نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 633 قېتىم كۈرۈلدى
مىسىردا بىر ساقچى ئىدارىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -31
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : ئوكيان

 

Www.AnAdiyar.Cn 
 
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 30-ئىيۇل خەۋىرى: مىسىرنىڭ شىمالىدىكى ئارىش شەھىرىدە بىر ساقچى ئىدارىسى 29-ئىيۇل ھۇجۇمغا ئۇچرىغان، بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن قوراللىق ئۇنسۇرلار ئېتىشقان، 2 ئادەم ئۆلگەن، 12 ئادەم يارىدار بولغان.
ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ دېيىشىچە، 29-ئىيۇل كەچقۇرۇن، نەچچە ئون نەپەر نىقابلىق قوراللىق ئۇنسۇر ماشىنا ۋە موتسىكلىتلارنى ھەيدەپ، ئارىش شەھىرىدە ئالدى بىلەن ئاسمانغا ئوق چىقارغان، ئاندىن ئارىش شەھىرىدىكى بىر ساقچى ئىدارىسىغا ھۇجۇم قىلغان، بىخەتەرلىك قىسىملىرى قايتۇرما ھۇجۇم قىلغان.
مىسىر سەھىيە مىنىستېرلىكىنىڭ بىر ئەمەلدارى دېيىشىچە، ئېتىشىشتا 2 پۇقرا ئۆلگەن، بىرى 11 ياشلىق بالا ئىكەن، باشقا يەنە 12 نەپەر ساقچى يارىدار بولغان. ئەمما يەرلىك دوختۇرخانا توقۇنۇشتا 4 ئادەم ئۆلدى دېگەن.
 مىسىر قوراللىق قىسىملىرى ئالىي كومىتېتى شۇ كۈنى كەچتە بىر تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن يارىدارلارنى ھەربىي دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ داۋالىغان.
 
 
Www.AnAdiyar.Cn

 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش