نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 642 قېتىم كۈرۈلدى
ياپونىيەنىڭ نىئىگاتا ۋە فۇكىشىما ئايمىقىدا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -31
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : ئوكيان

 

Www.AnAdiyar.Cn 
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 30-ئىيۇل خەۋىرى: ياپونىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 29-ئىيۇلدىكى قارا يامغۇر ياپونىيەنىڭ نىئىگاتا ۋە دېڭىز تاشقىنىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان فۇكىشىما ئايمىقىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا 700 مىللىمېتىرغا يېتىپ كەلكۈن ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان، 1 ئادەم ئۆلگەن، 4 ئادەم يوقاپ كەتكەن. نىئىگاتا ئايمىقىدا 29-ئىيۇل كەچتىن باشلاپ پاناھلانغان ئامما 400 مىڭغا يەتكەن.
ياپونىيە ھاۋارايى ئىستانسىسىنىڭ دېيىشىچە، قارا يامغۇرنىڭ كېلىشى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، قىسقىغىنا 8 سائەت ئىچىدە يېغىن مىقدارى 700 مىللىمېتىردىن ئېشىپ كەتكەن.
قىسمەن دەريا بۆلەكلىرىدە يار ئېلىپ كېتىش خەۋپى كۆرۈلگەچكە، نىئىگاتا ئايمىقىدىكى 400 مىڭ ئادەم جىددىي پاناھلانغان. ياپونىيە قوغدىنىش ئارمىيىسىمۇ قىسىملىرىنى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئاتلاندۇرغان.
ياپونىيە باش ۋەزىر مەھكىمىسى ئاخبارات ئالاقە ئىشخانىسى تەسىس قىلغان ھەمدە ئالاھىدە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش پروگىراممىسىنى ئىشقا سالغان.
 
 
 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش