رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 810 قېتىم كۈرۈلدى
ناتو تىرىپولىنى قاتتىق بومباردىمان قىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -09
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : ئوكيان

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 9-ئاۋغۇست خەۋىرى: 8-ئاينىڭ 9-كۈنى سەھەردە، لىۋىيە پايتەختى تىرىپولى ش ئا ئە ت لىۋىيەگە ھاۋا ھۇجۇمى قىلغاندىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك بومباردىمانغا ئۇچرىغان.

خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، تىرىپولىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كۈچلۈك پارتلاش ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولىدىكەن، ئامما ئارقا-ئارقىدىن قېچىپ كەتكەن. قۇتقۇزۇش ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىلىرى تىرىپولىنىڭ شەھەر مەركىزىگە 20 كىلومېتىر كەلمەيدىغان جايغا تېزلىكتە ئاتلانغان، مەزكۇر رايون ئالدىنقى ئىككى كۈندە ش ئا ئە ت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ بومباردىمان قىلىشىغا ئۇچرىغان.

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

لىۋىيە ھۆكۈمەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى دېيىشىچە، ش ئا ئە ت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تىرىپولىدىكى ھەربىي ۋە ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى بومباردىمان قىلغان.

چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، لىۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم 9-ئاۋغۇست ش ئا ئە ت نىڭ بىر قېتىملىق ھاۋا ھۇجۇمىدا پۇقرالارنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

ئىبراھىمنىڭ دېيىشىچە، لىۋىيەنىڭ غەربىدىكى زلىتان بازىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ماجىر كەنتى شۇ جاي ۋاقتى 8-ئاۋغۇست ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. شۇ جاي ۋاقتى 8-ئاۋغۇست كەچ سائەت 11 ئەتراپىدا، ش ئا ئە ت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بۇ كەنتنى 3 قېتىم بومباردىمان قىلغان، كۆپلىگەن پۇقرالارنىڭ ئۆلىشى ۋە يارىدار بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش