نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 200 قېتىم كۈرۈلدى
ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ماشىنا بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ 8 ئادەم ئۆلدى

 

www.alhux.com

 

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-ئىيۇل خەۋىرى: يەمەننىڭ جەنۇبىي قىسىمدىكى ئادىن شەھىرىدە 24-ئىيۇل ماشىنا بومبا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، بىر ھەربىي گازارما ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، پارتلاشتا 8 ئادەم ئۆلگەن، 15 ئادەم يارىدار بولغان.
ئۆلۈم-يېتىم سانلىق مەلۇماتىنى تىببىي خادىملار ئاشكارىلىغان. ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەت ئارمىيىسى قىسىملىرى ئادىندىكى ھەربىي ئورگاندىن ئابيان ئۆلكىسىگە ئاتلىنىشقا تەييارلانغاندا پارتلىتىش ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.
يەمەن بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئابيان ئۆلكىسىدە ئەل قائىد تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋىتى بار قوراللىق كۈچلەر بىلەن كەسكىن ئېتىشىۋېتىپتۇ.
ھايات قالغان بىر ئەسكەر:«ئەينى چاغدا بىز ئابيان ئۆلكىسىگە ئاتلىنىشقا تەييارلىنىۋاتقان ئىدۇق، تۇيۇقسىز بىر ماشىنا گازارمىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلدى، كېيىن قاتتىق پارتلاش يۈز بەردى» دېگەن.

 

 

تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۈرۈڭ!
مەنبەسى : ئوكيان
 يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -24 يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان

| ئانادىيار ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

QQ:527377610 ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 13899847776