نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 890 قېتىم كۈرۈلدى
ئىراننىڭ يادرو فىزىكا ئالىمى قەستكە ئۇچرىدى

 

www.alhux.com 
 
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-ئىيۇل خەۋىرى: ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىراننىڭ بىر يادرو فىزىكا ئالىمى 23-ئىيۇل تېھراندا ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا قەستكە ئۇچراپ قازا قىلغان.
ئىران ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، قەستكە ئۇچرىغۇچى موھەققەق ئەردېبىلى تېخنىك ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ 45 ياشلىق يادرو فىزىكا مۇتەخەسسىسى دارىئۇش رىزائى نىجاد ئىكەن. قاتىل موتسىكىلىتنى ھەيدەپ كېلىپ دارىئۇش رىزائىغا ئوق چىقارغان.
بۇلتۇر 11-ئاينىڭ 29-كۈنى، تېھراندا ئىككى قېتىملىق پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، بەخشان ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ فىزىكا ئالىمى شەھرىيارى يېرىم يولدا پارتلاپ قازا قىلغان، يەنە بىر فىزىكا ئالىمى ئابباسى يارىدار بولغان ئىدى.
ئىران دائىرلىرى ۋەقەدىن كېيىن ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ۋە ئىسرائىلىيە جاسۇسلۇق ئورگىنى موساد ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن، بۇ قېتمقى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىنى پەيدا قىلدى دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.
قەستلەشتىن ئامان قالغان ئابباسى بۇ يىل 2-ئايدا ئىراننىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى قوشۇمچە ئاتوم ئېنىرگىيىسى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى بولغان.
 

 

تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۈرۈڭ!
مەنبەسى : ئوكيان
 يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -24 يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان

| ئانادىيار ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

QQ:527377610 ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 13899847776