ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەدەبىيات  »  كومپيۇتېر ۋە يانفۇن

قاتتىق دىسكا ئاسراش بىلىملىرى

ۋاقتى : 2010-09-01  مەنبەسى : ئانا تۇپراق  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

قاتتىق دىسكا ئاسراش بىلىملىرى
 
1. CMOS دىن قاتتىق دىسكىنى تەكشۈرۈلمىسە، قاتتىق دىسكىنى ئاۋازى يۇقىرى بولسا ئېلېكتر ماتورى، ماگنىت بېشى، دىسكا يۈزى، كونتروللاش توك يولى بۇزۇلغان. بۇ خىل كاشىلىنى ئاسان ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، چوقۇم كەسپىي رېمونتخانىغا ئاپىرىش كېرەك.
2. نۆلىنچى ماگنىت يولى بۇزۇلغان بولسا DM ئارقىلىق نۆلىنچى ماگنىت يولىنى ئەسلىدىكى 1-ماگنىت يولىغا يۆتكەڭ. باشقا نورمالسىزلىق كۆرۈلسە، قاتتىق دىسكىنى قورال يۇمشاق دېتاللاردىن پايدىلىنىپ تەكشۈرۈڭ، ئەسلىگە كەلتۈرۈڭ، فورماتلاڭ، تۆۋەن دەرىجىدە فورماتلاڭ.
3. قاتتىق دىسكىنى ئىشلەتكەندە تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك.
(1) سىلكىنىشتىن ساقلىنىڭ: قاتتىق دىسكا نازۇك ساقلاش ئۈسكۈنىسى بولۇپ، قاتتىق دىسكا ئىشلەتكەندە ماگنىت باش دىسكا يۈزىدە لەيلەپ تۇرىدۇ (دىسكا يۈزى بىلەن ماگنىت باش ئارىلىقى بىر نەچچە مىكرومېتىر كېلىدۇ). قاتتىق دىسكا ئىشلىمىگەندە ماگنىت باش دىسكا يۈزىگە تېگىپ تۇرىدۇ، قاتتىق دىسكا ئوقۇش-يېزىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىۋاتقاندا سىلكىنىشكە ئۇچرىسا ماگنىت باش بىلەن دىسكا تېگىپ دىسكا بۇزۇلىدىغان، ئۇچۇر يوقاپ كېتىدىغان ئەھۋال شەكىللىنىدۇ، كومپيۇتېر ئۆچۈرۈۋېتىلگەن شارائىتىمۇ قاتتىق دىسكا سىلكىنمەسلىكى كېرەك.
(2) چاڭ-توزاندىن ساقلىنىڭ: چاڭ-توزان كۆپ، نەملىك مەۋجۇت شارائىتتا قاتتىق دىسكا نورمال ئىشلىمەيدىغان، قىسقا تۇتۇش ھاسىل بولۇپ، توك يولى بۇزۇلىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ.
(3) قاتتىق دىسكا ئوقۇش-يېزىش مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقاندا توكتىن ئۈزۈۋەتمەڭ. قاتتىق دىسكا ئوقۇش-يېزىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىۋاتقاندا دىسكا يۇقىرى سۈرئەتتە ئايلىنىۋاتقان بولغاچقا، توساتتىن توك ئۈزۈلسە ماگنىت باش بىلەن دىسكا سۈركىلىش نەتىجىسىدە قاتتىق دىسكىدا بۇزۇلۇش كۆرۈلىدۇ.
(4) ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىڭ : كومپيۇتېر ۋىرۇسى قاتتىق دىسكىغا نىسبەتەن زور دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلالايدۇ، شۇڭا يېڭى نەشردىكى ۋىرۇس تازىلاش يۇمشاق دېتاللىرى ئارقىلىق تازىلاپ تۇرۇڭ، كۆپ قېتىم فورماتلاشتىن ساقلىنىڭ. چۈنكى، كۆپ قېتىم فورماتلىغاندا قاتتىق دىسكىنىڭ ئۆمرى قىسقىرايدۇ.
(5) يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن ساقلىنىڭ: مۇھىت شارائىتىدا نەملىك يۇقىرى بولسا ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشقا ھەم ئارىلاپ - ئارىلاپ توكقا ئۇلاپ تۇرۇڭ، بۇنداق قىلغاندا كومپيۇتېردىن ھاسىل بولغان ئىسسىقلىق، نەملىكنى پارلاندۇرۇپ كومپيۇتېرنى قوغدايدۇ.
(6) كۈچلۈك ماگنىت مەيدانىدىن ساقلىنىڭ: كۈچلۈك ماگنىت مەيدانى قاتتىق دىسكىنىڭ دۈشمىنى، شۇڭا كۈچلۈك ماگنىت رادىئاتسىيىسىگە ئىگە ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى قاتتىق دىسكىدىن يىراق بولۇشى كېرەك.
(7) بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە قاتتىق دىسكىنىن تازىلاڭ، رەتلەڭ

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا