رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 989 قېتىم كۈرۈلدى
داغىستاندىكى جەمەت توقۇنىشىدا 7 ئادەم قازا قىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -09
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : ئوكيان

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 9-ئاۋغۇست خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 8-ئاينىڭ 9-كۈنى ئەتىگەندە، داغىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇنتسۇكۇلسكي  (Untsukulsky) رايونىدا ئىككى كەنت ئاممىسى ئارىسىدا ئۇرۇشۇش ۋە قوراللىق ئېتىشىش يۈز بەرگەن. ۋەقەدە 7 ئادەم قازا قىلغان.

ئىگەللىنىشچە، دەسلەپتە 2 ئادەم قازا قىلغان، كۆپ ئادەم يارىدار بولغان، يېقىن كەنتتىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ داۋالىتىلغان. ئەمما توقۇنۇشقان ئىككى تەرەپ ئارىسىدا قوراللىق جەڭ باشلىنىپ كەتكەن.

يەرلىك ساقچىنىڭ ئاشكارلىشىچە، ئۇرۇشۇش ۋە قوراللىق توقۇنۇشتا قازا قىلغانلار سانى 7 ئادەمگە يەتكەن، قازا قىلغانلار ئىچىدە 7 ياشلىق قىز بالىمۇ بار ئىكەن. دەسلەپكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، توقۇنۇش جەمەتنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى سەۋەبتىن كېلىپ چىققان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، داغىستان جۇمھۇرىيىتى ئۇزۇن مەزگىللىك چىرىكلىك، ئىشسىزلىق ۋە نامراتلىقنىڭ ئازابىغا ئۇچرىغان، زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ئۇدا كۆرۈلگەن.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش