نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 189 قېتىم كۈرۈلدى
روسىيە ئايروپىلان زاپچىسى ئەتكەس قىلغان جۇڭگولۇققا جىنايى ئىشلار دېلوسى تۇرغۇزدى

 

www.alhux.com

 

 

يەر شارى تورىنىڭ 8-ئىيۇل خەۋىرى: روسىيە ئاخبارات تورىنىڭ 7-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، روسىيە تاشقى بايقال تاموژنىسى 7-ئىيۇل بىر جۇڭگو پۇقراسىغا MiG-29 ۋە Su-27 كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ زاپچاسلىرىنى ئەتكەس قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىغا قارىتا جىنايى ئىشلار دېلوسى تۇرغۇزغان.
روسىيە تاشقى بايقال تاموژنىسىنىڭ ئاخبارات كاتىپى يۇلىيا فىلىپوۋا ( Yulia Philipova ) نىڭ دېيىشىچە، بۇ جۇڭگو پۇقراسى ئەتكەس قىلىشقا ئۇرۇنغان ئەشيالار كۈرەشچى ئايروپىلان ھاۋا پومپىسى، ئېلىكتىرماتور ۋە ۋاقىت كۆرسەتكۈچ سائىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. يۇلىيا:«بۇلتۇر 7-ئايدا، بۇ ئادەم روسىيە-جۇڭگو تاشيول ئېغىزى 'تاشقى بايقالىسكىي' ئارقىلىق بۇ زاپچاسلارنى ئەتكەس قىلىشقا ئۇرۇنغان. روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرلىكى بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ بېكىتىش ئارقىلىق، يېقىندا مۇسادىرە قىلىنغان بۇ زاپچاسلارنىڭ MiG-29 ۋە Su-27 كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىڭ زاپچاسلىرى ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. ئالاقىدار تارماقلار بۇ ھەپتە جىنايى ئىشلار دېلوسى تۇرغۇزدى ھەمدە دېلونى ساقچى رازۋېتكا بۆلىمىگە تاپشۇرۇپ بەردى» دېگەن.
يۇلىيا يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا، تاموژنا خادىملىرىنىڭ بۇ جۇڭگولۇقنىڭ يۈك-تاقىدا 2 دانە پورشېنلىق ھاۋا پومپىسى، 6 دانە ئېلىكتىرماتور ۋە 54 دانە چاتقۇچ، 1 دانە ۋاقىت ھېسابلاش سائىتى قاتارلىق زاپچاسلارنى بايقىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەربىي مەھسۇلاتلار بولۇپ، روسىيەدىن ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن چوقۇم روسىيە فېدراتسىيە ھەربىي تېخنىكا ھەمكارلىق ئىدارىسى تارقاتقان ئالاقىدار ئىجازەتنامىسى بولىشى كېرەك ئىكەن.
ئۇ تولۇقلاپ:«بۇ جۇڭگو پۇقراسىنىڭ روسىيە ھەربىي مەھسۇلاتلىرىنى ئەتكەس قىلىشقا ئۇرۇنىشى بىرىنچى قېتىملىقى  ئەمەس. 2009-يىلى 7-ئايدا، 'تاشقى بايقالىسكىي' ئېغىزى Su-27 كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ توك تەمىنلەش ئەسلىھەسىنى ئەتكەس قىلغانلىقىنى تەكشۈرۈپ چىقتى. ئەينى چاغدا قولغا ئېلىنغان جۇڭگو پۇقراسى بىر تونۇشۇم سۇ پومپىسى ئالغاچ كېلىشىمنى ئېيتقان دېدى» دېگەن.

 

 

تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۈرۈڭ!
مەنبەسى : ئوكيان تورى
 يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -09 يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان

| ئانادىيار ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

QQ:527377610 ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 13899847776