نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 868 قېتىم كۈرۈلدى
1 ياشلىق قىزچاق 10-قەۋەتتىن چۈشۈپ كېتىپ ھايات قالدى
1ياش9 ئايلىق قىزچاق شى شى، ئېھتىياتسىزلىقتىن 10-قەۋەتتىن چۈشۈپ كەتكەن،  يەر ئاستىغىچە تېگىپ تۇرىدىغان دېرىزە ياخشى رىمنوت قىلىنمىغانلىقتىن، شى شىنى توسىيالماي يەر ئۈستىگىلا چۈشۈپ كەتكەن. يەر ئۈستىدە ياتقان قىزىنى كۆرگەن ئانا  دەرھال جىددى قۇتقۇزۇشقا تېلىفۇن قىلىپ، قىزىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق، شى شىنىڭ يارىسىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكى، باش سۆڭىكى سۇنۇپ، كۆكرەك قىسمىدىكى سول يان ئارتىرىيە قان يولچىسىنىڭ  زەخمىلەنگەنلىكى،ئۆپكىسىنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقى، پۈتكۈل بوغۇمى سۇنۇپ، قان بەك كۆپ چىقىپ كەتكەنلىكتىن، ھاياتىنىڭ خەۋپ ئىچىدە قالغانلىقى مەلۇم بولغان.
دوختۇر قىزچاقنىڭ ئاتا-ئانسىغا قىزچاقنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، ھايات قېلىش ئېھتىماللىقىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەنلىكىنى، ھەمدە مېيىپ بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
كۆكرەك كېسەللىكى بۆلىمى، بالىلار بۆلۈمى، جىددى كېسەللەرنى داۋالاش بۆلىمى ھەمدە سۆڭەك كېسىلى بۆلىمىنىڭ دوختۇرلىرى بىرلىكتە  تەھلىل قىلىش ئارقىلىق كىچىك قىزچاق شى شىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئامالىنى تېپىپ چىققان.
 شى شىنىڭ تەلىيىگە ئۇنىڭ مېڭە قىسمىدا يارىلىنىش بولمىغانلىقتىن ئوپراتسىيە قىلمايلا، سۇنغان سۆڭەكنىڭ غەلىتە شەكىللىك ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، شى شىنى ئەقلىي قابىلىيىتى ۋە ھەرىكەت ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرىمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرگەن.
 توڭجى دوختۇرخانىسىدىكى دوختۇرلارنىڭ بىرلىكتە تىرىشىشى ئارقىسىدا، يېقىندا خەتەرلىك ئەھۋالدىن ئۆتۈپ كەتكەن ھەمدە ھېچقانداق كېسەللىك ئاسارىتى قالمىغان.
تۈنۈگۈن، قىزچاق شى شى خوشال-خورام ھالدا«ئاپا»دەپ چاقىرغان. مەسئول دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، شى شىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ئىلگىرىكى ھالىتىگە قايتقان بولۇپ، دوختۇرخانىدىن چىقىپ كەتسە بولىدىكەن.
4-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئاپىسى  يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشكەن قىزى شى شىنى ئۆزلىرىنىڭ يېڭى ئۆيىگە ئېلىپ بارغان.
تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۈرۈڭ!
مەنبەسى :
 يوللانغان ۋاقىت : 2011-05 -26 يوللىغۇچى : ئالىمجان

| ئانادىيار ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

QQ:527377610 ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 13899847776