ئىتالىيە ئالى سوت مەھكىمىسىى ئاساسى قاتلام سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىنى ساقلاپ قېلىپ، بىر نەپەر كارخانىچىنىڭ مىڭە راكىغا گىرىپتار بولۇشى ئۇزۇن مۇددەت كۆچمە تېلېفۇن پاراڭلاشقانلىقى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك دەپ جاكارلىدى.
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 19-چىسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئىتالىيەلىك كارخانىچى ماركولىنى (Marcolini) ئۆتۈپ كەتكەن 12 يىلدا ھەر كۈنى ئاز دېگەندە بەش ئالتە سائەت تېلېفۇن پاراڭلاشقانلىقتىن مىڭىسىنىڭ سول تەرىپىدە ئۆسمە پەيدا بولۇپ قالغان. تېلېفۇن پاراڭلاشقان ۋاقىتتا ئۇ دائىم يانفۇننى سول قولىدا تۇتۇپ پاراڭلىشىدىكەن ۋە ئوڭ قولىدا بىر نەرسە خاتىرلەيدىكەن. دوختۇرلارنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئاشكارە بولىشىچە، ماركولىنى نىرۋا خاراكتىرلىك ئۆسمە كىسىلىگە گىرىپتار بولغان، گەرچە بۇ ئۆسمە ياخشى سۈپەتلىك بولسىمۇ، ئوپىراتسىيە قىلىپ ئېلىۋىتىش كىرەك ئىكەن. ئۇ بىر مەزگىل ئىلگىرى مەلۇم بىر ئىشچى-خىزمەتچىلەر تۆلەم ئورگىنىغا تۆلەم بىرىش ئىلتىماسى قىلغان ۋاقىتتا رەت قىلىشقا ئۇچرىغان. بۇ ئورگاننىڭ رەت قىلىشىنىڭ سەۋەبى بولسا ھىچقانداق ئىسپات ماركولىنىنىڭ كىسىلىنىڭ ئۇنىڭ خىزمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى دەلىللەپ بىرەلمەيدۇ.
بىراق، مەلۇم بىر يەرلىك سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقىرىپ ماركولىنىنىڭ كىسىلىنىڭ ئۇنىڭ تېلېفۇن سۆزلىشىش بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى، يەنى بۇ ئىككى ئىشنىڭ «سەۋەپ نەتىجە مۇناسىۋىتى» بارلىقىنى جەزىملەشتۈرگەن. ئالى سوت مەھكىمىسى 19-چىسلا ئەرز قىلغۇچىنىڭ ئىسپاتى ئىشەنچىلىك دەپ قاراپ، ئەسلى سوت ھۆكۈمىنى سساقلاپ قالغان.