نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 679 قېتىم كۈرۈلدى
ئوبامانىڭ قايتا زۇڭتۇڭ بولۇشىدا قىيىنچىلىقلار ناھايىتى كۆپ
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-04 -06
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :
 
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 4-ئاپرېل ئې-خەت ۋە تور فىلىمى ئارقىلىق داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەش رىقابىتىنى رەسمىي باشلىغان. «تەيۋەن بىرلەشمە گېزىتى» نىڭ 6-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئوبامانىڭ زۇڭتۇڭ بولۇش يولىدا ئاز بولغاندىمۇ ئالتە خىل قىيىنچلىق بار دىگەن.
1. خەلقنىڭ قوللاش نىسىبىتى تۆۋەن: ئوبامانى قوللاش نىسىبىتى يېقىنقى مەزگىلدە % 50 كىمۇ بارمىغان، گەرچە ئوبامانى قوللاش نىسبىتى كېلىنتون ۋە بوشلارنىڭ داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەش ئالدىدىكى قوللاش نىسبىتىدىن يوقىرى بولسىمۇ. لىكىن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى يەنە بىر يېڭى ئادەمنى نامزاتلىققا كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ بىلەن رىقابەتكە سېلىشى مومكىن .
2. داۋاملىق قىيىنچلىق ئىچىدە تۇرىۋاتقان ئىقتىساد: ئوباما گەرچە يېقىنقى مەزگىلدە ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىدىن خۇشاللانغان بولسىمۇ، لىكىن كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي كىرىمىنىڭ تۆ’ەنلەپ كەتكەنلىكىگە دېققەت قىلىشى كېرەك. ئەگەر كىشىلەر ئۆزىنىڭ يانچۇقىدىكى پۇلنىڭ بۇرۇنقىدىن ئازلاپ قالغانلىقىنى ھېس قىلسا، ئوبامانىڭ 2012-يىلى قايتا زۇڭتۇڭ بولالىشى تەس بولىدۇ.
3. قىزغىنلىق تۆۋەن: ئوبامانىڭ 2008-يىلىدىكى «ئۆزگەرتىش» چاقىرىقى كۈچلۈك قىزغىنلىق قوزغىغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ قىزغىنلىق يوقاپ كەتكەن.
4. ئوبامانىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكىگە بولغان گۇمان: ئوباماغا قارشى تۇرغۇچى كىشىلەر توختىماستىن ئۇنىڭغا قارا چاپلاپ، ئۇنى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئەسلىدە ئامېرىكىدا تۇغۇلمىغان، ئامېرىكىنى سۆيمەيدۇ دىگەندەك سۆزلەرنى دەۋەرگەچكە، بىر قىسىم كىشىلەر بۇ سۆزلەرگە ئىشىنىپ قالغان.
5. ئامېرىكىنىڭ ئورنى: بىر قسىم سايلىغۇچىلارنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دۆلەتلىك ئورنى بارغانسىرى تۆۋەنلىگەن،شۇڭا ئامېرىكا كۈچلۈك بولغان بىر رەھبەرگە مۇھتاج ئىكەن، لىكىن ئوباما ئافغانىستان جېڭىدە كەتكۈزۈپ قويدى، لىۋىيەگە ھۇجۇم قىلغاندا توختىماستىن «بۇ ھەقىقىي جەڭ ئەمەس» لىكىنى بىلدۈردى، ئۇنىڭ بۇ قىلغانلىرى كىشىلەرنى دېپلوماتىيە جەھەتتە كۈچلۈك بىر دېپلومات ئەمەستەك ھېس قىلدۇرۇپ قويدى.
6. باشقا خىزمەت نەتىجىلىرى: ئوبامانىڭ 2012-يىلى زۇڭتۇڭلۇق رىقابىتىگە قاتنىشىشتىكى موھىم بىر ئۆتكىلى خەلقنى ئۆزىنىڭ خىزمەت نەتىجىلىرى ئارقىلىق قايىل قىلىش، ئۇلار داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىسلاھاتى، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشى ۋە دېپلوماتىك نەتىجە، ھەم ئافغانىستان ۋە ئېراقتىن تەدىرىجى ئەسكەر چېكىندۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، لىكىن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئادەملىرى مۇشۇ نوقتىلاردا ئوباماغا ئاسانلا زەربە بېرەلەيدۇ، ئۇلار ئوبامانىڭ سىياسەتلىرىنىڭ ئۈنۈمى بولمىغانلىقى، لىۋىيەگە ھۇجۇم قىلغاندا، دۇنايغا رەھبەرلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالالمىغانلىقى قاتارلىقلارمۇ ئوبامانىڭ ئاجىز تەرەپلىرىگە ئايلىنىپ قېلىشى مومكىن.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش