نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 259 قېتىم كۈرۈلدى
ئەنگلىيە ئىنسان- ھايۋان تۆرەلمىسىدىن 155 نى يېتىلدۈرۈپتۇ

يېقىندا ئەنگلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىغا قارىغاندا،  ئەنگلىيەدىكى  كۆپلىگەن تەجرىبىخانىلاردا ئۆتكەن ئۈچ يىلدىن بۇيان ئىزچىل مەخپىي ھالدا  ئادەم بىلەن ھايۋاننى شالغۇت تۆرەلمە تەجرىبىسى ئېلىپ بېرىلغان. شۇنداقلا 155  ئىنسان ۋە ھايۋان گېنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شالغۇت تۆرەلمىنى يېتىلدۈرۈپ چىققان. 

 تەجرىبە كېسەل داۋالاش ئۈچۈن ، دېيىلدى
ئەنگلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 24- ئىيۇل خەۋىرىگە قارىغاندا، تەتقىقاتچىلار بىر يۈرۈش كېسەللەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىنى ئىزدەپ مۇشۇنداق تۆرەلمە يېتىلدۈرۈپ چىققان. بۇنىڭدىن بۇرۇن بەزى داڭلىك ئالىملاردىن تەشكىللەنگەن  كومىتېتى ئاتالمىش«ئادەمسىمان مايمۇن يۇلتۇزى» تەجرىبىسىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇنداق تەتقىقات ئىنتايىن ئەخلاقسىزلىق، دېگەن ئىدى.
خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە،  ئەنگلىيە 2008- يىلى« ئىنسانلارنىڭ ئۇرۇقلىنىشى ۋە تۆرەلمەشۇناسلىق لايىھىسى» ئېلان قىلغاندىن باشلاپ ئالىملار  بىرلا ۋاقىتتا ھەم ئىنسانلارنىڭ ھەم ھايۋاننىڭ گېنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شالغۇت تۆرەلمىنى تەتقىق قىلىپ  يېتىلدۈرۈپ چىقىشقا باشلىغان.
 بۇ لايىھە  بىر يۈرۈش  شالغۇت تۆرەلمىلەرنى قانۇنلاشتۇرغان. بۇ ئىنسانلارنىڭ  ئۇرۇقىدا ھايۋانلارنىڭ تۇخۇمىنى ئۇرۇقلاندۇرۇش، ياكى ئىنسانلارنىڭ ھۆجەيرىسىنى ھايۋان تۆرەلمىسىگە ئارىلاشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
 ئالىملارنىڭ كۆرسىتىشىچە،  بۇ تۈردىكى تەتقىقاتنى تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسىنى  تەتقىقاتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىشلىتىشكە بولىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم دورىسى يوق كېسەللەرگە داۋا تاپقىلى بولىدىكەن.
 قانۇن لايىھەسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن،  لوندۇن  خان جەمەتى ئىنىستىتۇتى، نىۋكاستىل ئۇنۋېرسىتېتى ۋە ۋار ئۇنۋېرسىتېتى قاتارلىق  تەتقىقات ئورگىنى  بۇ تۈردىكى مۇناسىۋەتلىك تۈرلەرنى تەتقىق قىلىش گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشتى.

پارلامىنت : بۇ تۈردىكى تەتقىقات دۆلەتنى ئۇياتقا قويىدۇ
 ئەنگلىيە پارلامىنتى بۇ ئىشنى تەكشۈرگەندىن  كېيىن،  پارلامىنىت ئەزاسى  ئالتون مۇنداق دېدى:« مەن پارلامىنتتا  شالغۇت تۆرەلمە يېتىلدۈرۈشكە قارشى تۇردۇم. بۇ پىرىنسىپ مەسىلىسى، ئالىملارنىڭ تەجرىبە جەريانىدىكى ھەربىرباسقۇچنى چۈشەندۈرۈشى ئوخشاش-يەنى< ئەگەر بىز  داۋاملىق بۇ تۈرنى تەتقىق قىلالىساق، بارلىق كېسەللەرنىڭ داۋالاش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقالايمىز>. بۇ ئادەم ئەخمەق قىلغانلىققۇ، نۆۋەتتە  80  خىل  ئۈنۈملۈك غول ھۆجەيرە داۋالاش ئۇسۇلىدا  قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ غول ھۈجەيرىسى  ئىشلىتىلمەكتە. تۆرەلمىنىڭكىنى ئەمەس.
داۋالاش ئۈنۈمىگە كەلسەك، بۇ ئالىملار تېخى بىزگە ھىچنىمىنى  ئىسپاتلاپ بەرگىنى يوق».
 ئالتون تەكىتلەپ يەنە مۇنداق دېدى:« بۇ شالغۇت تۆرەلمە يېتىلدۈرۈپ چىقىش ئەخلاق جەھەتتىن مەڭگۈ ئىتراپ قىلىنمايدۇ. بۇ بىزنىڭ دۆلىتىمىزنى ئۇياتقا قويىدۇ. بۇ بىر ناچار قىلمىش».
 ئەنگلىيە بالا چۈشۈرۈشكە قارشى تۇرۇش  تەشكىلاتى:«كۆپىيىش ئەخلاقى باھاسى»دىكى يۈسۈف. كۈۋىنتاۋال مۇنداق دېدى:«بۇ ئەخلەق ۋە ئىتىكا  قاتلىمىدىمۇ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.ئىلىم -پەن ۋە داۋالاش قاتلىمىدىمۇ مەغلۇب بولىدۇ.  بىز بۇ تەجرىبىگە قارشى تۇرۇۋاتقىنىمىز بىلەن تەجرىبىنىڭ جەريانىدىن خەۋەرسىز، ئەگەر ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىلغانلىرىدىن پەخرلەنسە نېمىشقا يەنە سىر ساقلايدۇ؟».

 

 

تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۈرۈڭ!
مەنبەسى : gb.cri.cn
 يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -26 يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان

| ئانادىيار ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

QQ:527377610 ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 13899847776