سىزنىڭ ئورنىڭىز : باش بەت >> ئۆلچەم >> ئاساسى ئۇقۇم

يىزىقنىڭ پەيدا بولىشى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتى

تۈر : ئاساسى ئۇقۇم | يېڭىلانغان ۋاقىت : 2012-07-31 16:51:58 | كۆرۇلىشى :

يىزىقنىڭ پەيدا بولىشى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتى


يىزىقنىڭ پەيدا بولىشى


يىزىق ئىنسانلار جەمئىتى تەرەققى قىلىپ مەلۇم باسقۇچقا كەلگەندىن كىيىن ، كىشىلەرنىڭ كۈنسىرى موكەممەلىشىۋاتقان ئالاقا ئھتىياجىنىڭ تەققەززاسىدىن پەيدا بولغان. يىراق قەدىمقى زامانلاردا ئىشلەپچىقىرىش قالاق، تۇرمۇش ئاددى ئىدى. ھەر بىر ئىجتىمائى گوروھتىكى ئادەملەرنىڭ سانى كۆپ بولمىغاچقا، ئەستە قالدۇرۇشقا تىگىشلىك ئىشلارمۇ ئاز بولوپ ، كۆڭۆلدە ساقلىسىلا ياكى ئاڭلاپ، سۆزلەپ قويسىلا كۇپايە قىلاتتى. لىكىن جەمىيەتنىڭ ئۆزلىكسىز تەرەققى قىلىشى، ئاھالىنىڭ تىز كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ بىر قەدەر چوڭ ئۇرۇقداش قەبىلىلەر بارلىققا كەلدى ، ئىتىمائى تۇرمۇش مۇرەككەپلەشتى ،ئەستە قالدۇرۇشقا تىگىشلىك ئشلار بارغانسىرى كۆپەيدى .

 يىزىقنىڭ تەرەققىياتى


يىزىقنىڭ تەرەقىيات باسقۇچىدىن قارىغاندا، دۇنيادىكى يىزىقلارنىڭ تەرەققىيات جەريانىنى تەسۋىرىي يىزىق ،مەنىلىك يىزىق ۋە تاۋۇشلۇق يىزىقتىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ.

 ئىنسانلار بارغانسىرى مورەككەپلىشىۋاتقان ئالاقە ئھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن ، رەسىم بىلەن ئىش خاتىرلەش ئۇسۇلىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ ۋە تولوقلاپ، تەسۋىرىي يىزىقنى ئىجاد قىلدى. تەسۋىرىي يىزىقتا ھەر بىر رەسىم ياكى نەرسىنىڭ شەكلى تىلدىكى مەلۇم بىر سۆزنى ئىپادىلەيدۇ ۋە شۇ سۆز بىلەن موقىم باغلىنىشتا بولىدۇ. بۇ خىل يىزىقتا شەيئىنىڭ شەكلى ئاساسى ئۆلچەم قىلىنغاچقا، خەت شەكلىنى كۆرگەندە رەسىمدە سىزىلغان شەيئى ياكى ھەركەتنىڭ ئوبىرازى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولىدۇ. قەدىمقى مىسىر ىيزىقى ۋە خەنزۇلارنىڭ دەسلەپكى چىغناق  تاغاق يىزىقى تسۋىرى يىزىق ھىسابلىنىدۇ.

تەسۋىرىي يىزىقتا كىشىلەر خەتنى رەسىمگە قاراپ تۇنۇپ شەكلىگە قاراپ مەنە بەرگەچكە ،شۇ تىلنى بىلمەيدىغان كىشىلەرمۇ مەنىسىنى ئاز تولا قىياس قىلايدۇ. لىكىن بۇيىزىق تىل تەركىبلىرىنى تولوق خاتىرلەپ بىرەلمەيتتى. چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن كونكىرت شەيئىنى بىلدۈرىدىغان شەكەلنى سىزغىلى بولىدىغان سۆزلەرنى خاتىرلەشكە بولسىمۇ، ئەمما ئابىستىراكىتنى ئۇقۇملارنى ئىپادىلەيدىغان، شەكىلنى سىزغىلى بولىدىغان سۆزلەرنى خاتىرلىگىلى بولمايتتى. بۇ نوختىنى چۈشەنگەن ئىنسانلار تەسۋىرى يىزىقىنى تىخىمۇ ياخشىلاپ، بەزى مورەككەپ ياكى ئابىستىراكىت ئۇقۇملارنى ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق رەسىم ياكى شەكىلنى بىرلەشتۈۈش ئارقىلىق ئىپادىلەپ، ئاستا ئاستا مەنىلىك يىزىقنى ياراتتى.

مەنىلىك يىزىق

مەنىلىك يىزىقتا ئوبىكتىپ شەيئىلەر بىۋاستە سىزىلماستىن ، بەلكى بەزى شەكىل ۋە بەلگىلەر سىزىلىدۇ. بۇنى كىشىلەر كۆرۈپ مەنىسىنى ھىس قىلىدۇ. مەنىلىك يىزىق ئادەتتە مەنە بەلگىسى ، تاۋۇش بەلگىسى ۋە تۈر بەلگىسىدىن تەركىب تاپقان بولىدۇ. مەنە ئادەتتە مەنە بەلگسى شەكىلگە قاراپ سىزىلغان رەسىمنى كۆرسىتىدۇ. تۈر بەلگىسى ئاددىيلاشتۇرۇلغان شەكىل بولوپ، سۆزنىڭ مەنە دائىرسىنى بىلدۈرىدۇ؛تاۋۇش بەلگىسى سۆزنىڭ ئوقولىشىنى كۆرسىتىدۇ.خەنزۇ يىزىقى مىسىرنىڭ موقەددەس كىتاب يىزىق ۋە ئوتتۇرا ئامرىكا قىتئەسىدىكى مايا يىزىقى قاتارلىقلار مەنىلىك يىزىق سىستىمىسىغا كىرىدۇ.

مەنىىلىك يزىق تەسۋىرىي يىزىقتىن خىلى ئىلغار بولسىمۇ ھەمدە ئۇنۇڭدا تەسۋىرى يىزىقتا ئىپادىلەشكە بولمايدىغان بەزى ئابىستىراكىت مەنىلەرنى ئىپادىلەشكە بولسىمۇ، لىكىن ئۇ يەنىلا نورغۇن يىتەرسىزلىكلەردىن خالى بولالمىدى، يەنى تىلنى موكەممەل خاتىرىلەپ بىرەلمىدى. شۇڭا خەنزۇ يىزىقىدىن باشقىلىرى جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئىلگىرى ئاخرى بولوپ تارىخ تەرىپىدىن شاللىۋىتىلدى.

تاۋۇشلۇق يىزىق

 تاۋۇشلۇق يىزىق تاۋۇش لۇق يىزىق يىزىقنڭ تەدىرىجى ئوزگىرىپ موكەممەلىلشىپ بىرىشنىڭ مەھسولى .تەخمىنەن مىللادىدىن ىئككى مىڭ يىل ئىلگىرى سورىيە پەلەستىن ئەتىراپىدا ياشىغان سىمىتىلار قەدىمكى مىسر يىزىقىنى ئىجات قىلىپ ،ئىنسانىيەت تارىخىدا تونجى تاۋۇشلۇق يىزىقنى ئىجات قىلدى ئۇنىڭىدا شەئىلەرنىڭ رەسمى سىزىلمايدۇ ھەم شەئىلە ارنڭ رەسمى سىزىلمايدو ھەم شەئىلەرنىڭ رەسىم ئارقىلىق كورسىتەلمەيدو بەلكى تىل ئارقىلىق يورۇش بەلگىلەر سىستىمىىسى بىلەن خاتىرلىنىدۇ .تاۋوشلۇق يىزىقنىڭ بەلگە  سانى نىسپىتەن ئاز ،شەكلى ئاددى بولغاچقا ،ئۇنى يىزىش تونۇش ۋەئەستە قالدۇرۇش تەس ئەمەس .بۇخىل يىزىق ئارقىلىق تىلدىكى بارلىق سوز جۇملىلەرنى خاتىرلىىگىلى بولىدۇ ،ھازىرقى دۇنيادا تاۋۇشلوق يىزىقلارنىڭ تۇرى كۇپ .شۇڭا ئۇنى بەلگە ئىپادىلىگەن تاۋۇش بىرلىكىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىگە قاراپ ،بوغۇملۇق يىزىق ،ئۇزۇك تاۋوشلۇق يىزىق ۋە فۇنىمىلىق يىزىق دىگەن ئۇچ تۇرگە بولۇشكە بولىدۇ.

بىر بوغوملوق يىزىق .بىر بەلگە بىلەن بىر بوغومنى ئىپادىغان يىزىق بوغوملوق يىزىق دىيىلىدۇ. تاپۇن كانا يىزىقى تىپىك بوغوملوق يىزىق ھىسابلىنىدۇ.

دىمەك، بوغوملوق يىزىقتا بىر بەلگە(ھەرپ)بىر بوغومغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئوخشاش بولمىغان بوغوم ئوخشاش بولمىغان بەلگە بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بىر سۆزدە قانچە بوغوم بولسا ، شۇنچە بەلگە بىلەن خاتىرلىنىدۇ.

ئۈزۈك تاۋۇشلۇق يىزىق. ئۈزۈك تاۋۇشنىلا ئىپادىلەپ، سوزوق تاۋۇشلارنى ئىپادىلىمەيدىغان يىزىق ئۈزۈك تاۋۇشلۇق يىزىق دەپ ئاتىلىدۇ.بۇ خىل يىزىقتا ئۈزۈك تاۋوشلارنى ئىپادىلەش ئۇچۇن ھەىرىپ بەلگىلەنگەن بولۇپ ،سۇزوق تاۋۇشلار قوشۇمچە بەلگە ئارقىلىقلا ئىپادىلنىدو ياكى پەقەت ئىپادىلەنمەيدو .ئوزۇك تاۋۇشلوق يىزىق ئادەتتە ئۇزۇك تاۋۇش كۇپ ،سوزۇق تاۋۇش ئاز بولغان تىللاردا قوللىنىدو .دىمەك بۇ خىل يىزىقنىڭ ئاساسى رولى ئوزۇك تاۋوشلارنى ئىپادىلەش بولۇپ ،سوزۇق تاۋۇشلار قوشۇمچە بەلگىلەر بىلەن ئىپادىلنىدو .

فونىمىلىق يىزىق .مەلوم بىر تىلدىكى ،فونىماسىستىمىسنى تولۇق ئىپادىلەپ بىرىدىغان يىزىق فونىمىلىق يىزىق دىيىلىدو ئۇيىزىق تەرەققىياتىنىڭ كىيىنكى دەۋىرلىرىنىڭ مەھسولى بولۇپ تاۋوش قورۇلمىسى ۋە سوزنىڭ مورفولوگىلىك ئوزگىرىشلىرىنى توغرا ئىپادىلەپ بىرەلەيدو . فونىمىلىق يىزىقتا ھەرىپ سانى كوپ ئەمەس ،ئادەتتە ھەر بىر فۇنىما بىر بەلگە (ھەرىپ)ئارقىلىق ئىپادىلنىدو .مەلوم بىر يىزىق سىستىمىسىدا قوللىنىدىغان ھەرىپلەر ۋەئولارنىڭ لوشولۇپ يىزىلىش قائىدىسى ئىگىلىۋىلىنسا ئومومەن ھەرقانداق بىر سوزنى ئاڭلاپلا يازغىلى بولىدۇ .ئونى ئوگىنىش يىزىش ئەستە قالدۇرۇش ئاسان .شۇڭا دۇيادىكى مۇتلەق كوپ ساندىكى تىللار فۇنىمىلىق يىزىقنى قوللنىىۋاتىدۇ .ھازىرغىچە مەنىلىك يىزىق ياكى بوغوملوق يىزىق ،گىرىك يىزىقى ،ئىنگىلز يىزىقى رۇس يىزىقى ۋە ئويغۇر يىزىقى قاتارلىقلار فۇنىمىلىق يىزىق ئوموملاشتۇرلوپ ئىلىپەلىك يىزىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ .


خەتكۇچ : يىزىق پەيدا بولۇش تەرەققىيات
قولايلىق ئۇلىنىش،تەشۋىقاتلار