نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 112 قېتىم كۈرۈلدى
تالىبان ناتونىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى

 

www.alhux.com

 

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 25-ئىيۇل خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ش ئا ئە ت نىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى شۇ جاي ۋاقتى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى ئافغانىستاندا چۈشۈپ كەتكەن، ئايروپىلاندىكى خادىملار يېنىك يارىدار بولغان، ئادەم ئۆلمىگەن. تالىبان تىك ئۇچار ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرۈپ تاشلىغانلىقىغا مەسئول بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ش ئا ئە ت خەلقئارا بىخەتەرلىك ياردەمچى قىسىملىرى باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، 25-ئىيۇل ئافغانىستاننىڭ شەرقىي قىسىمىدا ش ئا ئە ت نىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتكەن، ئايروپىلان خادىملىرى ۋە يولۇچىلار يېنىك يارىدار بولغان، يېقىن ئەتراپتىكى بىر بازىغا بىخەتەر قايتىپ كەتكەن. بىر ساقچى ش ئا ئە ت تىك ئۇچار ئايروپىلانىغا راكېتا بومبا تېگىپ چۈشۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان.

 

www.alhux.com

 

ش ئا ئە ت قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندا، قوراللىق كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، ش ئا ئە ت ئەسكەرلىرى قايتۇرما ھۇجۇم قىلغان.
تالىبان بۇ تىك ئۇچار ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى جاكارلىغان، تالىباننىڭ 2 نەپەر ئادىمى ئېتىشىشتا ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. تالىبان يەنە ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق 22 نەپەر چەتئەل ئەسكىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى كۇنار ئۆلكىسىنىڭ ساقچىسى بىلدۈرۈشىچە، ش ئا ئە ت نىڭ بىر «چىنۇك» تىك ئۇچار ئايروپىلانى يېرىم كېچىدىن كېيىن چۈشۈپ كەتكەن، تىك ئۇچار پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان بولۇپ، قارىماققا راكېتا بومبىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانغا ئوخشايدىكەن.
ساقچىنىڭ دېيىشىچە، ش ئا ئە ت نىڭ يەنە بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى نەق مەيدانغا بېرىپ قوراللىق ئۇنسۇرلارغا قايتۇرما ھۇجۇم قىلغان، تاڭ سۈزۈلگەندە نەق مەيداندىن تالىباننىڭ ئىككى ئادىمىنىڭ جەسىتىنى تاپقان.
 

 

www.alhux.com

 

 

www.alhux.com

 

 

www.alhux.com

 

 

www.alhux.com

 

 

www.alhux.com

 

 

www.alhux.com

 

 

 

تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۈرۈڭ!
مەنبەسى : ئوكيان
 يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -25 يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان

| ئانادىيار ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

QQ:527377610 ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 13899847776