن ئۇرالمايسىز، تورغا چىقالمايسىز.
2.كارتا سالغىلى بولمىغاندىكىن ئامراق ئايفۇنىڭىزنى ئاكتىپلىيالمايسىز شۇ.
تور خۇمار خەۋەرلىرى