ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەدەبىيات  »  كومپيۇتېر ۋە يانفۇن

مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ

ۋاقتى : 2010-10-21  مەنبەسى : ئانا تۇپراق تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

 مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ(cpu) نى چۈشىنەمسىز؟


      ئاساسىي ئوقۇم 
      مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ cpuدەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، كومپيۇتېردىكى ئەڭ  يادرولۇق زاپچاس بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. كومپيۇتېر ئىقتىدارىنىڭ ياخشى ناچار   بولۇشى،cpuنىڭ خۇسۇسىيىتى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك،شۇنداقلا ئاساسىي تاختا  ۋە ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ ماسلىشىش بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ .
      1.1 ئالدىنقى باش لېنيە
      ئالدىنقى باش لېنيە ئېنگىلىزچىدە front side bus دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ ئادەتتە قىسقارتىلىپ FSBدەپ ئاتىلىدۇ. ئالدىنقى باش لېنيە (前端总线)cpu نىڭ سىرتقى بۆلەكلەر بىلەن ئۇچۇر باغلايدىغان بىردىنبىر ئېغىزى بولۇپ، بىر تەرەپ  قىلغۇچ مۇشۇ ئېغىز ئارقىلىق سىرتتىن سانلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشىدۇ. ھەمدە مۇشۇ ئېغىز ئارقىلىق ھېساپلاش نەتىنجىسىنى مۇناسىپ ئۈسكۈنە زاپچاسلارغا  يوللاپ بېرەلەيدۇ . ئالدىنقى باش لېنيە ئۇچى سۈرئىتى قانچە تېز بولسا ،cpuنىڭ  ئۇچۇر يوللاش سۈرئىتى شۇنچە تېز بولىدۇ .
      ئالدىنقى باش لېنيە ئۇچىنىڭ سۈرئىتى ئاساسلىقى ئالدىنقى باش لېنيە ئۇچىنىڭ  چاستوتىسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ . ئالدىنقى باش لېنيە ئۇچىنىڭ ئىككى خىل  ئوقۇمى بار بولۇپ:بىرى باش لېنيەنىڭ فىزىكىلىق خىزمەت چاستوتىسى (يەنى سىرتقى چاستوتىسى)؛ ئىككىنچىسى ئۈنۈملۈك خىزمەت چاستوتىسى (fsbچاستوتىسى)، بۇلار   ئالدىنقى باش لېنيە ئۇچىنىڭ سانلىق ئۇچۇر يوللاش سۈرئىتىنى بىۋاستە بەلگىلەپ  بېرىدىغان ئامىللاردۇر .
      Intelۋە amdشىركىتى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلىش ئۆزەكلىرىگە ئوخشاش بولمىغان  تېخنىكا قوللانغان بولغاچقا، بۇلارنىڭ FSBچاستوتىسى ۋە سىرتقى چاستوتىسىنىڭ  مۇناسىۋىتىدە ئوخشىماسلىقلار مەۋجۇت .   INTELبىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئىچكى ۋە سىرتقى چاستوتا مۇناسىۋىتى: FSBچاستوتا   =سىرتقى چاستوتا×4     AMDبىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئىچكى ۋە سىرتقى چاستوتا مۇناسىۋىتى : FSBچاستوتا   =سىرتقى چاستوتا×2 
      مەسىلەن : P42.8Cنىڭ چاستوتىسى 800MHZ،فورمۇلا ئارقىلىق بۇ تىپلىق مەركىزىي 
بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ سىرتقى چاستوتىسىنىڭ 200MHZ ئىكەنلىگىنى بىلىشكە بولىدۇ.   BARTONيادرو قىلىنغان ATHLAN XP2500+سىرتقى چاستوتىسى 166MHZ، فورمۇلا  ئارقىلىق بىز مەزكۇر مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ FSBچاستوتىسى 333   ئىكەنلىگىنى بىلەلەيمىز . نۆۋەتتە PENTIUM4مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ    ئالدىنقى باش لېنيە ئۇچىنىڭ چاستوتىسى800MHZ، AMDبىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئەڭ   يۇقىرى FSBچاستوتىسى 400MHZ، بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى INTEL بىر تەرەپ  قىلغۇچلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىقتىدارى يەنىلا يۇقىرى.
      1.2  ئىككىنچى دەرىجىلىك بوففېرلاش (二级缓存)
   ئىككىنچى دەرىجىلىك بوففېرلاش L2CACHEدىگىنىمىز شۇ بولۇپ ،ئادەتتە  قىسقارتىلىپL2دەپ ئاتىلىدۇ . ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى ئارقا سەپ سانلىق  مەلۇمات ئۇچۇرلىرىنى  ۋە بۇيرۇق كوماندىلارنى ساقلاشتىن ئىبارەت .L2 سىغىم مىقدارىنىڭ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچقا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ.L2  توپلانما بۆلەكنىڭ كىرىستال لامپا سانىغا بولغان ئېھتىياجى ناھايىتى يۇقىرى  بولۇپ، CPUتوپلانما بۆلىكىنىڭ ئەڭ كۆپ قىسمىنى ئىگەللەيدىغان ئورۇندۇر.   شۇڭلاشقا  يۇقىرى سىغىمدىكى L2نىڭ ياسىلىش تەننەرقى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ .  مۇشۇنداق بولغاچقاINTEL ۋە AMDشىركەتلىرى L2سىغىمىنىڭ پەرقىگە ئاساسەن،  مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ مەھسۇلاتلىرىنىڭ دەرىجىسىنى بەلگىلەيدۇ . نۆۋەتتە  بازارلاردا سېتىلىۋاتقان CPUلارنىڭ L2سىغىمى تۆۋەن بولغاندا 64K ، يۇقىرى  بولغاندا 2048 دىن ئېشىپ كېتىدۇ  .ئەلۋەتتە باھا پەرقىمۇ مۇناسىپ يۇقىرى   بولىدۇ . ئەگەر مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ L2سىغىمىنى كۆرۈش توغرا كەلسە  CPU Zيۇمشاق دېتالىدىن پايدىلىنىلسا بولىدۇ. بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ سىغىمى كىچىك  بولۇپ، ھەقسىز توردىن تېپىشمۇ ئاسان .
      1.3  ياساش تېخنىكىسى (制造工艺)
      ئادەتتە ئېيتىلىۋاتقان 0.18مىكرومېتىر، 0.13مىكرومېتىرلىق ياساش جەريانى دەل  ياسىلىش تېخنىكىسىنى كۆرسىتىدۇ . ياساش تېخنىكىسى cpuنىڭ ئېلىكتىرلىك  خۇسۇسىيىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ ، 0.18مىكرومېتىر ، 0.13  مىكرومېتىرلىق ئۆلچەم cpuنىڭ يادرولۇق مەركىزىي سىم يولىنىڭ كەڭلىكىنى   كۆرسىتىدۇ .سىم يولى قانچە تار بولسا cpuنىڭ سەرپىياتى ۋە قىزىش نىسبىتى شۇنچە تۆۋەن خىزمەت چاستوتىسىمۇ مۇناسىپ يۇقىرى بولىدۇ . شۇڭلاشقا  0.18مىكرومېترىلىق cpu يەتمەكچى بولغان ئەڭ يۇقىرى چاستوتا 0.13  مىكرومېتىرلىق cpuيەتمەكچى بولغان ئەڭ يۇقىرى خىزمەت چاستوتىسىدىن تۆۋەن ،   قىزىشىمۇ يۇقىرى بولىدۇ . ھازىر ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان مەركىزىي بىر تەرەپ  قىلغۇچلارنىڭ ھەممىسىگە ئاساسەن 0.13 مىكرومېتىرلىق ياساش تېخنىكىسى  قوللىنىلغان بولۇپ، بەزى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچلارنىڭ 0.09 مىكرومېتىرغا   يەتتى .تېخنىكا سەۋىيىسىنىڭ پىشىپ يېتىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇزۇنغا قالماي 0.09   مىكرومېترىلىق ياساش تېخنىكىسى ئاساسىي ئېقىمغا ئايلىنىشى مۇقەرەر .
      1.4  ئېقىم (流水线)
      ئېقىم ئوقۇمىمۇ بىر مۇھىم ئوقۇم بولۇپ، cpu ئېقىمى دېگىنىمىز – مەركىزىي بىر  تەرەپ قىلغۇچ يادرولۇقىدىكى ھېسابلىغۇچنىڭ لايىھەسىنى كۆرسىتىدۇ.بۇ خۇددى بىز زاۋۇتلاردا كۆرگەن ئېقىم سىزىقىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، مۇرەككەپ بولغان  ھېساپلاشلارنى نۇرغۇن ئاددىي بولغان ئاساسىي ھېساپلاشلارغا ئايلاندۇرۇپ،  ئاخىرىدا مەخسۇس لايىھەلەنگەن تارماققا يوللاپ ھېساپلاش مەشغۇلاتىنى  تاماملايدۇ. CPUئېقىم سىزىقى قانچىكى ئۇزۇن بولسا، ھېساپلاش نىسبەتەن شۇنچە  قولاي بولىدۇ. بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ خىزمەت چاستۇتىسىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.  ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرگە CPU نىڭ ئۈنۈمدارلىقىمۇ شۇنچە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ .  شۇڭلاشقا ئېقىم سىزىقى قانچىكى ئۇزۇن بولسا شۇنچە ياخشى دىيىش ئان ئاقىلانىلىك ئەمەس.
      CPUنىڭ ئېقىم سىزىق ئۇزۇنلىقى  cpuيەتمەكچى بولغان ئەڭ يۇقىرى خىزمەت  چاستوتىسىنى بەلگىلەيدىغان بولغاچقا، intelشىركىتى cpuنىڭ چاستوتىسىنى يۇقىرى كۆتىرىش ئۈچۈن دەرىجىدىن تاشقىرى ئۇزۇن ئېقىم لېنيەسى لايىھەلەپ چىقتى.willametteۋە northwood يادرولىقىدىقى ئېقىم سىزىقىنىڭ ئۇزۇنلىقى 20  پروجېكت بولۇپ نۆۋەتتە بۇ مىقدار يەنە ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە .

      1.5 ئۇلتىرا سىزىق مۇساپە تېخنىكسى(超线程技术)ئۇلتىرا سىزىق مۇساپە تېخنىكىسى ئېنگىلىزچىدا قىسقارتىلىپ HTدەپ ئاتىلدىغان
      بولۇپ، ئېنتىل شىركىتى ئېقىم سىزىقىنىڭ ئۇزۇن بولۇپ كىتىش سەۋەبلىك مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنڭ تۆۋەنلەپ كىتىش مەسلىسىنى ھەل قىلىش  ئۈچۈن لاھىيلەپ چىققان.ئۇلتىرا سىزىق مۇساپە تېخنىكسى بىر خىل ماسلاشما كۆپ  لېنيىلىك ئىجرا قىلدۇرۇش تېخنىكسى بولۇپ، بۇ خىلدىكى تېخنىكا ئىشلىتىلگەن  مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچلارنىڭ ئىچكى قىسمىغا ئىككى دانە لوگىكىلىق بىر  تەرەپ قىلىش بۆلىكى توپلاشتۇرۇلغان. دېمەك ،بۇ قوش بىر تەرەپ قىلىش گەۋدىسىگە  تەڭ بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا مۇستەقىل ماسلاشما ھالەتتە ھېسابلاش ئېلىپ بارالايدۇ. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا بىر مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ مەۋھۇم ھالەتتە ئىككىگە پارچىلىنىپ ،ئىككى مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ بىرلا ۋاقىتتا خىزمەت قىلغانغا باراۋەر .بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ھېسابلاش سۈرئىتىنى تېخىمۇ   تېزلىتىش نىشانىغا يەتكىلى بولىدۇ .
      2. مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى
      ئۆزەكلەرنىڭ ھېسابلاش سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشىغا ھەمدە قوللىنىش جەريانىدىكى   ئىقتىدارى تەلىپىگە بولغان ئېھتىياجنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، مەركىزىي بىر  تەرەپ قىلغۇچنىڭ خىزمەت پىرىنسىپىنى چۈشىنىۋېلىشمۇ مۇھىم بولۇپ قالدى. cpuنىڭ  سانلىق ئۇچۇرلارنى ئوقۇش، سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە سانلىق  مەلۇماتلارنى ساقلىغۇچقا يېزىش قاتارلىق ئۈچ خىل ئىقتىدارى بار .
      2.1  فىزىكىلىق تۈزۈلىشى
      مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ مىليونلىغان پەقەت مىكروسكوپ ئاستىدىلا كۆرگىلى  بولىدىغان كىرىستال لامپىلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ ، خېمىيىلىك ۋە فوتو  تاختاي باسمىسى ئارقىلىق بىر پارچە قوناق دانچىسى چوڭلىقىدىكى كېرمنىي  ياپراقچىسى ئۈستىگە توپلاشتۇرىۋېتىلگەن . بۇ مىكرو كىرىستال لامپىلار  0ۋە1ھالىتىنى ئىپادىلەيدىغان زەرەتلەرنى ساقلايدىغان بولۇپ، بۇلار دەل  كومپيۇتېردا ئېيتىلىۋاتقان ئىككىلىك كومپيۇتېر تىلىدىن ئىبارەت. گۇرۇپپىلارغا   بۆلۈنگەن كىرىستال لامپىلار بىرلەشتۈرۈلۈپ سانلىق ئۇچۇرلارغا قارىتا  لوگىكىلىق ۋە ماتېماتىكىلىق ھېساپلاش ئېلىپ بارىدۇ . ھەمدە بىر دانە كۇۋارتىس  تەۋرەنگۈچنىڭ ياردىمى بىلەن، ماسلاشما ھالەتتە ئۈنۈمىنى تولۇق جارى  قىلدۇرىدۇ. ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا ئۇلار سانلىق ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ   قىلالايدۇ .

      2.2  مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ تۈزۈلىشى
      مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىچكى ساقلىغۇچتا ساقلانغان ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ  قىلالايدۇ. بۇ ئۇچۇرلار سانلىق ئۇچۇر ۋە ياكى بۇيرۇق كوماندا بولىشى مۈمكىن .   سانلىق مەلۇماتلار ئىككىلىك ئىپادە ھالىتىدە بولۇپ بۇلار : ھەرپ-بەلگە، رەقەم  ۋە رەڭ قاتارلىقلارغا ئايرىلىدۇ. بۇيرۇق كوماندا مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچقا  نۆۋەتتە قايسى خىل سانلىق ئۇچۇرنى بىر تەرەپ  قىلىش كېرەكلىگىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. مەسىلەن ئۇلارغا قارىتا قوشۇش، ئېلىش ۋە ياكى يۆتكەش مەشغۇلاتى  قاتارلىقلار .
      مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ ئاساسلىقى سانلىق ئۇچۇرلارنى ئوقۇش، سانلىق ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش، ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى ساقلىغۇچقا يېشىشتىن  ئىبارەت ئۈچ ئاساسىي ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان. تۈزۈلۈش پىرىنسىپىدىن  ئېيتقاندا مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ تۆت بۆلەك بويىچە سانلارنىڭ 8 لىك  ئۇچۇرلارغا قارىتا مەشغۇلات ئېلىپ بارىدۇ . يەنى بۇيرۇق، بۇيرۇق كۆرسەتكۈچى، بەزى يۈكلىمە ساقلىغۇچ ۋە لوگىكىلىق ھېساپلاش بۆلىكى.
      بۇيرۇق كۆرسەتكۈچى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچقا ئېھيىتاجلىق بولغان بۇيرۇقنى  ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ قايسى ئورنىغا قويۇشنى ئېيتىپ بېرىدۇ. يۈكلىمە ساقلىغۇچ بولسا مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى  ۋاقىتلىق ساقلاش قۇرۇلمىسى بولۇپ، ھېساپلاشقا ئېھتىياجلىق بولغان سانلىق  ئۇچۇر ۋە ياكى بىر تەرەپ قىلىنىپ بولغان سانلىق ئۇچۇرلارنى ساقلاش  ئىقتىدارىغا ئىگە . (مەسىلەن ئىككى ساننىڭ ئۆزئار قوشۇلغاندىن كېيىنكى  نەتىنجىسى )
      لوگىكىلىق ھېساپلاش بۆلىكى قىسقارتىلىپ alu دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، مەركىزىي  بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ھېساپلاش قۇرۇلمىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئۇ بۇيرۇق  كۆرسەتكۈچى ئىزاھلاپ بەرگەن سانلىق ئۇچۇرلارغا قارىتا ماتېماتىكىلىق ۋە لوگىكىلىق  ھېساپلاش ئېلىپ بارىدۇ .
      مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىچكى قىسمىدا يەنە بەزى ياردەمچى ئاساسىي  بۆلەكلەر بار بولۇپ، مۇناسىپ قوشۇمچە ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان .  كوماندا يوللىغۇچ : ramۋە ياكى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ساقلاش  رايونىدىكى بۇيرۇقلارنى ئېلىپ بېرىدۇ .
      كۇدلىغۇچ : كوماندا يوللىغۇچىدىن ئېلىنغان بۇيرۇق كوماندىلارنى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ چۈشىنەلەيدىغان تىلغا ئايلاندۇرۇپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە  مەزكۇر بۇيرۇقنىڭ قايسى باسقۇچلار ئارقىلىق تاماملىنىدىغانلىقى بەلگىلىنىدۇ.  كونتىروللىغۇچ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ بارلىق مەشغۇلاتلىرىنى باشقۇرۇپ كونترۇل قىلىدىغان بولۇپ، aluنىڭ قايسى ۋاقىتتا ھېساپلاشنى باشلىسا بولىدىغانلىقىنى، كوماندا يوللىغۇچنىڭ قايسى ۋاقىتتا 0 نى ۋە ياكى 1 نى ئالسا  بولىدىغانلىقنى بەلگىلەپ بېرىدۇ . ھەمدە قانداق ۋاقىتتا كۇدلىغۇچنىڭ مەزكۇر   قىممەتنى ماشىنا تىلىغا ئايلاندۇرۇپ بېرىش كېرەكلىگىنى بەلگىلەپ بېرىدۇ .

      2.3 ئەگەشمە بۇيرۇقلارنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانى 
  بۇيرۇق كۆرسەتكۈچى ئىچكى ساقلىغۇچتىكى بۇيرۇقلارنى مەركىزىي بىر تەرەپ  قىلغۇچقا كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ ، كۆرسىتىپ بېرىلگەن  قىممەتنى بۇيرۇق يوللىغۇچ ئارقىلىق كۇدلىغۇچقا يوللاپ بىرىدۇ. كۇدلىغۇچ  بۇيرۇقنى ئىزاھلاپ مەزكۇر بۇيرۇقنىڭ قايسى جەريانلار ئارقىلىق ئىجرا   بولىدىغانلىقىنى بەلگىلەپ بېرىدۇ. نەتىجىدەalu مەزكۇر مەشغۇلاتنى ئىجرا قىلىش  بۇيرىقى چىقىرىدۇ ھەمدە سانلىق ئۇچۇرلارغا قارىتا ئېلىش قوشۇش ۋە ياكى باشقا  بىر تەرەپ قىلىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارىدۇ . مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ بىر تال  بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىپ بولغاندىن كېيىن ، كونتروللىغۇچ كوماندا يوللىغۇچقا  ئىچكى ساقلىغۇچتىن يەنە بىر بۇيرۇق يوللاشنى ئەسكەرتىدۇ، بۇ جەريان ئۈزلۈكسىز  داۋاملىشىدۇ. بۇ جەريان ئىنتايىن تېز بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا بىز ئېكراندا   كۆرىۋاتقان نەتىجە ھاسىل بولىدۇ.
      بارلىق بۇيرۇق ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا يۈز بېرىشى ئۈچۈن ، ھەر قايسى  بۆلەك گۇرۇپپىلار يەنە بىر ۋاقىت ھاسىللىغۇچقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ . ۋاقىت  ھاسسىلىغۇچ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ھەر بىر ھەركىتىنى تەڭشەپ تۇرىدىغان   بولۇپ، تەكرار ھالەتتە مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ سۈرئەت ئىمپولىسىنى   تەڭشەپ تۇرىدۇ. بۇ ئىمپولۇس سېكونتىغا مىليونلىغان قېتىم يەنىmhzئارقىلىق  ھېساپلىنىدىغان بولۇپ، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي  چاستوتىسىنى بەلگىلەپ بېرىدىغان بىرلىك بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ۋاقىت ھاسسىللىغۇچ  سېكونتىغا چىقارغان ئىمپولۇس قانچىكى يۇقىرى بولسا، مەركىزىي بىر تەرەپ  قىلغۇچنىڭ سۈرئىتى شۇنچە تېز بولىدۇ. ئوخشاش ئەھۋال ئاستىدا 700mhzلىق بىر   تەرەپ قىلغۇچنىڭ ھېساپلاش ئىقتىدارى 800mhzلىق مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ   ھېساپلاش ئىقتىدارىدىن تۆۋەن بولىدۇ . ئەمما بىر نەچچە مەركىزىي بىر تەرەپ   قىلغۇچ يانداشما ھالەتتە ۋە ياكى باشقا خىل ئۇسۇلدا خىزمەت قىلغاندا بۇ  ساننىڭ ئەھمىيىتى ئانچە چوڭ ئەمەس.

      2.4  مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ كۈچەيتىلگەن ئىقتىدارى 
    مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ بىر نەچچە ئاساسىي قىسىملىرى ئارقىلىقلا ئۆزىگە  تەئەللۇق خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ . ئەمما ئۇنىڭ ئومومىي ئىقتىدارىنى  يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلەش شىركەتلىرى، ئىزچىل  ئۇنىڭ ئاساسىي لايىھەلىنىشىگە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارماقتا. ئەڭ ئاخىرقى نىشان  ئوخشاش بولۇپ ، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ سۈرئىتىنى تېخىمۇ تېزلىتىشتىن   ئىبارەت .
      مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ سۈرئىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش تەتقىقاتى جەريانىدا،   ئۆزەك شىركەتلىرى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ  ram دىن سانلىق ئۇچۇر ۋە   ياكى بۇيرۇق تاپشۇرىۋېلىش جەريانىدا، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىچكى   قىسمىنىڭ ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق خىزمەت قىلمايدىغانلىقىنى بايقىدى. مەركىزىي  بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ بىكار ۋاقتىنى ئازايتىش ئۈچۈن ، ئۇلار مەركىزىي بىر  تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئىچكى قىسمىغا يەنە بىر cacheەپ ئاتىلىدىغان ساقلاش رايونى   قوشتى. بۇ ساقلىغۇچقا سانلىق ئۇچۇر ۋە بۇيرۇقلارنى ساقلاشقا بولىدىغان بولۇپ،   بۇ ئارقىلىق ramنى زىيارەت قىلىش قېتىم سانى  ئازايتىلدى .
      Cacheكېڭەيتىش ئىدىيىسىنىڭ تۈرتكىسىدە سېستىما ئىشلەش شىركەتلىرى يۇقىرى  سۈرئەتتىكى ramنى ئىككىنچى دەرىجىلىك cache ۋە ياكى L2 CACHEدەپ ئاتىدى .  ھەمدە بۇنى CPUۋە ئىچكى ساقلىغۇچ ئارلىقىدىكى ئۆتۈشمىگە ئورۇنلاشتۇردى.  مەزكۇر ساقلىغۇچ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچقا قانچە يېقىن بولغانسېرىRAMنى   زىيارەت قىلىش قېتىم سانى شۇنچە ئازىيىدۇ .   ئىككىنچى دەرىجىلىك CACHEنىڭ CPUئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتىرىشتىكى رولى    ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، ئادەتتە CPUنىڭ ئىچكى قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولىدۇ .


          Cpuتاللىغاندا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

      amd بىر تەرەپ قىلغۇچنى تاللاش كېرەكمۇ ياكى intel بىر تەرەپ قىلغۇچىنى
      تاللاش كېرەكمۇ لەيلىمە چىكىتلىك ھېسابلاش ئىقتىدارىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، ئىنتىل بىر تەرەپ   قىلغۇچنىڭ پەقەت ئىككى لەيلىمە چىكىتلىك ھېسابلاشنى ئىجرا قىلىش بۆلىكى بار .  amd مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئادەتتە ئۈچ دانە يانداشما لەيلىمە  چىكىتلىك ھېسابلاشنى ئىجرا قىلىش بۆلىكى بار . شۇڭلاشقا ئوخشاش دەرىجدىكى بىر  تەرەپ قىلغۇچلار ئىچىدە amd بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ لەيلىمە چىكىتلىك ھېسابلاش 
  ئىقتدارى ئىنتىل بىر تەرەپ قىلغۇچتىن ياخشىراق . لەيلىمە چىكىتلىك ھېسابلاش  ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچلارنىڭ  ئويۇن پروگراممىسى   ۋە ئۈچ ئۆلچەم پروگراممىسى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى مۇناسىپ كۈچلۈك بولىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا كۆپ ۋاستە جەھەتلەردە، intelشىركىتىنىڭ مەركىزىي بىر  تەرەپ قىلغۇچلىرىغا  sseبۇيرۇق توپلانمىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ ، نۆۋەتتە  تەرەققىي قىلىپ sse3كە قەدەم قويدى. Amdشىركىتىمۇ ئارقىدا قېلىشنى خالىماي    SSEگە ماسلىشالايدىغان 3DNOW! بۇيرۇق توپلانمىسى ۋۇجۇتقا كەلتۈردى . ئىككى   شىركەتنىڭ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچلىرىنى سېلىشتۇرغاندا intel مەركىزىي بىر  تەرەپ قىلغۇچنىڭ  كۆپ ۋاستە بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى AMD مەركىزىي بىر  تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئىقتىدارىدىن بىر قەدەر ياخشى بولۇپ، كۆپلىگەن يۇمشاق   دېتاللارSSE ئىقتىدارىغا قارىتا ئەلالاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان. شۇڭلاشقا كۆپ   ۋاستە يۇمشاق دېتاللىرى ۋە تەكشىلىكتە رەسىم بىر تەرەپ قىلىش يۇمشاق   دېتاللىرى Intelمەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنى ئاساس قىلغان كومپيۇتېرلاردا   تېخىمۇ  ياخشى خىزمەت قىلىشى مۈمكىن.
      قانداق مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچلارنى تاللاش مەسىلىسىدە،باھا ئامىلى  سېتىۋالغۇچىلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان  مەسىلە بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.  ئىقتىدار ۋە   دەرىجە جەھەتلەردىن ئوخشاش بولغان Intelمەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئومومىي جەھەتتىكى ئىقتىدارى AMD مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچتىن ياخشى بولىدۇ. ئەمما   باھا جەھەتلەردە AMD مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ مۇتلەق ئۈستۈنلىككە ئىگە. ئەڭ  ئاخىرقى تاللاش AMD بولىشى كېرەكمۇ ۋە ياكى Intelمەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ  بولىشى كېرەكمۇ ؟ يۇقىرىدا دەپ ئۆتكۈنىمىزدەك AMDمەركىزىي بىر تەرەپ   قىلغۇچلارنىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك لاھىيە، ۋە ئويۇن بىر تەرەپ قىلىش  جەھەتلەردىكى  ئەۋزەللىكى ئوخشاش دەرىجىدىكى Intelمەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچلاردىن   يۇقىرى.Intelمەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچلار سودا، كۆپ ۋاستە، تەكشىلىك  لايىھەسى،سىن بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەۋزەللىككە ئىگە.   ئىشلىتىلىشى جەھەتلەردىن باشقا يەنە باھا ۋە ئىقتىدارىنى  ئويلىشىشمۇ  ھالقىلىق مەسىلە بولۇپ ھېساپلىنىدۇ . شۇڭلاشقا سېتىۋالغۇچى تەرەپ يۇقارقى   كۆرسەتمىلەرگە ئاساسەن ئۆزىگە ئېھتاياجلىق بولغان مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچلارنى تاللاپ سېتىۋالسا بولىدۇ .

      مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ چاستوتىسى قانچە يۇقىرى بولسا ، ئىقتىدارى  شۇنچە ياخشى بولامدۇ ؟

      نۇرغۇن ئىستىمالچىلار مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ چاستوتىسى قانچە يۇقىرى  بولسا، ئىقتىدارى شۇنچە ياخشى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ بىر تەرەپلىمە قاراش  بولۇپ، بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئىقتىدارىنى سىنايدىغان بىردىنبىر  ئۆلچەم ئۇنىڭ  ھېساپلاش ئىقتىدارىدا، مەسىلەن بىر سېكونت ئىچىدە قانچىلىك بۇيرۇقلارنى ئىجرا  قىلىش، قانچە قېتىم لەيلىمە ھېساپلاش ئېلىپ بېرىش دېگەندەك. بۇ كۆرسەتكۈچلەر  بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئىچكى لايىھەلىنىشى ۋە چاستوتىسىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىكى  قاتارلىق ئامىللارنىڭ ھەممىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئەمەلىي ئىشلىتىش  جەريانىدا چاستوتىسى تۆۋەن بولغان بەزى AthlonXPبىر تەرەپ قىلغۇچلارنىڭ يۇقىرى چاستوتىلىق Pentium4مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچلاردىن ياخشى  ئىكەنلىگىنى بايقاشقا بولىدۇ . 

  AMDمەركىزي بىر تەرەپ قىلغۇچتىن Intelمەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ مۇقىم   بولامدۇ ؟

      بۇ نۆۋەتتە ئىستىمالچىلار بىر قەدەر كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ  بىرى بولۇپ، CPUغا نىسبەتەن ئېيتقاندا مەيلى Intel مەركىزي بىر تەرەپ قىلغۇچ  بولسۇن ۋە ياكى AMDمەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ بولسۇن،پەقەت ھەقىقىي مەھسۇلات  بولسىلا، كۆڭۈلدىكى قىممەت ھالىتىدىكى چاستوتا ئاستىدا ئۆزىنىڭ رولىنى جارى   قىلدۇرۇپ، مۇقىمسىزلىق ئەھۋالى ئاساسەن كۆرۈلمەيدۇ .  كومپيۇتېرنىڭ   مۇقىمسىزلىق ئەھۋالى ئاساسەن  ھەر قايسى قاتتىق دېتال قىسىملىرىنىڭ    ماسلاشماسلىقىدىنن كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن سوۋۇتقۇچ، توك مەنبە  ئىچكى  ساقلىغۇچ، ئاساسىي تاختا دېگەندەكلەر. ئەمما مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچلارنىڭ  ئۆزلىگىدىن مۇقىمسىزلىق ئەھۋالى كۆرۈلىشى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال   بولۇپ ھېساپلىنىدۇ .

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا