نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 688 قېتىم كۈرۈلدى
لادېننىڭ ئايالى ئامېرىكىنى ئاخبارات بىلەن تەمىنلىگەن بولىشى مومكىن
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-05 -24
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

 

www.alhux.com

 

ئوساما .بىن. لادېن

 

 چەتئەل بىرلەشمە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 22-ماي خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دېڭىز يىلپىزى زەربىدارلار ئەترىتى بىن.لادېنغا تۇيۇقسىز زەربە بەرگەن ۋاقىتتا، بەلكىم لادېننىڭ تۇرالغۇسىدىن كەلگەن «ئالۋاستى خائىن» نىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن بولىشى مومكىن ئىكەن.
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ ئاشكارلىشىچە، ئامېرىكا دېڭىز يىلپىزى زەربىدارلار ئەترىتى لادېنغا ھۇجۇم بېرىش جەريانىدا يېنىغا بىر «لادېننىڭ ئىزاھاتى» ناملىق قوللانمىنى ئىلىپ كىرگەن بولۇپ، بۇ قوللانمىدا لادېننىڭ تۇرالغۇسىدىكى كىشىلەرنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى، لادېننىڭ كېيىنىشى قاتارلىقلار تەپسىلىي سۈرەتلەنگەن ئىكەن.
ئىگىلىنىشچە، ئامېرىكا ئارمىيەسى دېڭىز يىلپىزى زەربىدارلار ئەترىتى تىك ئۇچار بىلەن ئارغامچا ساڭگىلىتىپ لادېننىڭ تۇرالغۇسىغا چۈشىۋاتقاندا ئايروپىلان تۇيۇقسىز چۈشۈپ كەتكەن. «لادېننىڭ ئىزاھاتى» ناملىق بۇ قوللانمىمۇ دەل مۇشۇ چاغدا زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ يېنىدىن چۈشۈپ قالغان ئىكەن.
قوللانمىنىڭ بىرىنچى بېتىدە، لادېننىڭ سۈرىتىدىن باشقا يەنە ئىلگىرى ئەزەلدىن ئاشكارلىنىپ باقمىغان لادېننىڭ يەمەنلىك ئايالى ئامالى.ساداھنىڭ سۈرىتى بار ئىكەن. ئامالى يەمەندىكى بىر ئاددى ئائىلىدىن كەلگەن بولۇپ، 18 ياش ۋاقتىدا لادېنغا ياتلىق بولغان. يەنى بۇ ئايال لادېننىڭ ھەممىدىن ياش ھەم ئەڭ كۆيىنىدىغان ئايالى ئىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا قوللانمىدا يەنە لادېن ۋە ئۇنىڭ 3 ئايالىنىڭ بىرلىكتە تۇرىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە لادېننىڭ خەۋەرچىسى ئاساد.كىھاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىشەنچىلىك ئادىمىنىڭ قورونىڭ يەنە بىر بۇلىڭىدىكى بىنادا تۇرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. قوللانمىدا يەنە لادېننىڭ خەۋەرچىسى ئاساد.كىھاننىڭ سۈرىتى ۋە ئۇنىڭ يەنە بىر ئىشەنچىلىك ئادىمىنىڭ سىرتقى كۆرىنىشى تەسۋىرلەنگەن ئىكەن. قوللانمىنىڭ ئاخىرىدىكى بىر قانچە بېتىدە، لادېننىڭ ئاياللىرى ۋە بالىلىرىنىڭ تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، لادېننىڭ ھەممە بالىسىنىڭ لادېننىڭ خەۋەرچىسى ئاساد.كىھان بىلەن بىللە تۇرىدىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن.
قوللانمىدا لادېنىڭ سىرتقى كۆرىنىشى ۋە كىيمى ئېنىق تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ 54 ياشقا كىرگەنلىكى، بويىنىڭ ئىگىزلىكى 1.90 مېتىر كېلىدىغانلىقى، دائىم سۇس رەڭلىك چاپان، سىرتىغا سۇس رەڭلىك جىلىتكە، بەزىدە بېشىغا سەللىسىنى كىيىۋالدىغانلىقى ئېنىق تەسۋىرلەنگەن.
«لادېننىڭ ئىزاھاتى» ناملىق بۇ قوللانما ئاخبارات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن ئاشكارلانغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. بەزىلەر، لادېن نەچچە يىلدىن بۇيان ئۆزىنى مۇستەھكەم يوشۇرۇپ تۇتۇلماي كەلگەن ئىدى، پەقەت ئامېرىكىنىڭ سۈنئىي ھەمراسىغا تايىنىپلا ئۇنى تۇتۇش ئاسان ئەمەس. بولۇپمۇ لادېننىڭ كېيىنىشىنى تەپسىلىي تەسۋىرلەش، ئۇنىڭ يېنىدا «ئالۋاستى خائىن» بار، ئامېرىكىنى دەل مۇشۇ «ئالۋاستى خائىن» نىڭ ئاخبارات بىلەن تەمىنلىگەن، دەپ قارىغان.
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى، سابىق ئاخبارات ئورگىنىنىڭ باشقۇرغۇچىسى لاھمان.مالىك ئەنگىلىيە «تايمىس گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «كۆپ يىللىق ئاخبارات خىزمەت تەجىرىبەمدىن قارىغاندا، مىنىڭچە، لادېننىڭ تۇرالغۇسىدىكى مەلۇم بىرى ئامېرىكىنى مۇھىم ئاخبارات بىلەن تەمىنلىگەن. ئەگەر ئامېرىكا ئېنىق بىر ئاخباراتقا ئېرىشمىسە، ھەرگىز لادېننىڭ تۇرالغۇسىغا تۇيۇقسىز تىك ئۇچار بىلەن كىلىپ ھۇجۇم قىلمايدۇ».
«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» لادېننىڭ ئائىلىسىنى تېخىمۇ ئىنچىكە سۈرۈشتۈرگەن  بولۇپ، لادېننىڭ تۇرمۇشى خۇددى ئامېرىكا كىنولىرىدىكى پالاكەت باسقان تۇرمۇشقا ئوخشايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە، لادېننىڭ كېيىنكى 5 يىل ئىچىدە ئۆتكۈزگەن تۇرمىشىنىڭ ئىنتايىن غۇربەتچىلىك ئىچىدە ئۆتكەنلىكىنى، بىر چوڭ ئائىلىلىكنىڭ 5.4 مېتىر ئىگىزلىكتىكى تام بىلەن قورشالغان تۇرالغۇدا تۇرىدىغانلىقىنى تەسۋىرلىگەن. پاكىستاندا ھەتتا بۇ توغرىسىدا بەزى يەرلىك چاقچاقلار پەيدا بولۇپ قالغان بولۇپ، كىشىلەر لادېن ئېگىز تامنىڭ ئىچىدە قورشىلىپ ئايالى ۋە بالىلىرىنىڭ تاپا-تەنىلىرىگە چىدىماي، ئۆزى ئامېرىكا زەربىدارلار ئەترىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى كىلىپ ئېتىۋىتىشىنى خەۋەر قىلغان بولىشى مومكىن، دىگەندەك سۆزلەرنى قىلغان.
بۇ ھەرگىزمۇ ئاساسسىز قىلىنغان چاقچاق ئەمەس. لادېن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن لادېننىڭ باشقا ئىككى ئايالى لادېننىڭ كىچىك ئايالى ئامالىنى لادېنغا ئاسىيلىق قىلىپ، ئۇنىڭ تۇرالغۇسىنى ئاشكارلىۋەتتى، دەپ ئەيىبلىگەن.  بۇ ئىككى نەپەر سەئۇدىلىق ئايال ئامالىنىڭ ئامېرىكا ئارمىيىسىنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ لادېننىڭ پاكىستاننىڭ ئاببوتئابادقا يۇشۇرۇنغانلىقىنى ئېيتىپ قويغان، دەپ بېشارەت بەرگەن.
ئۇنداقتا ئامېرىكا زادى بىن.لادېننىڭ تۇرالغۇسىنى قايسى ئۇسۇلدا تېپىۋالدى؟ بۇ توغرىسىدىكى تالاش-تارتىش ۋە پەرەزلەر يەنە داۋاملىشىدۇ....

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      
ئالدىنقىسى :

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش