نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 675 قېتىم كۈرۈلدى
سۇداندا نەچچە مىڭ يىللار بۇرۇنقى تۆمۈر كىتاپ بايقالدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-03 -30
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :
www.alhux.com



چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سۇداننىڭ يىراق بىر يېرىدىكى ئۆڭكۈردىن 70 دانە بانكا كارتىسىدەك چوڭلۇقتىكى تۆمۈر كىتاپ بايقالغان، كىتاپتا ھەر خىل بەلگىلەر، شەكىللەر ۋە يېزىقلار بار ئىكەن، بۇ بەلكىم كاتولىك دىنىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى يازمىلار بولۇشى مومكىن ئىكەن.
بۇ بايقاشنىڭ راست، ياكى يالغانلىقىغا قارىتا، تەتقىقاتچىلار ئارىسىدا تالاش تارتىش مەۋجۈت ئىكەن. ئەگەر بۇ ئىشنىڭ راستىلىقى ئىسپاتلانسا، ئۇنىڭ موھىملىقى 1947-يىلى بايقالغان «ئۆلۈك دېڭىزدىكى قەدىمىي يازمىلار» دەكلا موھىم ئىكەن.
بۇ كىتاپتىكى مەزمۇنلاردا قۇتقازغۇچى ئىلاھ توغۇرلۇق ، ھەتتا ئەيسانىڭ ئۆلۈش ۋە قايتا تىرىلىشىغا ئائىت مەزمۇنلار بولۇشى مومكىن ئىكەن.
 



كىتاپنىڭ نۇرغۇن بەتلىرى قۇلۇپلىۋېتىلگەن بولۇپ، تەتقىقاتچىلار بۇنى «ئىنجىل ۋەھىينامىسى» دا تىلغا ئېلىنغان ياقاپ كەتكەن قەدىمكى زاماندىكى ئەمرى مەرۇپلار بولۇشى مومكىن دەپ گۇمان قىلىشقان.
بۇ تۆمۈر كىتاپلار بايقالغان جاي بولسا، مىلادى 70-يىلى ئەتراپىدا خىرىستيان مۇرتلىرى تالاپەتكە ئۇچىرىغان جاي بولۇپ، ئىلگىرىمۇ مۇشۇ دەۋىردىكى موھىم يازمىلار بايقالغان ئىكەن.
بۇ خىل پەرەزلەر تۆمۈر كىتاپتىكى بەلگىلەرگە ئاساسەن قىلىنغان.
ئەگەر بۇ خىل پەرەزلەرنىڭ راستلىقى ئىسپاتلانسا، بۇ ئەڭ بۇرۇنقى خرىستيان دىنى يازمىلىرىنىڭ بىرى بولىدىكەن، ھەتتا سان پاۋلونىڭ ئەسەرلىرىدىنمۇ بۇرۇن يېزىلغان بولىدىكەن.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش