نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 232 قېتىم كۈرۈلدى
ئۆگەي ئوغلىنى ئۆلتۈرۈپ ئېرىدىن ئۆچ ئالماقچى بولغان ئايال دورا ئېچىپ ئۆلۈۋالدى

جۇڭشىن تورى يىجو 6- ئاينىڭ 28- كۈنى تېلېگراممىسى: گۇاڭشى يىجودىكى  قىمارغا خۇمار بولۇپ قالغان ئايال ئېرىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئۆگەي بالىسىنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈۋىتىپ ئۆزى دېھقانچىلىق دورىسى ئېچىپ ئۆلۈۋالغان. يىجو ساقچى تەرەپنىڭ  ئاشكارلىشىغا قارىغاندا، ئايال ئېغىر زەھەرلەنگەن بولغاچقا، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن.
ساقچى تەرەپنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 6- ئاينىڭ26- كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 16 ئەتراپىدا،يىجو شەھىرى بېيشەن بازىرىدىكى كەنت ئاھالىسى خۇاڭ** ئۈجمە يوپۇرمىقى ئۈزۈپ ئۆيگە قايتىپ كېلىپ ئايالىنىڭ بىر بوتۇلكا دېھقانچىلىق دورىسىنى ئېچىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. بۇنى كۆرۈپ ئۇ دەرھال بوتۇلكىنى تارتىۋالىدۇ ۋە ئاق ماغزاپ  ياندۇرۇۋاتقان ئايالىنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارىدۇ.  ئايالى بىلەن دوختۇرخانىدا بىر كۈن ئالدىراش  ئۆتكەن خۇاڭ** ئايالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقاندا، خۇاڭ ** نىڭ دادىسى ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ، توققۇز ياشلىق نەۋرىسىنىڭ  ئۆيدە بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرى كېلىدۇ.
ئەھۋالنى تاپشۇرۇۋالغان يىجو شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، ج خ ئىدارىسىنىڭ  ئىدارە باشلىقى مو شېلياڭ، سىياسى كومىتېتتىن شيې شياڭلې رازۋىدكا چوڭ ئەترىتى ۋە  بېيشەن ساقچىخانىسىدىكى ساقچىلارنى باشلاپ دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى. دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان خۇاڭ** نىڭ ئايالى لى** ئەڭ چوڭ جىنايەت گۇماندارى دەپ قارالدى ۋە نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.ج خ ساقچى دائىرىلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ سوراق قىلىشى نەتىجىسىدە خۇاڭ** ئۆزىنىڭ نىكاھتىكى تەلەيسىزلىكىنى ئاشكارلىدى. 2003- يىلى ئالدىنقى ئايالى  كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭدىن ئىككى قىزى بىر ئوغلى بار ئىكەن. 2004- يىلى باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن  ئۇ 31 ياشلىق  لى ** بىلەن تونۇشۇپ قالغان. ئۇزاق ئۆتمەي ئىككەيلەن توي قىلغان ۋە بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان. ئويلىمىغان  يەردىن  لى** قىزى تۇغۇلغاندىن كېيىن خۇاڭ** نىڭ قىزىغا  رەھىمسىزلىك قىلىشقا باشلىغان. قىمار ئويناشقا خۇمار بولۇپ قالغان. بۇ جەرياندا قىمار قەرزى ئۈستى- ئۈستىلەپ زىممىسىگە ئارتىلغان. ئەر-خوتۇن بۇ ئىش بىلەن  نەچچە قېتىم قاتتىق سوقۇشقان. چىداپ بولالمىغان خۇاڭ ** نەچچە قېتىم لى** نى قوغلاپ چىقارماقچى بولغان بولسىمۇ، چىقىرالمىغان. ساقچى تەرەپنىڭ دېيىشىچە،  ۋەقە شۇ كۈنى سائەت 22 ئەتراپىدا يۈز بەرگەن. دوختۇرلارنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇشى نەتىجىسدە ئايال بىر ئاز ۋاقىت ھۇشىغا كەلدى. سوراق قىلىش ئارقىلىق ئۇ ئېرىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئۆگەي ئوغلىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئىقرار قىلدى. 
قىزى تۇغۇلغاندىن كېيىن لى ** قىمارغا خۇمار بولۇپ قېلىپ، نۇرغۇن قەرزگە بوغۇلغان. بۇ خۇماردىن ئۆزىنى تارتالمىغان. بۇ توغرىسىدا ئەر-ئايال دائىم قاتتىق سوقۇشقان. بۇنىڭغا كۆڭلىدە ئېرىگە ئۆچ ساقلاۋاتقان لى ** پۇرسەت كۈتۈپ ئېرىدىن ئۆچ ئېلىشنى ئويلىغان. 6- ئاينىڭ 26- كۈنى ئېرىنىڭ سىرىتقا ئۈجمە ئۈزگىلى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئايالى لى** ئۆگەي ئوغلى شياۋيۈ بىلەب ئۆيدە قالىدۇ.
بۇنى پۇرسەت دەپ بىلەن لى** شياۋيۈنى ئىنچىكە سىم بىلەن بوغۇپ ئۆلتۈرۈۋىتىدۇ. قانۇنىي مەسئۇلىيەتتىن
 قېچىپ لى** دېھقانچىلىق دورىسى ئېچىپ ئۆلۈۋالماقچى بولىدۇ. ئويلىمىغان يەردىن خۇاڭ ** ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ قۇتقۇزىدۇ.

 

تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۈرۈڭ!
مەنبەسى :
 يوللانغان ۋاقىت : 2011-06 -30 يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان

| ئانادىيار ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

QQ:527377610 ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 13899847776