نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 506 قېتىم كۈرۈلدى
لادېننىنڭ قېيىنئاتىسى ئەينى ۋاقىتتا قىزىنىڭ تويىغا قۇشۇلمىغان
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-05 -18
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

 

لادېننىڭ قېيىنئاتىسى ئوسادا، ئۇنىڭ قىزى ئامال ئال-سادا (Amal al-Saada) لادېننىڭ ئەڭ ياش ئايالى

 

www.alhux.com


شىنخۇا تورى 17-ماي تېلىگراممىسى، چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا، لادېننىڭ قېيىنئاتىسى تۇنجى نۆۋەت ئاشكارە زىيارەت قىلىشنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى يىلى ئۇ قىزىنى تېرورچىلارنىڭ كاتتىۋېشى بىن.لادېنغا ياتلىق قىلىشنى توسۇغان بولۇپ، بىراق كېيىن ئۇلارغا يول قويغان. «9.11» ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇنىڭ قىزى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان بولۇپ، قىزى بىلەن ئالاقە قىلىشمىغىلى توپتوغرا 10 يىل بولغان.
ئوسادا يەمەنلىك بولۇپ، لادېننىڭ ئەڭ ياش ئايالىنىڭ دادىسى. ئۇنىڭ قىزى ئامال ئال-سادا ئامېرىكا ئارمىيەسى بىن.لادېننى ئۆلتۈرگەن چاغدا يارلانغان بولۇپ، پاكىستاندا سولاقلىق.
ئوسادا 1999-يىلى لادېن ئۇنىڭ قىزىنى ئەمرىگە ئالغاندا، ئۇ لادېننىڭ تېرورلۇق ئىدىيىسى بارلىقىنى بىلمەيتتىكەن. پەقەت لادېننىڭ ئىلگىرى ئاففانىستان توپىلاڭچىلىرىنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان جېڭىنى قوللىغانلىقىنى بىلىدىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، قىزى 10 نەچچە ياش ۋاقتىدا لادېننىڭ «دائىرىسى» گە ئىلىشىپ قالغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا قىز بىر ئىسلام مەكتىۋىدە ئوقۇۋاتقان ئىكەن. قىزنىڭ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يولدىشى راشاد مۇھەممەد سەئىد دەل بىن.لادېننىڭ ياردەمچىسى ئىكەن. ئوسادا يەنە ئۆزىنىڭ بۇ توي بولغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ سەئۇدى-ئەرەبىستاندا تۇغۇلغان لادېندىن پۇل تاپشۇرۋالمىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئوسادا ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ئەينى ۋاقىتتا لادېننىڭ ياردەمچىسى سەيد ئايالىغا سىنىپىدىكى بىر قىز بالىنى تاللاپ چىقىپ بىن.لادېنغا ياتلىق قىلىشنى تاپىلىغان. ئەينى ۋاقىتتا لادېن يەمەنلىك ئايال ئېلىشنى ئويلىغان، شۇڭا سەئىدنىڭ ئايالى قىزىمنى تاللاپ بەرگەن ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار بىر پاكىستانلىق سودىگەرنىڭ قىزىمنى ئەمرىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى».
«دەسلەپتە مەن ئۇلارنىڭ تەلىۋىنى رەت قىلىۋەتتىم، چۈنكى بۇ ئادەمنىڭ زادى كىم ئىكەنلىكىنى بىلگۈم كەلدى. كېيىن ئۇلار ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ بىن.لادېن ئىكەنلىكىنى سەئۇدى-ئەرەبىستاندىن كەلگەن بولۇپ، ئائىلىسىنىڭ پۇلدار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى» ئوسادا شۇنداق دىگەچ ئۆزىنىڭ كېيىن قوشۇلغانلىقىنى، چۈنكى قىزىنىڭ لادېن بىلەن كۆرۈشۈشتە چىڭ تۇرۇۋالغانلىقىنى ئېيتتى. ئوسادانىڭ قىزى لادېنغا ياتلىق بولۇشتا چىڭ تۇرغان بولۇپ، ئۇ قىزلىرىنى ئەزەلدىن بىرىگە ياتلىق قىلىشتا زورلىمايدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ تويغىمۇ قوشۇلغان ئىكەن.
ئوسادا بىن.لادېننى كۆرۈپ باقمىغان ئىكەن. ئەينى ۋاقىتتا قىزى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئاففانىستانغا ئىلىپ بېرىلىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، تويدىن كېيىن قىزنىڭ ئۇ يەرگە ماسلىشىۋىلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىر ئاي قىزنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئاندىن يەمەنگە قايتىپ كەلگەن ئىكەن. ئوسادانىڭ جەمىئىي 17 بالىسى بولۇپ، ئۇنىڭ قىزى بىن.لادېنغا ياتلىق بولغاندا ئارانلا 18 ياشقا كىرگەن ئىكەن. لادېن بولسا 40 ياشتىن ئاشقان ئىكەن.
ئوسادا: «مىنىڭ قىزىم لادېننىڭ ئايالى، پەقەتلا مۇشۇنداق. بىراق ئۇنىڭ بىلەن <بازا> تەشكىلاتى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. مەن ئۇنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. بىراق <9.11> ۋەقەسىدىن كېيىن مىنىڭ قىزىم بىلەن بولغان ئالاقەم ئۈزۈلۈپ قالدى. مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، مەن قىزىمنىڭ قەيەردە، قانداق تۇرمۇش كەچۈرۋاتقانلىقىنى، قانچە بالىسى بارلىقىنى بىلدىم. بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر ئەسلى قىزىمنى كۆرگىلى بارماقچى ئىدۇق. بىراق <9.11> ۋەقەسى بىزنىڭ پىلانىمىزنى بۇزدى» دېدى.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      
ئالدىنقىسى : كۆكتات مودىللار

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش