نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 1500 قېتىم كۈرۈلدى
پۇت-قول بارمىقى 34 تال ھىندىستانلىق بالا

شىنخۇا تورىنىڭ 23-ئىيۇل تېلىگراممىسى: سىنگاپور« بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتى»نىڭ 23-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستاندا تۇغۇلغىلى بىر ياشقا كىرگەن ئوغۇل بوۋاق 34 تال پۇت-قول بارمىقى بولۇشى بىلەن دۇنيا جىنىس رىكورتىغا كىرگەن.
ھىندىستان ئاسىيا دۆلەتلىك ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، A Kesha ئىسىملىك بۇ بوۋاق كىتاكاتا ئىشتاتىدىكى بارېيللي رايونىدىن كەلگەن ئىكەن.
بوۋاقنىڭ ئاپىسى Sha Xina نىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئوغلىنىڭ ئويلىمىغان يەردىن بۇنداق دۇنيا جىنىس رىكورتى يارىتىشىغا  ئىشىنىپ كېتەلمىگەن ئىكەن. ئۇلارنىڭ بىر دوستى ئۇلارغا تېلىفۇن قىلىپ بېيجىڭدا بىر ئوغۇل بوۋاقنىڭ  پۇت-قولىدا 31 تال بارمىقى بار ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بالىسىدا 34 تال بارماق بولغانلىدىكىن دۇنيا جىنىس رىكورتى قاتارىغا كىرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىكەن.
ئاپىسىنىڭ دېيىشىچە، دەسلەپتە، ئۇ ئوغلىنىڭ دۇنيا جىنىس رىكوتىنى بۇزغانلىقىغا ئىشەنگۈسى كەلمىگەن. بىراق ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇلارنىڭ دوستى ئۇنىڭ ئېرى بىلەن سىڭلىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى تورغا چىقارغان. ئارقىدىن،  بىر قىسىم ھۆججەتلەرنى تاپشۇرۇشنى ئېيتقان، ھەمدە ئوغلىنىڭ ئىسمىنى دۇنيا جىنىس رىكوتى تىزىملىكىگە تىزىپ قويغان.
بۇ بالىسىنىڭ ئاپىسى بالىسىنىڭ چوڭ بولغاندىن كېيىن نورمال تۇرمۇش كەچۈرىشىنى ئارزۇ قىلىدىكەن ۋە ئۇنى ئوپراتسىيە قىلىدىكەن.
 

 

 

تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۈرۈڭ!
مەنبەسى : news.qq.com
 يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -23 يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان

| ئانادىيار ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

QQ:527377610 ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 13899847776