مىكروسوفت بىلەن تويوتا يېڭى تىپتىكى ھەمكارلىق ئورناتتى
- يوللانغان ۋاقىت : 2011-04 -06
- يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
- مەنبەسى :
Cnbeta تورىنىڭ 4-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى خەۋىرى، چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، مىكروسوفت شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى سىتۋ.بالمېر (Steve Ballmer) بىلەن تويوتا شىركىتىنىڭ باش لېدىرى ئاكىدو.تويودا (Akido Toyoda) ئامېرىكا شەرقى ۋاقتى تۈنۈگۈن سائەت چۈشتىن كېيىن 4 تە بىرلەشمە سىن يېغىنى ئېچىپ، بۇ ئىككى شىركەتنىڭ يېڭى تىپتىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى جاكارلىدى. كەسپىي ساھەدىكى ئەربابلارنىڭ قارىشىچە، تويويا بىر قىسىم يېڭى ماشىنىلىرىدا مىكروسوفتنىڭ تېخنىكىلىرىنى ئىشلىتىدىكەن. مىكروسوفت بۇندىن بۇرۇن فورد (Ford) بىلەن بىرلىشىپ، Ford Sync سۇپىسىدىكى شوپۇرنىڭ ئاۋازى ئارقىلىق بۇيرۇق بېرىپ، كونترول قىلغىلى بولىدىغان كۆك چىش (蓝牙) لىق يانفون ۋە MP3 قويغۇچ ئېلان قىلغانىدى.
تويوتا يەنە مىكروسوفتنىڭ ئىزدەش ماتورى بولغان Bing بىلەن ستراتىگىيلىك ھەمكارلىق ئورناتقان بولۇپ، تويوتا مىكروسوفتنىڭ Windows Azure ۋە Office 365 قاتارلىق بۇلۇت ھېسابلاش مۇلازىمىتى قاتارلىق تېخنىكلارنى ئىشلىتىدىكەن. بۇلارنى ئاۋاز پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسىغا سېلىشتۇرغاندا، باشقىلارنىڭ تېخىمۇ دىققىتىنى تارتىدىكەن. بالمېر بۇ ھەقتە بىر قېتىملىق يېغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:«بۇلۇت ھېسابلاش مىكروسوفتنىڭ 2011-يىلىدىكى بىرىنچى بولۇپ ساتىدىغان مەھسۇلاتىدۇر».
تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ