نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 157 قېتىم كۈرۈلدى
تالىبانلار ش ئا ئە ت نىڭ 22 نەپەر ئەسكەرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى

 

www.alhux.com 
 
چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرى خەۋىرى: ش ئا ئە ت نىڭ بىر دانە تىك ئۇچار ئايروپىلانى شۇ جاي ۋاقتى 25-ئىيۇل ئاففانىستاندا چۈشۈپ كېتىپ، ئايروپىلاندىكى خادىملار يىنىك دەرىجىدە يارىلىنىپ، ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالىك كۆرۈلمىگەن، تالىبانلار بۇ قېتىمقى ۋەقەگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ش ئا ئە ت دۆلەتلىك بىخەتەرلىك ئەترىتىنىڭ باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، شۇ كۈنى ئاففانىستاننىڭ شەرقىي قىسمىدا، ش ئا ئە ت نىڭ بىر دانە تىك ئۇچار ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتكەن. بىر نەپەر ساقچى خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئايروپىلان بىر راكېتا تەرىپىدىن چۈشۈرۈۋېتىلگەن.
ۋەقەدىن كېيىن ش ئا ئە ت قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان، ئۇ يەرگە  بېرىپلا قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ھەمدە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن.
تالىبانلار بۇ ئايروپىلاننى ئۆزلىرىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئېيتىپ، يەنە ئىككى نەپەر تالىبان ئادىمىنىڭ ئىككى تەرەپ ئېتىشىشىدا قازا قىلغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاففانىستاندا تۇرۇشلۇق چەتئەل ئەسكەرلىرىدىن 22 سىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئاففانىستاننىڭ شەرقىي قىسمىدىكى كۇنار ئۆلكىسدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ  ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ كەتكەن.
ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە،  ش ئا ئە ت نىڭ يەنە بىر دانە ئايروپىلانى قوراللىق ئونسۇرلارغا قايتۇرما ھۇجۇم ئېلىپ بارغان، تاڭ سۈزۈلگەندىن كېيىن نەق مەيداندىن ئىككى نەپەر قوراللىق ئونسۇرنىڭ جەسىتى بايقالغان.
 
 

 

تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۈرۈڭ!
مەنبەسى : news.qq.com
 يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -26 يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان

| ئانادىيار ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

QQ:527377610 ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 13899847776