نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىقتىساد >> يازما كۈرۈش >> 1074 قېتىم كۈرۈلدى
بىن لادېننىڭ ئۆلۈمىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى پايچەك، ئالتۇن، ئامېرىكا دوللىرى قاتارلىق كاپىتال سېستىمىلىرى ..
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-06 -06
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى :

 

www.alhux.com

 

 

 

www.alhux.com 
 
ياپونىيە مەبىلەغ سېلىش ئورگىنى بولغان «يېڭى چىگرا» تاۋار بىرژىسىنىڭ  لىدىرى  چىچۈەنيەن مۇنداق دېدى:« بىن لادېننىڭ ئۆلۈمىنىڭ تەسىرىدە ماي، ئالتۇننى تۆكمە قىلىپ سېتىلىپ، پايچەك كۆپلەپ سېتىۋېلىندى. بىراق، بۇ ئەھۋال پەقەت قىسقا مەزگىللىك ئەھۋال بولۇپ، بازار يەنە ئەسلى ھالىتىگە قايتىدۇ».     ئامېرىكا مەبىلەغ سېلىش ئورگىنى بولغان چەۋەنداز كاپىتال گوروھى دائىمىي ئىشلار لىدىرى بودې.كېنى مۇنداق دېدى:«بىن لادېنىىڭ ئۆلۈمىنىڭ بازارغا كۆرسەتكەن تەسىرى ھەرگىزمۇ پۈتۈنلەي ئاكتىپ ئەمەس. بۇ بەلكىم ئوتتۇرا شەرىق ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىمسىزلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىشى مۇمكىن».
     تۈنۈگۈن «ئەلقائىدە تەشكىلاتى» نىڭ باشلىقى بىن لادېننىڭ  ئامېرىكا ھەربىي كۈچلىرى تەرپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرى تارقىلىشى بىلەن، ئاسىيا پايچەك بازىرىدا جىبۇس 500 قەرەللىك مېلى قاتارلىق خەتەردىن ساقلىنىش كاپىتالى گوروھلىرىنىڭ پايچىكى باھاسى ئۆستى. ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچ سانىمۇ ئۈچ يىلدىن بويانقى ئەڭ تۆۋەن بولغان 72.81 ئورۇندىن ئۆسۈپ 73.72 گە چىقتى. بۇنىڭ تەسىرىدە قىممەتلىك مېتاللار بازاسىمۇ چۈشتى.
     شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئاساسلىق ئىستىمال بويۇملىرىنىڭ باھاسى چۈشتى. بۇنىڭ ئىچىدە نيو-يۇرىكتا ماي ۋە مىسنىڭ قەرەللىك مال باھاسى ئايرىم -ئايرىم ھالدا %1.8 پىرسەنىت ۋە %1.1 پىرسەنىت چۈشتى. خەلقئارا ئالتۇن باھاسىمۇ %0.7 پىرسەنىت چۈشۈپ، ھەر ئۇنسىيىسى (يەنى بىر ئۇنسىيە 31.10 گىرامغا تەڭ) 1553 ئامېرىكا دوللىرى بولدى.
     بىراق دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، تۈنۈگۈن بايراملىق دەم ئېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن لوندون بازىردا ھېساپلاش توختىتىلغان بولۇپ،  ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازرىى بىر قەدەر مۇقىم بولدى.
     پۈتۈن دۇنيادىكى مەبىلەغ سالغۇچىلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيىتقاندا، بىن لادېننىڭ ئۆلۈمى مەبىلەغ بازىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتەمدۇ ياكى  بىر قېتىملىق پۇرسەتمۇ؟ بولۇپمۇ  ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى بۇنىڭدىن كېيىن قانداق بولىدۇ؟ قاتارلىق مەسىلەرگە قارىتا فېڭشېڭ بايلىق باشقرۇۇش تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى لوجىۋېي مۇخبىغا مۇنداق دېدى:« بىن لادېن ئۆلۈمىنىڭ تەسىرىنى ئىككى جەھەتتىن قاراش كېرەك. ئالدى بىلەن بۇ خەۋەر يەنى بىن لادېننىڭ ئۆلۈمى دۇنيا خەتەردىن ساقلىنىش كاپىتالىغا پايدىلىق. بىراق، پەقەت مەبىلەغ سېلىش كەيپىياتىغاىلا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ.  كاپىتال قىممىتىگە ئۇزاق مەزگىل تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ، بىن لادېنغا ئەگەشكۈچىلەر ئەگەر ئۆچ ئېلىش ھەركىتىنى قوزغىسا،  بۇ كاپىتال بازىرىغا زور تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن».
     نىفىت ئىكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر ئىتتىپاقىدا ئالدىنقى ھەپتە ماي باھاسى  قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئازىراق چۈشۈپلا يەنە ئۆرلەپ كەتتى. نىفىت ئىكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ كاتىپى  2-ماي ئېلان قىلغان سانلىق-مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، نىفىت ئىكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر ئىتتىپاقى بازار تەكشۈرۈش بۆلۈمى نىفىت باھاسىنى ھەر تۇڭى 119.79 ئامېرىكا دوللىرىغا ئۆستۈرگەن بولۇپ، بۇ 2008-يىل 7-ئايدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر ھەپتىدىن بويانقى ئەڭ يۇقىرى باھا بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
    باھا ئورگىنى 18-ئاپىرېل  ئامېرىكىنىڭ ئاساسلىق قەرىز ئىناۋەتلىك دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتتى.  ئۇنىڭ ئۈستىگە بازار ماي باھاسىنىڭ داۋاملىق ئۆسۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرگەچكە، مايغا بولغان ئېھتىياجنى تەڭشەش قويۇشى مۇمكىن. مۇشۇ تەسىرلەر ئاسىتىدا داۋاملىق ئۆسۈپ، يېڭى رېكورت يارىتىۋاتقان ماي باھاسى 4-ئاينىڭ 3-ھەپتىسىدە ئازىراق چۈشتى. بىراق نىفىت ئىكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر ئىتتىپاقى ئەكسىچە نىفىت باھاسىنى ئۆستۈردى
 
 
 

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

باي سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بىن لادېن قانداق بولۇپ، ئامېرىكىغا قارشى تېرورچى بولۇپ قالدى؟
ئوباما بىن.لادېننىڭ جەسىتىنىڭ سۈرىتىنى ئاشكارلاشنى رەت قىلدى

بىن لادېننىڭ سول كۆزىنىڭ ئۈستىگە ئوق تېگىپ باش سۆڭىكى ئاجراپ كەتكەن
بىن لادېننىڭ تۇرالغۇسى پاكىستان ساقچىلىرى تەرىپىدىن قامال قىلىندى
پاكىستان خەلقى ئامېرىكىنىڭ بىن.لادېننى ئۆلتۈرگەنلىكىگە قارىتا نامايىش قىلدى
بىن.لادېن توغرىسىدا ئوباما بىلەن كىچىك بۇشنىڭ دىئالوگى
«بازا» تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى بېن.لادىننىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈش خاتىرىسى
بىن لادىننىڭ ئۆلىمى توغرىسىدا تۈزىتىلگەن خەۋەر
بىن لادېن تىرىك تۇتۇلغاندىن كېيىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىكەن
بىن لادېننىڭ ئۆلۈمىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى پايچەك، ئالتۇن، ئامېرىكا دوللىرى قاتارلىق كاپىتال سېستىمىلىرىغا كۆرسەتكەن تەسىرى

بىن لادېننىڭ ۋەسىيەتنامىسى ئاشكارلاندى
بىن.لادېننىڭ ئۆلۈمى ئالاقە تورىغا زور تەسىر كۆرسەتتى
بىن لادىننىڭ مەخپىي تۇرلغۇسىدىكى تۇرمۇشى ئاشكارلاندى
ئەل-قائىد، تالىبان بىن لادىن ئۈچۈن قىساس ئالىمىز دەپ دارۋاڭ قىلماقتا
بىن لادىننىڭ ئۆلۈمى Twitter غا پايدا بوپتۇ
بېن.لادىن ئۆلگەندىن كېيىن پاكىستاندا پارتلىتىش يۈز بەردى
بېن لادىننىڭ ئۆلۈمى ئافغانىستان ئىستراتىگىيىسىنى ئۆزگەرتىدۇ

ئامېرىكا بېن لادىننىڭ ئۆلگەنلىكىنى جاكارلىدى 
بىن لادېننىڭ جەسىتى دېڭىزغا دەپنە قىلىندى
بىن.لادېننىڭ يۈشۇرۇنغان جايى 
بېن لادىن ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە ئېتىلىپ بېرىپتىكەن
ئوباما بىن لادىننىڭ ئۆلتۈرۈلۈش جەريانىنى ئاق سارايدا كۆرۈپ ئولتۇرغان
 
ئوباما لادېننىڭ ئۆلتۈرۈلگەن پەيتىدىكى كۆرۈنىشىنى كۆردى
بىن لادىننىڭ ئوغلىمۇ ئالاھىدە ھەرىكەتتە ئۆلدى
ئامېرىكا ئارمىيىسى بېن لادىننىڭ ئىككى خوتۇنىنى تۇتىۋاپتۇ
بىن لادىننىڭ ئايالىنى قالقان قىلىشى دېڭىز يىلپىزى زەربىدار ئەترىتىنىڭ ئوقىدىن ساقلاپ قالالمىدى
«بازا» تەشكىلاتىنىڭ كاتتىۋېشى بىن.لادېننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
بىن.لادېننىڭ ئۆلگەندىن كېيىنكى سۈرىتى گۇمان قوزغىدى

بېن لادىننىڭ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىنكى رەسىمى يالغان بولۇشى مۇمكىن
بېن لادىننىڭ جەسىتىگە قارىتا DNA تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىلدى
بىن لادىن ئۆلدىمۇ، ئامېرىكا ئۆچىنى ئالدىمۇ؟
ئوباما بېن لادىننىڭ ئۆلگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كىيىنكى ئامېرىكىلىقلار...
بېن لادىننىڭ ئۆلۈمى بىر «خۇشاللىنارلىق ئابىدە»
نيۇيورۇك خەلقى بېن لادىننىڭ ئۆلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى
ئاففانىستان زۇڭتۇڭى بىن.لادېننىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئالقىشلىدى
بىن لادېننىڭ ئۆلۈمى بىلەن بازار قالايمىقانلىشىپ، ماي باھاسى شىددەت بىلەن ئۆسۈپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن
ئامېرىكا بىن لادېننىڭ ئۆلۈمى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئۆچ ئېلىش ھۇجۇملىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا باشلىدى
ئىران بىن لادىن ئۆلگەندىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە قېلىش باھانىسى يوق دېدى
پاكىستاندىكى بىن لادېننى قوللىغۇچى ئامما ئامېرىكا بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى
بىن لادىننىڭ قوللىغۇچىلىرى داۋاملىق ئۇرۇش قىلىپ قىساس ئېلىشقا قەسەم قىلدى
پاكىستان ئاممىسى بىن لادىنغا ھۆرمەت بىلدۈردى
بازا تەشكىلاتى ئامېرىكىدىن ئۆچ ئېلىشى مۇمكىن

 
مىسىردىكى مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بىن لادېننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئەيىبلىدى
 
بىن لادېن توغرىلىق ئېلېكترونلۇق ئويۇن ئىشلىنىدىكەن

 

money.sohu.com:مەنبە

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش