نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 633 قېتىم كۈرۈلدى
ياپونىيە لىۋىيە توپىلاڭچىلىرىنىڭ قانۇنلۇقلىقىنى ئىتېراپ قىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -16
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : ئوكيان

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 16-ئىيۇل خەۋىرى: ياپونىيە كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ 16-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيە ئىپادە بىلدۈرۈپ، لىۋىيە توپىلاڭچىلىرى قۇرغان «ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت» نىڭ قانۇنلۇقلىقىنى ئىتېراپ قىلغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، لىۋىيە رەھبىرى قازافى بىلەن توپىلاڭچىلارنىڭ ئۇدا داۋملىشىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇشىنى چۆرىدىگەن ھالدا، لىۋىيە مەسىلىسى خەلقئارا يىغىنى 15-ئىيۇل تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئېچىلدى.
ياپونىيە دېپلوماتىيە ئەمەلدارىمۇ مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان.
ياپونىيە لىۋىيە توپىلاڭچىلىرى قۇرغان «ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت» نىڭ قانۇنلۇق سۆزلەشكۈچى شېرىك ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە لىۋىيەنى قايتا قۇرۇش ئۈچۈن ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 

 

www.alhux.com 
 
ئەنگىلىيە BBC تورىنىڭ 15-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيە 4 دانە ئۇرۇش ئايروپىلانىنى كۆپەيتىپ ئەۋەتىپ،  ش ئا ئە ت نىڭ لىۋىيەدىكى ھەربىي ھەركىتىگە قاتناشتۇرىدىكەن، نۆۋەتتە ئەنگىلىيەنىڭ 12 ئۇرۇش ئايروپىلانى لىۋىيەدە ۋەزىپە ئۆتىمەكتە.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، قازافىغا سادىق قىسىملار ھەمىشە يېڭىچە يوشۇرۇنۇش ئۇسۇلى تېپىۋالىدىغان بولغاچقا، ئەنگىلىيە زەربە بېرىش سالمىقىنى زورايتىشنى قارار قىلغان.
ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 30 دۆلەت تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە بايانات ئېلان قىلىپ، لىۋىيە توپىلاڭچىلىرىنىڭ ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى لىۋىيەنىڭ بىردىنبىر قانۇنلۇق ھاكىمىيىتى ئىكەنلىكىنى ئىتېراپ قىلغان، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ توپىلاڭچىلارغا ياردەم بېرىپ، قازافىغا يەنىمۇ ئىلگىرلەپ بېسىم قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      
ئالدىنقىسى :

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش