نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 675 قېتىم كۈرۈلدى
سونىي كامېرالىرى iPhone 5 تە ئىشلىتىلىشى مۇمكىن
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-04 -05
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :


 

www.alhux.com 

Macx تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى ھەپتە، سونىي شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى «ۋال-سترېت كوچىسى كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ ئوچۇق زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىدا، مۇخبىرلار سونىي شىركىتىنىڭ ئالما مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلەنگەن 8 مىليون پىكسىللىق كامېرالىرى مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان. ئەگەر بۇلار ھەقىقەتەن راست بولىدىغان بولسا، بۇ بىر قاتار 8 مىليون پىكسىللىق كامېرالارنىڭ iPhone 5 تە ئىشلىتىلىشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن ئىكەن.
نۆۋەتتە، ئالما شىركىتى ئىزچىل Omnivision شىركىتىنىڭ كامېرا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىۋاتقان بولۇپ، بۇلار iPhone 4 كە ئىشلىتىلگەن 5 مىليون پىكسىللىق كامېرا بىلەن iPhone 3GS كە ئىشلىتىلگەن 3 مىليون 200 مىڭ پىكسىللىق كامېرا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
. Oppenheimer & Co شىركىتىنىڭ ئانالىزچىسى يېئىر.رېىنېر (Yair Reiner ) مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:« تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ئالما شىركىتى يەنىلا Omnivision شىركىتىنىڭ كامېرا مەھسۇلاتلىرىنى بەشىنچى ئەۋلاد iPhone مەھسۇلاتلىرىغا ئىشلىتىدۇ».
سونىي شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى زىيارەت دامىدا مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى دەيدۇ:« مەن ئىزچىل ھالدا ئالما شىركىتىگە ناھايىتى ياخشى كامېرا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپ بېرىدىغانلىقىمىزدىن شۈبھىلىنىمەن».
بىر قىسىم ئاخبارات ئۇچۇرلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، iPhone 5 تە WWDC نىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن ئىكەن.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش