نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 640 قېتىم كۈرۈلدى
نوكىيا بۇ يىل 40 خىل يېڭى پاسوندىكى يانفۇن ئېلان قىلىدىكەن
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-04 -05
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

 

www.alhux.com 
 
 

Cnbeta تورىنىڭ 4-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى خەۋىرى، نوكىيا شىركىتىنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ستېفېن.ئېلاپ (Stephen Elop) «بۇ يىل شىركىتىمىز WP7 نى ئېلان قىلمايدۇ» دەپ بايانات ئېلان قىلغاندىن كېيىن، نوكىيا شىركىتىنىڭ يەنە بىر ئىجرائىيە ئەمەلدارىنىڭ ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن:«بۇ يىل نوكىيا شىركىتى ئەڭ كەم دېگەندىمۇ 40 خىل يېڭى پاسوندىكى يانفون بازارغا سالىدۇ. ئۇ 12 خىل يېڭى پاسوندىكى ئەقلىيفۇننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ».
نۆۋەتتە، نوكىيا جۇڭگوغا يۈزلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ كورىيە ۋە ھىندىستان يانفون سودىگەرلىرى بىلەن بولغان رىقابىتى تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتكەن. بۇ خىل رىقابەت تەبىئىي ھالدا نوكىيا مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازار ئىگىلەش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، IDC نىڭ ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، قارال بۆلجۈرگەن، ئالما ۋە گۇگېل قاتارلىقلارنىڭ ئۆتكەن ئىككى يىلدىكى بازار ئىگىلەش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بارغان.
نوكىيا يانفونلىرىنىڭ بازار ئىگىلەش نىسبىتىگە چوڭ تەسىر كۆرسەتكىنى ھىندىستاننىڭ ئەرزان باھالىق يانفونلىرى ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم ئېلان قىلىنىدىغان 12 خىل ئەقلىيفۇنغا سايپان مەشغۇلات سىستېمىسى ئىشلىتىلىدىكەن.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش