نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 756 قېتىم كۈرۈلدى
ئۇيغۇرلاردىكى 2010 – يىللىق 10 چوڭ Blog قا بېلەت تاشلاش باشلاندى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-01 -23
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

ئۇدا 1 ئايغا سوزۇلغان << 2010 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ >> قا نامزات كۆرسىتىش باسقۇچى ۋە تولۇق 10 كۈن سەرپ قىلىنغان كۆرسىتىلگەن بلوگلارنى ئۆلچەملەر بويىچە نومۇر قويۇپ، باھالاپ رەتكە تۇرغۇزۇشلار ئاخىرلىشىپ، ئەڭ ئاخىرىدا 20 بلوگ تاللىۋېلىنىپ، 2010 – يىللىق 10 چوڭ بلوگنى بېلەت تاشلاپ بېكىتىشكە رەسمىي نامزات قىلىپ تۇرغۇزۇلدى. 12 – ئاينىڭ 9 – كۈنى يەنى بۈگۈندىن باشلاپ بۇ 20 بلوگقا بېلەت تاشلاپ ، 10 چوڭ بلوگنى تاللاش پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى. ( بېلەت تاشلاش مەنزىلى : http://www.yuksel.me/1141.html ) بۇ 20 نامزات بلوگنى بېلەت تاشلاش قاتارىغا تىزىشتا، بلوگلارنىڭ باھالىغۇچىلار تەرىپىدىن ئېرىشكەن نومۇرىنىڭ يۇقىرىسىدىن تۆۋەنگە قاراپ قاراپ تىزىلدى.

بېلەت تاشلاشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار :
1. بېلەت تاشلاش ۋاقتى : جەمئىي 22 كۈن ( 9- دېكابىردىن 31 دېكابىرغىچە ) بولۇپ ، بېلەت تاشلاش پەقەت ۋە پەقەت يۈكسەل بلوگىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.
2. بىر ئادەم پەقەت بىر قېتىم بېلەت تاشلىسىلا بولىدۇ. شۇ بىر قېتىملىق بېلەت تاشلاشتا جەمئىي 10 بلوگقا بىرلا ۋاقىتتا بېلەت تاشلاشقا بولىدۇ.
3. بېلەت تاشلاشتىن ئاۋۋال تۆۋەندىكى تىزىملىك ئارقىلىق نامزات بلوگلار بىلەن تونۇشۇپ، قالدۇرۇلغان ئۇلانما مەنزىلى ئارقىلىق زىيارەت قىلىپ كۆرۈپ، بىر قەدەر ئەستايىدىل پوزىتسىيىدە بېلەت تاشلاشنى تەۋسىيە قىلىمىز!
4. ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە بېلەت تاشلاش تامام بولغان ھامان خۇلاسە قىلىنىپ، يېڭى يىل كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ.
5. بېلەت تاشلاش ئورنى : يۈكسەل بلوگ ئوڭ ئاسما بۆلەك << راي سىناش كۆزنىكى >> دە. ( مەشغۇلات تولىمۇ ئاددىي بولۇپ، بېلەت تاشلىماقچى بولغان بلوگ ئىسمى يېنىدىكى كاتەكچىنى يېنىككىدە بىر چېكىپ تاللاپ، ئەڭ ئاستىدىكى بېلەت تاشلاش دېگەننى بېسىپ قويساقلا كۇپايە! ) .
6. بېلەت تاشلاشتا تورداشلار سەمىمىي ، ھەققانىي ، ئادىل بولۇشى كېرەك. پەقەت بىر قېتىم بېلەت تاشلاشقا بولىدۇ . ھەرگىز تەكرار بېلەت تاشلاشقا بولمايدۇ. بىز 2008 – يىلى بېلەت تاشلاش جەريانىدىكى ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ ، بۇ قېتىم بېلەت تاشلىغۇچىنىڭ IP سى، جۇغراپيىلىك ئورنى، بېلەت تاشلىغان ۋاقتى قاتارلىق بارلىق ئۇچۇرلارنى خاتىرىلەپ قالدۇرۇشتەك ئىقتىدارى كۈچلۈك ، ساختا بېلەت تاشلاشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ئەڭ ياخشى بولغان بېلەت تاشلاش قورالىنى ئىشلەتتۇق.
بېلەت تاشلاش جەريانىنى تېخنىكىلىق جەھەتتىن بىلىك تورىدىكى كۆك كەپتەر، نۇرقۇت ئەترىتىدىكى نۇرقۇت، شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسىدىن قىسمەت قاتارلىق ھەيئەتلەر نازارەت قىلىپ تۇرىدۇ. ساختىلىق بايقالغان ھامان بلوگ ئىسمىنى ئاتاپ ئەلگە سازايى قىلىپ، نامزاتلىق ھوقۇقى شۇ ھامان ئېلىپ تاشلىنىدۇ ( ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلدى ).



2010 – يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش گۇرۇپپىسىدىكى ھەيئەتلەر
شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسىدىن قىسمەت ئەپەندى.
شىنجاڭ ئىزباسار ئۇنىۋېرسال تور بېكىتىدىن ئىزباسار ئەپەندى.
بىلىك تورى ۋە كۆك كەپتەر بلوگىدىن كۆك كەپتەر ئەپەندى.
نۇرقۇت دۇنياسى – نۇرقۇت ئەترىتىدىن نۇرقۇت ئەپەندى.
بەكتۇر ئېنگلىز تىلى كۇلۇبىدىن بەكتۇر ئەپەندى.
يەتتە قىزلىرىم تورىدىن جۇلالىق (قىز).
يۈكسەل بلوگىدىن كەمىنە يۈكسەل.

مەزكۇر پائالىيەتنى ماددىي جەھەتتىن قوللىغان ئورۇنلار
شىنجاڭ ئەلدوست بىئو تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى
«ئىزچى» خۇرۇم ئاياقلىرى باش شىركىتى
ئۈرۈمچى ئەقلىم خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
XJCFAN شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسى
قەشقەر 80 خالتا ئۇيغۇر تېبابەت چاي ، ھەسەل دۇكىنى
890 ئېلان بىرلەشمىسى

يۈكسەل بلوگى
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش