نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 148 قېتىم كۈرۈلدى
ئامېرىكا ئېران ئالىمىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە قاتناشقانلىقىنى ئىنكار قىلدى

شىنخۇا تورىنىڭ 7-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئامېرىكا دۆلەت كېڭىشى 25-ئىيۇل ئامېرىكىنىڭ ئېران فىزىكا ئالىمى رېزەينى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ھەركىتىگە قاتناشقانلىقىنى ئىنكار قىلغان، ھەمدە ئېراننى بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىپ ئېراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە بولغان دىققەتنى چاچماسلىققا دەۋەت قىلغان.
ئامېرىكا دۆلەت كېڭىشىنىڭ باياناتچىسى نېۋلاندننىڭ شۇ كۈندىكى مۇخبىرنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بېرىپ،  ئېران غەربنىڭ بۇ قەستلەپ ئۆلتۈرۈش قىلمىشىنى"بىرلىشىۋىلىش ئۇسۇلى" دەپ ئەيىبلىگەن. نېۋلاندنىڭ دېيىشىچە، ئامېرىكا تېھراننىڭ بۇخىل ئۇسۇل بىلەن ئېراننىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى باشقا دۆلەتلارنىڭ خەلقئارا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا بولغان دىققىتىنى چاچماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىدىكەن.
ئېران ئىسلام جۇمھۇريىتى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئېراننىڭ بىر نەپەر رېزەي ئىسىملىك يادرو فىزىكا ئالىمى 23-ئىيۇل تېھراندىكى ئۆيىنىڭ ئالدىدا قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن.
ئۆتكەن يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى، تېھراندا ئىككى قېتىملىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، بىر ئالىي مەكتەپنىڭ فىزىكا پىرافىسورى خىزمەتكە كېتىۋاتقاندا پارتىلىتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، بۇ مەكتەپنىڭ يەنە بىر فىزىكى باشقا بىر پارتلاشتا يارلانغان.
ئېران ھۆكۈمىتى ۋەقەدىن كېيىن ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى ۋە  ئىسرائىلىيە ئاخبارات تارماقلىرىنىڭ ئېراننىڭ يادرو تەرەققىياتىنى توستى، بىرلىشىپ بۇ ئىككى قېتىملىق پارتىلىتىش ۋەقەسىنى سادىر قىلدى دەپ ئەيىبلىگەن.

 

 

تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۈرۈڭ!
مەنبەسى : news.sina.com.cn
 يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -26 يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان

| ئانادىيار ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

QQ:527377610 ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 13899847776