نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 315 قېتىم كۈرۈلدى
ئەڭ ھەشەمەتلىك ساياھەت كېمىسى مەيدانغا كەلدى

 

Www.AnAdiyar.Cn 
 

پۇللىرىڭىز ئېشىپ-تېشىپ تۇرامدۇ؟ ناۋادا شۇنداق بولسا، بۇ ساياھەت پاراخوتى سىزگە ياخشى ھەمراھ بولالىغۇدەك. چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 4-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ساياھەت پاراخوتى يېقىندا ئەنگلىيەنىڭ فالموستا سۇغا چۈشكەن. بۇ ساياھەت كېمىسىنى ئەنگلىيە «پەندىنايس پاراخوت ياساش شىركىتى» ياسىغان بولۇپ، 160 پاراخوت ياساش ئىشچىسى 18 ئاي جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق پۈتتۈرگەن. بۇ ئېسىل ساياھەت پاراخوتىنىڭ ئىسمى «يېرىم شار»، ئۇزۇنلۇقى 146 ئىنگلىزچىسى، ماچتىسىنىڭ ئېگىزلىكى 191 ئىنگلىزچىسى كېلىدۇ. بۇنداق ئېسىل ساياھەت كېمىسىنىڭ ئىجارە ھەققىمۇ ئەلۋەتتە ئەرزان بولمايدۇ. بۇ پاراخوتنىڭ ھەپتىلىك ئىجارە ھەققى 172 مىڭ 900 فۇندستېرلىڭ، بۇ ئامېرىكا دوللىرى ئەمەس بەلكى فۇندستېرلىڭ جۇمۇ!

«پەندىنايس پاراخوت ياساش شىركىتى»: دۇنيادا ھېچقايسىسى پاراخوت «يېرىم شار» نومۇرلۇق پاراخوتتەك ھەشەمەتلىك ئەمەس، دېدى. بۇ پاراخوتنىڭ مېھمان كۈتۈش بۆلۈمچىلىرىدە ئالىي دەرىجىلىك ئۇۋۇلاش مۇنچىسى، سۇيۇق كىرىستال ئېكرانلىق كومپيۇتېر ۋە ئاشخانا بار بولۇپ، پالوبىدىكى پائالىيەت قىلىش ئورنىنىڭ چوڭ ۋە ئازادىلىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ناۋادا سۇغا شۇڭغۇشنى ياخشى كۆرىدىغان مېھمانلار بولسا، بۇ پاراخوتنىڭ سۇغا شۇڭغۇش ئەسلىھەلىرىنى سىناپ باقسا بولىدۇ. بۇ پاراخوتتا يەنە سۇيۇق بېسىملىق سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى بار.

«يېرىم شار» ساياھەت كېمىسىدە بەش يۈرۈش ئالاھىدە دەرىجىلىك يۈرۈشلەشكەن ياتاق بار بولۇپ، بۇ ياتاق ئۆيلەرگە سەككىز نەپەر كەسپىي پاراخوت خادىمى مەسئۇل بولىدۇ. بۇ پاراخوتنىڭ سۇ چىقىرىۋېتىش مىقدارى 500 توننىغا يېتىدۇ.

«پەندىنايس پاراخوت ياساش زاۋۇتى» سېتىش بۆلۈمىنىڭ باش نازارەتچىسى توبى ئالىس مۇنداق دېدى: بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ھەشەمەتلىك پاراخوت ھېسابلىنىدۇ. ھەممىمىز بۇ پاراخوتنىڭ كورنېۋىلدا بارلىققا كەلگەنلىكىدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمىز. بۇ پاراخوت بىزنىڭ ھۈنەر سەۋىيەمىزنىڭ قانچىلىك يۇقىرى ئىكەنلىكىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىسپاتى. «يېرىم شار» دېڭىز ساياھىتىنى رەسمىي باشلىسا، بۇ بىر قېتىملىق ئۇنتۇلغۇسىز ساياھەت بولىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، دۇنيادىكى ئەڭ ھەشەمەتلىك بۇ پاراخوت ھازىر ئىجارىگە بېرىلىپتۇ. ئۇنىڭ تۇنجى ساياھەت نىشانى كاسپىي دېڭىزى ئىكەن.

 

 

مەنبەسى : www.uycnr.com
 يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -07 يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان

| ئانادىيار ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

沪ICP备11003167号ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776