رەسىمدىكى سۇ تامغىنى ئۆچۈرۈشتىكى ئەڭ ئەپچىل قۇرال – Teorex Inpaint
ئادەتتە توردىن چۈشۈرگە ئۈستەل تەگلىكى ياكى رەسىملەرنىڭ تولىسىدا رەسىمگە بېسىلغان سۇتامغا بولىدۇ . بەزى بىر شەخسى توربېكەتلەردىكى پايدىلىنىش رەسىملىرىگىمۇ شۇ توربەتنىڭ تامغىلىرى بېسىلغان بولىدۇ . شەخسەن مېنىڭ بلوگۇمدىكى كۆپۈنچە رەسىملەرگىمۇ ئوغۇرلۇقتىن ساقلىنىش رەسىمى بېسىلغان . ئەگەر بۇ تامغىلار سىزنىڭ ئېنتىرنېتتىن تېخىمۇ ياخشى ھوزۇرلىنىشىڭىزغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان بولسا ئېنقكى بۇ تامغىلارنى كۆزدىن يىراق قىلىشنى ئويلايسىز . photoshop دىمەتلىك نۇرغۇن رەسىم بىر تەرەپ قىلىش دېتاللىرىدىن پايدىلىنىپ بۇنى بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ . ئەمما گەپ بۇ دېتاللارنى كۆپۈنچىمىز ئىشلىتىشنى بىلمەيمىز ھەم قىسقا ۋاقىتتا ئۆگۈنۈشمۇ مۈشكۈل ئىش .
تورداشلارنىڭ توردىكى موھېم ماتىرىياللاردىن تېخىمۇ پاكىزە پايدىلىنىشى ئۈچۈن بۈگۈن مەخسۇس مۇشۇ خىل رەسىملەرگە بېسىلغان تامغىلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان كىچىك تىپتىكى قۇرال - Teorex Inpaintنى تونۇشتۇرىمەن .
Teorex Inpaint نى ئىشىلتىش ۋىندوۋىسنىڭ رەسىم سىزىش تاختىسىنى ئىشىلتىشتىنمۇ ئاسان دەپ قارايمەن. دېتالنى قوزغىتىپ بىر تەرەپ قىلماقچى بولغان رەسىمنى ئاچىمىز . ئاندىن ئۈستىنكى قۇرال سىتونىدىن 选择 نىڭ ئىچىدىكى 矩形工具 ياكى 多边形工具 دىن ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن تاللاپ ، رەسىم ئۈستىدىكى تامغىنى رايۇنغا ئالىمىز .
ئاندىن يېنىدىكى Inpaintكۆزنىكىدىن 消除 نى بېسىپ بىر تەرەپ قىلىشنى باشلىساق بولىدۇ . قالغان ئىشنى مەزكۇر دېتال رەسىم تەگلىكى ياكى ئارقا كۆرۈنۈشتىكى رەڭلەرنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ناھايتى ئۇستاتلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىدۇ .
ئەلۋەتتە يەنە رازى بولمىسىڭىز كەينىگە قايتۇرش كۇنۇپكىسى ، رەسىمنى چوڭايتىش ۋە كىچىكلىتىش قاتارلىق دائىملىق كۇنۇپكىلارمۇ كىرگۈزۈلگەن . شۇڭا خاتىرجەم ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ .
ئالتۇنمۇ %100 پىرسەنت ساپ ئەمەس ، شۇڭا بۇ دېتال ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلغان رەسىملەردىمۇ ئانچە مۇنچە نۇقسانلار ساقلىنىشى مۈمكىن . لېكىن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى باشقا دېتالنى تولۇق ئىشىلتىپ كېتەلمەيدىغانلار ئۈچۈن بۇنىڭدىن ئارتۇق ئاسان ئىش يوق .
دېتال نامى : Teorex Inpaint
دېتال نەشىرى : V2.1 汉化绿色特别版
سىغىمى : 1.28 MB
مەنبە : ۋىروس بلوگى