نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 387 قېتىم كۈرۈلدى
ئۆز قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلماقچى بولغان ئەرنى ئايالى 20 نى چېپىپ ئۆلتۈرۋەتتى

ھايۋان دادا ئۆزىنىڭ 14 ياشلىق قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلماقچى بولدى، ئانا 20 نەچچە پىچاق چېپىپ ئېرىنى ئۆلتۈرۋەتتى. بۇ خەۋەر كەڭ ئاممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئالدىنقى كۈنى تەپتىش تەرەپ بۇ ئايال ئۈستىدىن قەستەن ئادەم ئۆلتۈرش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ شىكايەت سۇندى. بىراق ئادۋوكات بۇنى يوللۇق قوغدىنىش دەپ قارىدى. بۇ دېلوغا كېلەر ھەپتە لۇچۈەن ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسى سوت ئاچىدۇ.


تەپتىش تەرەپ: ئېرى زوراۋانلىق قىلمىشىنى توختاتقاندىن كېيىن، ئايالى چېپىپ ئۆلتۈرۋەتكەن

تەپتىش تەرەپنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 2-ئاينىڭ 23-كۈنى، 35 ياشلىق يۈەن فېن (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ۋە ئېرى جاڭ گو (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم)، 14 ياشلىق قىزى جاڭ لى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم)، ئىككى ياشتىن ئاشقان كىچىك قىزى جاڭفېنلار ياتاق ئۆيىدە ئۇخلاۋاتقان ئىدى. يۈەنفېننىڭ ئويغىنىپ، جاڭگونىڭ بۇرنىغا ئۇرىۋالغانلىقىنى، ھەمدە بۇرنىدىن قان چىققانلىقىنى بىلگەن، ھەمدە جاڭگوغا ياردەملىشىپ قاننى توختاتقان.
كېيىن يۈەنفېن كارۋاتقا چىقىپ ئۇخلاپ قالغان، جاڭگو چوڭ قىزىنى ئۆزىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇخلاشنى ئېيتقان، جاڭلى قەتئىي ئۇنىمىغان، جاڭگو ئۇنى توختىماي مەجبورلىغان. يۈەنفېن دەرھال جاڭلىغا ئۆزى بىلەن كىچىك قىزى ئوتتۇرسىدا ئۇخلاشنى ئېيتقان. بىراق جاڭگو ئايالى ۋە قىزىنى مەجبۇرلاپ ئىشتىنىنى سېلىپ ئۆزىگە كۆرسۈتۈشىنى ئېيتقان. كېيىن، جاڭگو چىراقنى ئۆچۈرۋېتىپ ئايالى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن، ئىشتىن كېيىن ئۇ چوڭ قىزى بىلەن مەجبۇرى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەكچى بولغان. جاڭ لى قاتتىق قارشى تۇرغان. بۇ ۋاقىتتا، يۈەنفېن قاراڭغۇدا سىلاشتۇرۇپ يۈرۈپ ئاشخانا ئۆيدىن بىر دانە چەيدونى ئېلىپ چىقىپ ياتاق ئۆينىڭ ئىشىك ئالدىغا تاشلاپ قويۇپ، جاڭگوغا نەسىھەت قىلغان، بىراق جاڭگو ئاڭلىمىغان، يۈەنفېن چەيدونى ئېلىپ ياتاق ئۆيگە كىرگەن.
جاڭگو قىزىنى بېسىۋېلىپ قويۋەتمىگەن، جاڭ لى يىغلىغان. يۈەنفېن چەيدونى ئېلىپ جاڭ گونىڭ دولىسىغا بىرنى چاپقان، كەينىدىن يەنە جاڭگونىڭ بېشىغا چاپقان، ئۇ قىزىنى چېپىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ، چىراقنى ياققان، يەنە جاڭگونىڭ باش بەل قاتارلىق قىسىملىرىغا كۆپ قېتىم پىچاق چاپقان. كېيىن يۈەنفېن ياتاق ئۆيىدىن چىقىپ كەتكەن، بىراق كەينىگە بۇرۇلۇپ جاڭگونىڭ كارۋاتنىڭ ئاستىغا دومىلاپ چۈشكەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇ يەنە ياتاق ئۆينىڭ ئىشىك ئالدىغا تاشلاپ قويۇلغان گۈرجەكنى ئەكىرىپ جاڭگونىڭ بۇيۇن قاتارلىق جايلىرىغا ئۇرغان. كېيىن ئۇ ئىككى قىزىنى ئېلىپ قوشنا ئۆيدىكى قېيىن ئانىسىنىڭ ئۆيىگە چىققان.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ساقچىلار جاڭگونىڭ بەدىنىگە جەمئىي 20 پىچاق چېپىلغانلىقىنى بايقىغان. باھالاشقا ئاساسلانغاندا، جاڭگو باش سۆڭىكى يارلىنىش ۋە قانسىراپ شۈپ بولۇپ ئۆلگەن. لۇچۈەن ناھىيەلىك تەپتىش مەھكىمىسى، جاڭگو قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلماقچى بولغاندا، يۈەنفېننىڭ چەيدو بىلەن ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىشى يوللۇق قوغدۇنۇش قىلىمىشى بولىدۇ، بىراق بىر قېتىم چاپقاندىن كېيىن جاڭگو باسقۇنچىلىق قىلىش ھەرىكىتىنى توختاتقاندىن كېيىنمۇ يۈەنفېن داۋاملىق چەيدو بىلەن جاڭگونى چېپىپ، ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشىنى «قوغدىنىش ھەركىتى چەكتىن ئېشىپ كەتكەن» دەپ بېكىتىپ چىقىپ، سوت مەھكىمىسى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن يۈەنفېننىڭ جىنايى ئىشلار مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرىشى، ھەمدە يېنىكلىتىپ جازا بېرىش كېرەك دەپ قارىغان.


ئادۋوكات: ئايال يوللۇق قوغدانغانلىقى ئۈچۈن، گۇناھسىز دەپ ئاقلايمەن

ئىگلىنىشىچە، بۇ دېلوغا كېلەر ھەپتە لۇچۈەن ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسىدە سوت ئاچىدىكەن، يۈننەن لىڭيۈن ئادۋوكاتلىق ئورنىدىكى جاۋ شىڭياڭ، يى چادې ئىككىيلەن قانۇنى ياردەم بىلەن تەمىنلەپ، سوتتا ئاقلىغۇچى ئادۋوكات بولۇپ سوتقا چىقىدىكەن. تۈنۈگۈن، ئادوكات جاۋ شياڭنىڭ مۇخبىرغا دېيىشىچە، ئىسپاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، جاڭگونىڭ روھىي ھالىتىدە مەسىلە يوق ئىكەن، بىراق ھاراق ئىچىدىكەن، دېلو يۈز بەرگەن كۈنى، ئۇ بىر كىلوگرام ھاراق ئىچكەن ئىكەن.
ئۇ: «شىكايەت قىلغۇچىنىڭ قارىشىچە يوللۇق قوغدۇنۇش چەكتىن ئېشىپ كەتكەن، بىراق بىز بۇنى يوللۇق قوغدۇنۇش دەپ قارايمىز»، ئۇلار يۈەنفېننىڭ جىنايىتى يوق دەپ ئاقىلماقچى ئىكەن. بۇ دېلونىڭ يۈز بېرىشدىن قارىغاندا، جاڭگو بىر پىچاق چېپىلغاندىن كېيىن ھەرىكىتىنى توختاتقان، بىراق قىزىنىڭ ئۇچىسىدا كىيىم يوق بولغانلىقى ئۈچۈن، قوغدۇنۇش ھەركىتىنى توختاتقاندىن كېيىن، ئۇ يەنە داۋاملىق جاڭلىغا باسقۇنچىلىق قىلىشى مۇمكىن، شۇڭا ئەينى ۋاقىتتا خەتەر تېخى ئۆتۈپ كەتمىگەن. بۇنىڭدىن باشقا بەزى ئىنچىكە تەپسىلاتلاردا، ئانا-بالا كىيىم كىيىشكە ئۈلگۈرمەي ئۆيدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتكەن، بۇ ئۇلارنىڭ ئىنتايىن قورقۇپ كەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، ھەمدە ئۇلا يۈگۈرۈپ چىققاندا، جاڭگو ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاپ ئىشىك ئالدىغا چىققاندىن ئاندىن يىقلىغان.

 

مەنبە:news.sina.com.cn

تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۈرۈڭ!
مەنبەسى :
 يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -02 يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان

| ئانادىيار ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

QQ:527377610 ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 13899847776