نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 824 قېتىم كۈرۈلدى
ئامېرىكا جۇڭگو قۇرۇقلۇقىنى نازارەت قىلىشنى توختاتمايدۇ
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -27
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : ئوكيان

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

يەر شارى تورىنىڭ 26-ئىيۇل خەۋىرى: تەيۋەن ئاخباراتلىرى شۇ جاي ۋاقتى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، جۇڭگونىڭ Su-27 ئۇرۇش ئايروپىلانى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئوتتۇرا سىزىقىدىن ئۆتۈپ، جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇب دېڭىز ساھەسىدىكى ئامېرىكىنىڭ U-2S رازۋېتكا ئايروپىلانىنى قوغلاپ تاشلىغان. ئەنگىلىيە رېيترس ئاگېنتلىقىنىڭ 7-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا قوماندانلىق شىتاب بىرلەشمە يىغىن رەئىسى مايك شۇ كۈنى ئىنكاس قايتۇرۇپ، جۇڭگو قۇرۇقلۇقىغا يېقىن جايلارنى رازۋېتكا قىلىش ھەرىكىتىنى توختاتمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
مايك:«بىز خەلقئارالىق ئۇچۇش ھاۋا بوشلىقىدا ئۇچۇشنى توختاتمايمىز. جۇڭگو بىزنىڭ كېتىشىمىزنى ئۈمىد قىلىدۇ. مېنىڭچە، بىز كەتمەيمىز. رازۋېتكا ئۇچۇش ھەركىتى ناھايىتى مۇھىم » دېگەن. بىراق، مايك يەنە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا 2001-يىلدىكى ھەربىي ئايروپىلانلار ئۆز ئارا سوقۇلۇپ كېتىشىگە ئوخشاش ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن.
كېيىن مايكنىڭ باياناتچىسى ئاخباراتلارغا بىلدۈرۈشىچە، مايكنىڭ خەلقئارا جامائەتچىلىككە جۇڭگو ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ «دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئوتتۇرا سىزىقى» دىن ئۆتكەنلىكىنى خەۋەر قىلغانلىقى ئانچە ئېنىق ئەمەس بولۇپ، ئۇنىڭ سۆزلىگەنلىرى مۇنداقلا دەپ قويغان گەپ ئىكەن، پەقەت ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر رايونىدىكى خەلقئارا ھاۋا بوشلىقىدا رازۋېتكا ھەرىكىتى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن ئىكەن.
 

 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش