نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 650 قېتىم كۈرۈلدى
ئىران ئامېرىكا مەھبۇسلىرىنى خورلىغانلىقىنى ئىنكار قىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -04
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى :

 

www.alhux.com 
 
 
 

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 7-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئىراننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى مۇشۇ ئاينىڭ 1-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«ئىران تەرەپنىڭ قولغا ئېلىنغان ئامېرىكىلىقلارنى خورلىغانلىقىنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس».
2009-يىلى 7-ئايدىن بۇيان ئامېرىكا پۇقراسى شۇرد، بەئۇېر، فەرۇل قاتارلىقلار ئىراقنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى كورد ئاپتونوم رايونىدىن ئىرانغا كىرگەندىن كېيىن قولغا ئېلىنغان. شۇ ۋاقىتتا ئىران تەرەپ ئۇلارنى قانۇنسىز يول بىلەن چېگرا ئىچىگە كىرىپ، جاسۇسلۇق بىلەن شۇغۇللانغان دەپ ئەيىبلىگەنىدى.
بۇلتۇر 9-ئايدا بۇ ئۈچ نەپەر ئامېرىكىلىقنىڭ ئىچىدىكى ئايال شۇرد ئاغرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئۇ ئامېرىكىغا قايتقان. قالغان ئىككى ئامېرىكىلىق بولسا يەنىلا نەزەربەند ئاستىدا تۇرۇۋەرگەن.
شۇنىڭ بىلەن بەئۇېر ۋە فەرۇلنىڭ ئانىسى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا بىر پارچە خەت يېزىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن ئىران تەرەپنىڭ ئوغۇللىرىنى تۇتۇپ تۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى ئۆتۈنگەن. ئىراننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئىككىنچى كۈنىلا ئۇ خەتكە قارشى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ خىل ئەھۋاللار ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، دېگەن.
باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن:«ئۇ ئىككىيلەن تۈرمىدە ‹مۇۋاپىق مۇئامىلە› گە ئېرىشتى. ئۇلارنىڭ نەچچە قېتىم تېلېفون قىلىش ھوقۇقى، يەنە خەت-چەك تاپشۇرۇۋېلىش ھوقۇقى بار. ئۇنىڭدىن باشقا ئىران تەرەپ ‹كونسۇلخانا خادىملىرى›نىڭ بۇ ئىككى ئامېرىكىلىقنى يوقلىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ».
باياناتتا تىلغا ئېلىنىشىچە، ئىران تەرەپ 2010-يىلى 5-ئايدا پايتەخت تېھراندىكى بىر مېھمانخانىدا  بۇ ئىككى ئامېرىكىلىقنى ئۇلارنىڭ ئانىلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرگەن.
«ئۇلارنى قولغا ئېلىش ئەدلىيە تەرتىپىگە تامامەن ئۇيغۇن... ئۇنى سىياسىي ياكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئارقىلىق ھەل قىلىش بىھۇدە ئاۋارىچىلىك».
بۇ ئىككى ئامېرىكىلىق مۇشۇ ئاينىڭ 31-كۈنى ئىراندا سوتتا قاراپ چىقىدىكەن.

 

 

مەنبە:news.xinhuanet.com

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش