سىزنىڭ ئورنىڭىز : باش بەت >> ئۆلچەم >> ئاساسى ئۇقۇم

يىزىق ۋە يىزىقشۇناسلق

تۈر : ئاساسى ئۇقۇم | يېڭىلانغان ۋاقىت : 2012-07-31 16:44:16 | كۆرۇلىشى :

يىزىق ۋە يىزىقشۇناسلق


تىلنى خاتىرلەيدىغان يازما شەرتلىك بەلگىلەر سىستىمىسى يىزىق دەپ ئاتىلىدۇ . يىزىق ئاەتتە ئىلىپبە ، ئىملا قائىدىسى ۋە تىنىش بەلگىلەرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


يىزىق تىلنىڭ ئالاقە ۋاستىلىرىنىڭ رولىنى كىىڭەيتىدىغان، ئىنسانلارنىڭ بىر بىرنى چۈشۈنىشىدىكى ، پىكىر ئالماشتۇرۇشىدىكى ۋە بىر بىرى بىلەن ئالاقە قىلىشىدىكى مۇھىم ياردەمچى ۋاستىدۇر .مەلۇم بىر يىزىق كونكىرىت بىر تىلغا بىقىنىغان ھالدا مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدۇ ھەم ئۆزى خاتىرلىگەن تىلنى قوللانغۇچى مىللەت ياكى ئىجدىمائى كوللىكتىپنىڭ نامى بىلەن قوشۇلۇپ ئاتىلىدۇ .مەسىلەن ،ئۇيغۇر تىلىنى خاتىرلەيدىغان يازما بەلگىلەر سىستىمىسى ئۇيغۇر يىزىقى ،خەنزۇ تىلنى خاتىرلەيدىغان يازما بەلگىلەر سىستىمىسى خەنزۇ يىزىقى دەپ ئاتىلغىنىغائوخشاش .مەيلى قايسى خىلدىكى يىزىق بولسۇن ،تۈرلۈك بەلگە بىلەن تىلدىكى تەركىپلەر (تەلەپپۇز ۋە مەنە )نى خاتىرلەيدۇ .ھەرقانداق بىر يىزىقتا ھەرىپ ياكى خەت شەكلى ،ھەرىپلەرنىڭ ئوقۇلۇشى ۋە ھەرىپلەر ئارقىلىق ئىپادىلىنىدىغان مەنىدىن ئىبارەت ئۈچ ئامىل بولىدۇ ،ھەرىپ شەكىللىرى يىزىققىلا خاس ،ھەرىپلەرنىڭ ئوقۇلۇشى ۋە ھەرىپ ئىپادىلىگەن مەنىلەر بولسا ،شۇ يىزىق بىلەن خاتىرلىنىدىغان تىلنىڭ تاۋىشى ۋە شۇ تىلدا ئىپادىلىنىدىغان مەنە ئاساسىغا قۇرۇلغان بۇلىدۇ .دىمەك ،يىزىق تىلىنىڭ سۆزلەش ۋە ئاڭلاش سىستىمىسىغا ماسلاشقان شەكلىنى يىزىش ۋە كۆرۈش سىستىمىسىغا ماسلاشتۇرۇش جەريانىنڭ مەھسۇلىدۇر .تىل ھامان يىزىقتىن ئۆزىنى توغرا خاتىرلەشنى تەلەپ قىلىدۇ .شۇڭا يىزىق ئۆزى خاتىرلىۋاتقان تىلنىڭ فونىتىكىلىق ئالاھىدىلىككە ۋە قۇرۇلما ئالاھىدىلىكىگە ماسلاشقان بولۇشى كىرەك .لىكىن مەلۇم بىر تىل بىلەن ئۇنى قانداق يىزىق ياكى ھەرىپ سىستىمىسى ئارقىلىق خاتىرلەش ئوتتۇرىسىدا مۇقەررەر باغلىنىش يوق ،.چۈنكى مەلوم بىر تىلنى لاتىن يىزىقى سىستىمىسى بىلەنمۇ، ئەرەپ يىزىقى سىسىتىمىسى بىلەنمۇ خاتىرلەشكە بولىدۇ. بىراق مەلۇم بىر تىلنى مەلۇم بىر يىزىق ياكى ھەىرىپ سىسىتىمى بىلەن خاتىرلەش بىكىتىلىپ بولغاندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ ئوتتورسىدا بەلگىلىك موناسىۋەت شەكىللەنگەن بولىدۇ. ھەم شۇنىڭغا موناسىپ بىر يۈرۈش يىزىش قائىدىلىرى تۈزۈپ چىقىلىدۇ. شۇ يىزىقنى قوللانغۇچىلار بۇ قەئىدىلەرگە بىردەك ئەمەل قىلغاندىلا يىزىقنىڭ يولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى بولىدۇ. ھەر قاندان بىر يىزىق ئۆزى بىقىنىدىغان تىلغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىپ ئۇنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. چۈنكى، يىزىق بولغاندىلا، مەلۇم دىئالىكىت ئاساسىدا يىزىق تىلىنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئەدەبى تىلنىڭ شەكىللىنىشى ۋە قىلىپلىششىشى ئىلگىرى سۈرىلىدۇ. ھەتتا تىلدىكى بىر قىسىم قىسقارتىما سۆزلەر يىزىق ئاساسىدا بارلىققا كىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، يىزىق تىلىنىڭ موكەممەللىشىگە، بىيىشىغا ۋە بىرلىككە كىلىشىگە ناھايىتى زور ياردەم بىرىدۇ. تىل ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم . ئالاقە قورالى بولسىمۇ، لىكىن ئۇ زامان ۋە ماكاننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچىرايدۇ. يەنى جانلىق تىل ئەينى بىر سوروندا بولغان سۆزلۈگىچى، ئاڭلىغۇچىلار ئالاقىلىش ئۈچۈن ئەڭ موكەممەل ئالاقە قورالى بولوپ خىزمەت قىلسىمۇ، ئەينى بىر سورۇندا بولمىغان، بەلكى يىراق ئارلىقتا تۇرغان ئاڭلىغۇچى، سۆزلىگۈچىلەر ئارا بىۋاستە ئالاقىلىشىشى قورالى بولوپ خىزمەت قىلالمايدۇ. يىزىقنىڭ بارلىققا كىلىشى تىلنىڭ مۇشۇ يىتەرسىزلىكىنى تولوقلىدى. يزىق ئىنسانلارنىڭ ئوي پىكىرىنى يىراق جايلارغا ۋە يراق كەلگۈسىگە يەتكۈزۈپ، كىشىلەرنىڭ ئۆز تەجىرىبە ساۋاقىرىنى، مەدەنىيەت بىلىملىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۇنى ئەۋلتتىن ئەۋلاتقا مىراس قالدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. يىزىق ئىلىم  پەن ، مەدەنىيەت مائارىپ ئىشلىرىنى تىز سۈرئەت بىلەن تەرەققى قىلدۇرۇشتا تۈرتكۈلۈك رول ئويناپلا قالماستىن، بەلكى ئىنسانلار تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان بارلىق پەن تىخنىكا يىڭىلىقلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىشتىكى مول تەجىربىلەرنى جەمىيەتكە كىڭەيتىش جەھەتلەردىمۇ موھىم رول ئوينايدۇ. قىسقىسى ، يىزىقنىڭ رولىنى تۆۋەندىكى تۆت نوختىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

(1) يىزىق ئىنسانيەت مەدەنىيىتنىڭ موھىم ئامىللىرىدىن بىرى. ئۇنىڭ بارلىققا كىلىشى ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت دەۋىرىگە قەدەم قويغانلىقىنىڭ مۇھىم نامايەندىسى . ئۇ ئىنسانلار جەمىئىيىىتىنىڭ ۋە پەن مەدىنىيىتنىڭ تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن تۈرتكۈلۈك رول ئوينىدى. چۈنكى، يىزىق ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەجىربىلىرىنى يەكۈنلەش، پەن تىخنىكىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئىمكانىيتىنى ياراتتى.

(2) يىزىق جانلىق تىلنىڭ زامان ۋە ماكان جەھەتتىكى چەكلىمىلىكىنى تولوقلىدى. چۈنىكى ئىبنسانلار ئۆزلىرىنڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىنى، ئوي پىىرلىرىنى، تەجىربە ساۋاقلىرىنى يۋزىق ئارقىلىق كىيىنى ئەۋلاتلارغا قالدۇرۇپ يىراق جايلارغا يەتكۈزۈپ، جەمىيەت ۋە ئىنسانلار مەدىنىيىتىنى ئىزچىل تەرەققى قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

(3) يىزىق تىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تىلنى قىلىپلاشتۇرۇش ۋە ئومومىلاشتۇرۇشتا ھەم ئەدەبى تىلنىڭ شەكىللىنىشىدە موھىم رول ئوينايدۇ. چۈنكى، يىزىق بولغاندىلا ، كىشىلەر جانلىق تىلنى خاتىرلىۋىلىپ، ئۇنى رەتلەش، پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق تىلنى قىلىپلاشتۇرۇش ،ئوموملاشتۇرش، بىيىتىش، موكەممەللەشتۈرۈش شۇنداقلا تەرەققى قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگەئىگە بولىدۇ (4)يىزىق پەن مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئگىلەش ،مىللەتلەر ئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە تىل ئۆگۈنۈشنىڭ قورالى ،بىلىم سەۋىيسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاساسى ھەم ئاچقۇچى .چۈنكى يىزىقتىن ئبارەت بۇ قورال پۇختا ئگىۋىلىنسا ،ھەر ۋاقىت ،ھەر قانداق جايدا پەن مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگەنگىلى ۋە سەۋىىسىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ .يىزىقنىڭ ياردىمى ئارقىلىق مەيلى ئانا تىل ياكى چەتئەل تىلى بولسۇن ،ئۇلارنى سىسىتىمىلىق، توغىرا ۋە تىز ئۈگىنىۋالغىلى بولىدۇ. گەرچە ئىنسانلار تىلىنى يىزىق بىلەن خاتىرلەپ، تىلنىڭ ئالاقىلىشىش رولىنى كىڭەيتكەندىن باشقا يەنى تىلگىرامما، تىلىفۇن ، ئۈنئالغۇ، ئاۋاز كۈچەيتكۈچ، تىلىۋىزۇر قاتارلىقلار بىلەنمۇ تىلنى خاتىرلەپ، ساقلاپ ۋە تارقىتىپ جانلىق تىلنىڭ ئالاقىلىشىشى رولىنى كىڭەيتكەن بولسىمۇ لىكىن ئۇلار يىزىقتەك قولايلىق ۋە كەڭ ئوموملاشقان ئەمەس. شۇڭا بۈگۈنكى كۈندىمۇ يىزىق يەنىلا ئىنسانلارنىڭ ئەڭ موھىم ياردەمچى ئالاقە قورالى بولوپ كەلمەكتە.


خەتكۇچ : يىزىق يىزىقشۇناسلق يىزىقشۇناس
قولايلىق ئۇلىنىش،تەشۋىقاتلار