250x250
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 415 قېتىم كۈرۈلدى
كانادالىق بىر ساقچىنىڭ بىر جۈملە سۆزى پۈتۈن يەرشارىدىكى ئاياللارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى

خەلقئارا تورى خەۋىرى: شۇ كۈنى  بىر قىسىم كورىيە ئاھالىسى كوچىغا چىقىپ  نامايىش  قىلىپ،«شاللاق ئاياللار نامايىشى»  ئۆتكۈزدى.
  ئوچۇق كىيىم كىيىپ يۈرۈش جىنايەت ھېسابلىنامدۇ؟
كانادادىكى بىر ساقچىنىڭ « ئاياللار شاللاق ئاياللاردەك ياسىنىشتىن ساقلىنىشى كېرەك» دېگەن بىر جۈملە سۆزى
دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتتىكى ئاياللارنىڭ  غەزىپىنى قوزغىدى. مەسىلەن: ئامېرىكا، كورىيە، كانادا، ياۋروپادىكى بەزى دۆلەتلەردە ئاياللار« شاللاق ئاياللار نامايىشى» كۆتۈرۈپ،  جەمئىيەتتىكى جىنايەتلەرنىڭ ئاياللارغا ئارتىلىپ قالغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

جەمئىيەتتىكى جىنايەتلەرنى ئاياللارغا ئارتىپ قويۇشقا قارشىلىق بىلدۈرۈش
    بۇ چوڭ غەلىيانغا سەۋەب بولغۇچى كانادالىق ساقچى مايىك.ساڭگۇنىتى، بۇ يىل بىرىنچى ئايدا تورونتودىكى  باسقۇنچىلىق جىنايەتلىرى سۆھبەت يېغىنىدا:« ئەگەر ئاياللار زىيانكەشلىككە ئۇچراشنى خالىمىسا ئۇنداقتا ئۇلار شاللاق ئاياللاردەك كىيىنمەسلىكى كېرەك» دەپ نەق مەيداندىكى قانۇن فاكولتىتىدىكى بىر قىسىم قىزلارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى. ئۇلار نەق مەيداندا ئۆزلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىنى ئىپادىلەپلا قالماستىن يەنە  ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ۋە  بىلوگلاردا «شاللاق ئاياللار نامايىشى» قوزغىدى.
تۇنجى قېتىملىق «شاللاق ئاياللار نامايىشى» 4- ئايدا  تورۇنتۇدا باشلاندى.  ئەسلىدىكى 300 ئادەم قاتناشماقچى بولغان  نامايىش كېڭىيىپ3000 گە يەتتى. شۇنداقلا ئامېرىكا، برازىلىيە،  ئاۋسترالىيە، گوللاندىيەلەرگىچە كېڭەيدى.ئۇلارنىڭ كىيىنىشى ھەرخىل بولۇپ، مەقسىدى بىر ئىدى.  ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئاياللارنىڭ كىيىم كىيىش ھوقۇقى بار دەپ قارىدى.
نۇرغۇن نامايىشچىلار قولىغا «قىسقا يوپكا  كىيىش  جىنايەت ئەمەس،باسقۇنچىلىق جىنايەت » دەپ يېزىلغان ئىدى.

 

 

مەنبەسى : gb.cri.cn
 يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -19 يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان

| ئانادىيار ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

QQ:527377610 ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 13899847776