نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 1083 قېتىم كۈرۈلدى
ئادەمگە ياكى ئالۋاستىغا ئوخشىمايدىغان غەيرى مەدەنىيەتتىكىلەر
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-05 -26
  • يوللىغۇچى : ئالىمجان
  • مەنبەسى :

 

www.alhux.com

1. مۇردا يىگىت


رايسىكى، ئۆزىنى قارىماققا مۇردىدەك كۆرسىتىشنى ئارزۇ قىلىدىغان بولۇپ، 24 سائەت بەدەن چەكمىسى چېكىش ئۈچۈن ئۇ 4075 يۈەن كانادا پۇلى خەجلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ توردا قىززىق نۇقتىغا ئايلىنىپ، ئادەم بەدىنىنى ئۆزگەرتكۈچى «مۇتەخەسىس» بولۇپ قالدى. ئەمما بەزى كىشىلەر ئۇنى نېرۋا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قاپتۇ، دېدى.

www.alhux.com

2. يولۋاس ئادەم
DennisAvner داڭلىق « يولۋاس ئادەم »، ھىندىئانچە ئىسمى «ئوغرى مۈشۈك»، ئۆزىنىڭ سىرتقى كۆرۈنىشىنىڭ يولۋاسنىڭ سىرتقى كۆرۈنىشىگە تېخىمۇ يېقىنلىشىشى ئۈچۈن، ئۇ بىر قاتار ئوپراتسىيەلەرنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، مەسىلەن: ئوپراتسىيە ئارقىلىق يولۋاسنىڭكىگە ئوخشاش بۇرۇت ئورنىتىش، كاسسا قىسمىنى يوغارتىش، پېشانىسىنى دۆڭ قىلىپ تۈزىتىش ۋە ئالدىدىكى ئىككى چىشىنى ئۇچلۇق قىلىش قاتارلىقلار....

www.alhux.com

3. «رەسىملىك سەتەڭ»


JuliaGnuse كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ داڭلىق «رەسىملىك سەتەڭ». بىراق، ئۇنىڭ تۇغما پورفىرىن كېسىلى بولۇپ، تېرىسى ئادەت خاراكتىرلىك سۇ قاپىرىپ، تارتۇق بولۇپ قالىدىكەن. بەدىنىدىكى تارتۇقلارنى يوشۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن، ئۇ بەدىنىنىڭ ياللۇغلانغان قىسمىنى گۈل چەككۈزۈش ئارقىلىق توسۇپ قالماقچى بولغان. شۇنداق قىلىپ، ئۇ 10 يىلدىن كېيىن ژورنال ۋە گېزىتلەردە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، جىنىس رىكورتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

www.alhux.com

4. كەسلەنچۈك ئادەم
EricSprague «كەسلەنچۈك ئادەم» دەپ ئاتالغان بولۇپ، 1972-يىلى تۇغۇلغان، «تىلىنى ئىككىگە بۆلىۋەتكەن»، سۆسۈن تۈزەش تېرىخىدا «ئۆزگىچە» رېكورت ياراتقان ئادەم. ئۆزىنىڭ سىرتقى كۆرىنىشىنى ئۆمۈلىگۈچى ھايۋانلارغا تېخىمۇ ئوخشىتىش ئۈچۈن، 37 ياشلىق EricSprague  بەدەن چەككۈزۈش ئۆيىدە 700 سائەت ۋاقتىنى ئۆتكۈزدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ قاش قىسمىغا ئالاھىدە ماتىرىيالدىن ئىشلەنگەن سۇلياۋ «مۈڭگۈز» ئورنىتىۋالغان بولۇپ، چىشىنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرۈپ، تىلىنى ئىككە بۆلۈپ، قۇلىقىنى سوزدۇرغان.....

www.alhux.com

5. دۇنيا بويىچە بەدەن چەكمىسى ئەڭ كۆپ ئادەم
كۆپ قەۋەتلىك بەدەن چەكمىسى بار ئادەم ئاۋىستىرالىيەدىكى LuckyDiamondRich بولۇپ، ئۇ 1000 سائەتتىن ئارتۇق ۋاقتىنى بەدەن چەكمىسى چەككۈزۈشكە ئىشلەتكەن. دەسلەپتە ئۇ قول تېلىفونى ئارقىلىق تارتىۋالغان بەدەن چەكمە نەقىشلىرىنى بەدىنىگە ئويغۇزۇپ كۆك سىياھ بىلەن بويىۋەتكەن. شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى ئۇنىڭ بەدىنى 100 پىرسەنت بەدەن چەكمىسى بىلەن ئورالغان. جىنىس رېكورنى ئۇنى دۇنيا بويىچە بەدەن چەكمىسى ئەڭ كۆپ ئادەم، دەپ ئېتىراپ قىلدى.

www.alhux.com

6. دۇنيا بويىچە ئويما چەكمىسىنى ئەڭ كۆپ چەككۈزگەن ئايال
ElaineDavidson  دۇنيا بويىچە ئويما چەكمىسىنى ئەڭ كۆپ چەككۈزگەن ئايال بولۇپ، جىنىس رىكورتى ياراتقان. ئۇنىڭ بەدىنىدە جەمئىي 462 تەشمە بار، پەقەت يۈز قىسمىدىلا 192 تەشمە بار ئىكەن. ئۇ بۇ تەشمىلىرىگە جەمئىي ئېغىرلىقى 3 كىلوگىرام كېلىدىغان زىبۇ-زىننەت ئېسىۋالغان بولۇپ، 2009-يىلى بەدەن تەشمىسىنى 6005 غا يەتكۈزگەن ئىكەن.

www.alhux.com

7. PaulLawrence : سىر
سىز بەلكىم پۈتۈن بەدىنى كۆك رەڭدە چېكىلگەن، بەدىنىنى غەلىتە سۈرەتلەر قاپلىغان «سىر» ئادىمىنى ئاڭلاپ باققان بولىشىڭىز مومكىن. PaulLawrence دەل مۇشۇ ئادەم بولۇپ، ئۇ بىر ئالاھىدە نومۇر كۆرسىتىش ئارتىسى بولۇپ، ئادەتتە ئېغىزىغا قىلىچ تىقىش، پولات بۇرمىلىغۇچنى بۇرنىغا كىرگۈزۈش قاتارلىق خەتەرلىك ئويۇنلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە ھەرخىل سۇيۇقلۇقلارنى يۇتىۋىلىپ، يەنە قورسىقىدىن قۇسۇپ چىقىرالايدىكەن. ئۇ بىر ئالاھىدە ماھارەت كۆرسىتىش ماھىرى بولۇپ قالماستىن يەنە بىر مۇزىكانت ئىكەن.

www.alhux.com

8. «يولۋاس ئايال» ___ «سىر» نىڭ ئالدىنقى ئايالى
«يولۋاس ئايال» داڭلىق سەنئەتكار ۋە رەسسام Katzen نىڭ تەخەللۇسى بولۇپ، پۈتۈن بەدىنىنى يولۋاسنىڭكىگە ئوخشاش «ياسىۋالغان». ئۇ ئۆزىنى يولۋاسقا ئوخشاش ياسىۋالغان بولۇپ، كېيىن «سىر» يەنى PaulLawrence بىلەن توي قىلغان. بىر مەزگىل ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرغاندىن كېيىن ئاجرىشىپ كەتكەن. نۆۋەتتە ئۇ ئامېرىكىنىڭ تېكساس شىتاتى ئوستىن شەھىرىدىكى بىر بەدەن چەكمىسى دۇكىنىدا ئىشلەيدىكەن.

www.alhux.com

9. EtienneDumont : سەنئەت
EtienneDumont جەنۋە ئاگېنتلىقىنىڭ سەنئەت ۋە مەدەنىيەت ئوبزورچىسى. ئۇنىڭ بېشىدىن پۇتىنىڭ ئۇچىغىچە بەدەن چەكمىسى چېكىلگەن بولۇپ، ئىككى قۇلىقىدا 2.7 ئىنگىلىزمىلى كېلىدىغان ھالقىسى بار پلاستىر ئەينەك بىلەن بۇرۇن ۋە ئەستىنقى كالپۇكىنى تېشىۋالغان. ئۇ بەدەن چەكمىسىنىڭ ئۆزى بىر خىل سەنئەت، دەپ قارايدىكەن

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش