رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 4753 قېتىم كۈرۈلدى
ئالەم بوشلۇقىدىكى تاغ جىنىسلىرى قانداق شەكىللەنگەن؟
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-11 -04
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

 

Www.AnAdiyar.Cn

ئالەمدىكى يۇلتۇزلارنىڭ كۆپىنچىسى يەر شارىغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان تاغ جىنىسلىرىدىن تەركىب تاپقان. ئۇنداقتا، بۇ تاغ جىنىسلىرى قانداق شەكىللەنگەن؟
ئەنگلىيە تەبىئىي پەنلەر ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى فىر بلاند يېتەكچىلىكىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسى قۇياش سىستېمىسىدىكى تاغ جىنىسلىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە قارىتا كومپيۇتېر تەقلىدىي تەجرىبىسىنى ئىشلىگەن. تەجرىبىدە ئۇلار قۇياش سىستېمىسىدىكى پىلانىتلارنى شەكىللەندۈرگەن تاغ جىنىسلىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى توزان تۇمانلىرىنىڭ جۇغلىنىشىدىن شەكىللەنگەنلىكىنى بايقىغان. بۇ توزانلار ئىنتايىن ئۇششاق بولۇپ، بىز دائىم كۆرۈپ تۇرىدىغان ئۇن توزاندىلىرىدىنمۇ كىچىك ئىكەن. توزان تۇمانلىرى ئالەم بوشلۇقىدا ھازىرمۇ بار ئىكەن. توزان تۇمانلىرى ئالەم بوشلۇقى تەتقىقاتىدىكى توسالغۇ بولۇپ، ناۋادا، ئالەم كېمىسى توزان تۇمانىغا كىرىپ قالسا، چاڭ-توزانلار ئالەم كېمىسىنىڭ كۆرۈنمەس يوچۇقلىرىدىن كىرىپ كېمىنىڭ نازۇك زاپچاسلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىكەن.
بۇ چاڭ-توزانلاردىن شەكىللەنگەن ئىپتىدائىي تاغ جىنىسلىرى دەسلەپتە پاختىدەك يۇمشاق بولۇپ، تۆشۈكسىمان ھالەتتىكى پىروبركىغا ئوخشايدىكەن. ئۇنداقتا، بۇ يۇمشاق تاغ جىنىسلىرى قانداق قىلىپ مۇستەھكەم تاغ جىنىسلىرىغا ئايلانغان؟
بۇ سوقۇلۇش كۈچى، يەنى توزانلارنىڭ بىر - بىرىنىڭ ئارىسىدىكى سوقۇلۇش كۈچىنىڭ تەسىرىدە شەكىللەنگەن. سەۋەبى دەسلەپكى تاغ جىنىسلىرىنىڭ زىچلىقى ناھايىتى كىچىك بولۇپ، بەزىلىرى ھەتتا بوشلۇقتا لەيلەپ يۈرىدۇ. ئىپتىدائىي تاغ جىنىسلىرى ئالەم بوشلۇقى شامىلى، ئۆزئارا تارتىشىش كۈچى، كېڭىيىش كۈچى قاتارلىق كۈچلەرنىڭ تەسىرىدە، توختىماي بىر-بىرىگە سوقۇلۇپ ھەرىكەت قىلىدىكەن. نەچچە مىليون يىلنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ جىنىسلار ئاستا-ئاستا قاتتىق ھالەتكە كېلىدىكەن.  

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش