نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 98 قېتىم كۈرۈلدى
تەيۋەندىكى قارا جەمىيەتنىڭ كاتتىۋېشىنى ئۆلتۈرگەن ئۆسمۈر بالىغا 30 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى

شىنخۇا تورىنىڭ 26-ئىيۇل تېلىگراممىسى: تەيۋەن« بىرلەشمە گېزىتى»خەۋىرى،  تەيۋەندىكى قارا جەمئىيەتنىڭ كاتتىۋېشى ۋېڭ چىنەننىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان لياۋ گوخاۋ، دېلو سادىر قىلغان ۋاقىتتا 18 ياشقا توشمىغان بولۇپ، ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايتىگە 25 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىپ، ئۆسمۈر جىنايەتچىلەر ئىچىدە ئەڭ ئېغىر جازاغا تارتىلغۇچى دەپ خاتىرىلەنگەن، لېكىن تەيۋەن تەپتىش مەھكىمىسى تەرەپ جازا بەك يىنىك بولۇپ قالدى دەپ قايتىدىن ئەرز قىلىپ، 25 يىللىق قاماق جازاسىنى 30 يىللىق قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتكەن ھەمدە 1مىليون 200 مىڭ تەيۋەن پۇلى جەرىمانە قويغان.
تەيۋەن ئالىي سوتىنىڭ مەمۇرىيەت باشلىقى ۋۇ خوچۈەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، كېڭەشمە سوت بۇ بالىنى ئىككى ئادەمنى ھاياتىدىن ئايرىغان، جىنايەت ۋاستىسى بەك زەرىل، قانۇننى كۆزىگە ئىلمىغان دەپ قاراپ، ھەمدە ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا بولغان مۇئامىلىسى توغرا ئەمەس دەپ جازانى ئېغىرلىتىشنى قارار قىلغان. ۋۇ خوچۈەننىڭ ئېيتىشىچە، بىرىنچى سوت« قورال ئېلىپ يۈرۈش» ۋە « ئادەم ئۆلتۈرۈش» تىن ئىبارەت ئىككى خىل جىنايەتنى بىرلەشتۈرۈپ ھۆكۈم چىقارغان، ئىككىنچى سوت قورال ئېلىپ يۈرۈش ئادەم ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن بولۇشى ناتايىن، لياۋ گوخاۋنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن قورالى ئېلىپ يۈرۈشىنى ئايرىم-ئايرىم جىنايەت دەپ قاراش كېرەك دەپ قاراپ، قورال  ئېلىپ يۈرۈش جىنايىتى ئۈچۈن سەككىز يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىپ، ئىككى تۈرلۈك جىنايىتى ئۈچۈن جەمئىي 30 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن.
لياۋ گوخاۋمۇ ئەرز سۇنغان بولۇپ، ئەرزىدە سوت تەرەپنىڭ ئۇنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىنكى پوزىتسىيىسىنى ئىتىبارغا ئالمىغانلىقىنى تىلغا ئالغان، ھەمدە سوتنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئۇنىڭ ئەسلى ئەسكى ئادەم ئەمەسلىكى، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرمىغانلىقتىن مۇشۇنداق ئەھۋال كېلىپ چىققانلىقى يېزىلغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭغا بىر قېتىملىق ئۆزىنى ئۆزگەرتىپ پۇرسىتى بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
سوت تەرەپ لياۋ گوخاۋ پەقەت جازا مۇددىىتىنى يىنىكلىتىشنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلىشىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ۋە جەمئىيەتتە ئېلىپ كەلگەن زىيىنىنى قەتئىي ئويلاشمىغان دەپ قاراپ ئۇنىڭ ئەرزىنى ئىناۋەتسىز دەپ قارىغان.

 

 

تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۈرۈڭ!
مەنبەسى : news.qq.com
 يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -26 يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان

| ئانادىيار ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

QQ:527377610 ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 13899847776