ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەدەبىيات  »  كومپيۇتېر ۋە يانفۇن

بارماق دىسكا 无法格式化 ھەققىدە

ۋاقتى : 2010-05-23  مەنبەسى : ساقلىۋالغانلىرىم  يوللىغۇچى : ئىنتىلگۈچى كۆرۈلىشى : قېتىم

 سوئال: بارماق دىسكىنى كومپيۇتېرغا سالسام، دىسكا بەلگىسى كۆرۈنىدۇ، ئەمما، ئۇنى قوش چەكسەم «فورماتلامسىز»-دەيدۇ، «ھەئە»نى بېسىپ داۋاملاشتۇرۇسام، فورماتلاپ ئاخىرىغا كېلەي دىگەندە، 无法格式化 (فورماتلاشقا ئامالسىز) دېگەن ئۇچۇر كۆرۈنىدۇ؟ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا بولامدۇ؟

جاۋاب: ناۋادا، بارماق دىسكا بەلگىسى كۆرۈنسە، بۇنى ئەلۋەتتە ئوڭشاشقا بولىدۇ. بۇ ئادەتتە بارماق دىسكا ئۆزەك ئىچىدىكى پروگراممىلارنىڭ ۋىرۇس تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنىڭ سەۋەبى بولۇپ، بارماق دىسكا قاتتىق دېتالىنىڭ سۈپەت مەسىلى ئەمەس.

 

1-خىل ئۇسۇل:

(1) ئالدى بىلەن  baidu.com غا كىرىپ USBOOT يۇمشاق دېتالىنى ئىزدەپ تېپىڭ، ئۇنى توردىن چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ.

(2) USB  دىسكا رايونىنى HDD (قاتتىق دىسكا) ھالىتىدە فورماتلاڭ. باشقا رايونلارنى فورماتلىۋېتىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ.

(3) ئېكراندىكى كۆرسەتمە بويىچە بارماق دىسكىنى تارتىۋېلىڭ ھەم يەنە قايتا سېلىڭ.

(4) ئەڭ ئاخىرىدا قوزغىتىش دىسكىسى ياساڭ. بۇ ۋاقىتتا USB دىسكا رايونىنى قوش چەكسىڭىز فورماتلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. «شۇنداق» نى بېسىپ داۋاملاشتۇرۇپ، FAT ھالىتىدە فورماتلاڭ.

(5) بارماق دىسكىنى قايتىدىن ئېلىپ سالسىڭىزلا بولىدۇ، تامام

 

2-خىل ئۇسۇل:

(1) ناۋادا، بارماق دىسكىنىڭ سىغىمى 2GB بولسا، قاتتىق دىسكىغا 2GB كىچىك بولغان (مۇمكىن بولسا 1.5GBچوڭلۇقتا) لوگىكىلىق تارماق رايون قۇرۇڭ. ئاندىن ئۇنى GHOST 11 ئارقىلىق گوستلاڭ.

(2) بارماق دىسكىنى كومپيۇتېرغا چېتىپ،  GHOST 11 نى قوزغىتىڭ. ئاندىن بايىقى گوست ھۆججىتىنى بارماق دىسكا بەلگىسى كۆرسەتكەن رايونىغا قايتۇرسىڭىز ئوڭشىلىدۇ.

 

يۇقىرىدىكى خالىغان ئۇسۇل ئارقىلىق، فورماتلاشقا مۇمكىن بولمايدىغان بارماق دىسكىنى ئوڭشاشقا بولىدۇ، ئەمما، ئىچىدىكى ھۆججەتلەر بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. شۇڭا، بارماق دىسكا ئىشلەتكۈچىلەر ئەڭ ياخشىسى ئۇچۇرلارنى قەرەللىك تۈردە قاتتىق دىسكىغا زاپاس ساقلاشتەك ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا