سىزنىڭ ئورنىڭىز : باش بەت >> ئۆلچەم >> ئاساسى ئۇقۇم

يىزىق بىلەن تىلنىڭ موناسىۋىتى ۋە پەرقى

تۈر : ئاساسى ئۇقۇم | يېڭىلانغان ۋاقىت : 2012-07-31 16:58:01 | كۆرۇلىشى :

يىزىق بىلەن تىلنىڭ موناسىۋىتى ۋە پەرقى


يىزىق مەلوم بىر كونكىرىت تىلغا بىقىنغان ھالدا مەۋجوت بولوپ تۇرىدۇ ھەمدە شۇ تىلنى خاتىرلەش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئالاقىلىشىش ،ئوز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش بىر بىرىنى چۇشىنىشىدە ۋاستىلىق رول ئويناپ ،شو يىزىقنى قوللانغوچى ئىجتىمايى كوللىكتىپ ئۇچون ئورتاق خىزمەت قىلىدۇ ،يىزىق تىل ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن .مەلوم بىر يىزىق كونكىرىت بىر تىلغا ۋەكىلىك قىلىدۇ ،تىل بۇلمىسا ،يىزىقمو مەۋجوت بولمايدۇ ،يەنى تىل بىرلەمچى ،يىزىق ئىككىلەمچى نەرسە .يىزىقمو خوددى تلغا ئوخشاش سىنىپىلىققا ئىگە ئەمەس ،ئۇپۇتكۇل خەمىيەت ئۇچۇن خىزمەت قىلىدۇ .بۇ نۇختىدىن قارىغاندا ،يىزىق بىلەن تىلنىڭ موناسىۋىتى زىچ .لىكىن تىل بىلەن يىزىق ئوتتورسىدا ماھىيەتلىك پىرىقمۇ بار .ئۇلارئوتتورسىدىكى پەرىقلەرنى توۋەندىكىدەك مەزمونلاردىن كورۇشكە بولىدۇ

1-يىزىق بىلەن تىلنىڭ پەيدا بولغان دەۋىرى بىر ئەمەس. تىل ئىنسان ۋە ئىنسانلار جەمئىيىتى بارلىققا كىلىش بىلەن تەڭلا پەيدا بولوپ ناھايىتى ئۇزاق زامانلاردىن كىيىن، ئىنسانلار جەمئىيىتى تەرەققى قىلىپ مەلوم باسقۇچقا يەتكەن مەزگىلدە، كىشىلەرنىڭ كۈندىن كۈنگە مورەككەپلىشىۋاتقان ئالاقە ئىشلىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن بارلىققا كەلگەن.

2-كىشىلەرنىڭ تىلغا ئادەتلىنىش دەرىجىسى بىلەن يىزىققا ئادەتلىنىش دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ. ھەر بىر ئادەم كىچىكىدىن تارتىپلا مەلوم بىر تىل موھىتىدا ياشايدۇ ۋە تىلىنى ئۆگىنىدۇ ھەم ئۆگەنگەن شۇ تىل موھىيتىغا پۈۈتنلەي ئادەتلىنىپ كىتىدۇ، كىشىلەر بۇ ئادەتنى ئاسان ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ئادەتتە بىر تىلنى ئۆگىنىشتىن ئۇنىڭ يىزىقىنى ئۆگىنىش كۆپ ئاسان. يىزىقنىڭ قوللىنىش دائىرسى تىلنىڭكىدەك كۆپ ئەمەس. ئۇنىڭ ئۆستىگە كىشىلەر تىلنى دائىم ئىشلىتىدۇ، يىزىقنى بولسا ھەر ۋاقىت، ھەر دائىم ئىشلەتمەيدۇ.

3-يىزىقنى كىشىلەر سوبىكتىپ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ياخشىلىيالايدۇ ۋە ئۆزگەرتەلەيدۇ، ھەتتا بىر يىزىقنى تاشلاپ، ئىككىنچى بىر خىل يىزىققا كۆچەلەيدۇ. لىكىن تىلنى كىشىلەر ئۆز تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ئۆزگەرتەلمەيدۇ. مەلوم ۋاقىت ئىچىدە پۈتكۈل تىل ئىجتىمائى كوللىكتىپ بويىچە قوللىنىۋاتقان تىلنى تاشلاپ باشقا بىر تىلنى قوللىنىش مومكىن ئەمەس. تىلنىڭ تەرەقىياتى تەدىرىجى ۋە ئاستا  ئاستا بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۆزگىرىشى كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىگە بىقىنمايدۇ.

4-تىل ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە بىر بىرىنى چۈشىنىشىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئاڭ موھىم ئالاقە قورالى بولوپ، تەپەككۇر بىلەن بىۋاستە باغلىنىشقا ئىگە.يىزىق بولسا تاۋۇشلوق تىلنى ئىپادىلىگۈچى شەرتلىك بەلگىلەر سىستىمىسى بولوپ تىلنى خاتىرلەش ۋاستىسى ئارقىلىق ئاندىن تەپەككۇر بىلەن باغلىنىدۇ.


خەتكۇچ : يىزىق تىل موناسىۋەت پەرق
قولايلىق ئۇلىنىش،تەشۋىقاتلار