نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 677 قېتىم كۈرۈلدى
Windows 7 نى تېخىمۇ ئۆزگىچە قىلغۇڭىز بارمۇ
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-03 -30
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

كومپيۇتېرىڭىزغا Windows 7 مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلىغاندىن كېيىن، باشقىچە راھەتلىنىپ قالغانسىز. دېمىسىمۇ، بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ھۇزۇرى ھەقىقەتەن باشقىچە. گەرچە مىكروسوفت تەرەپ ئۈستەل يۈزى تەگلىك بولىقى (主题包) تەمىنلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى تام قەغەزلىرىنىڭ يىغىندىسىدىن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ. ئەگەر سىز ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان بىر قانچە رەسىملەرنى ئۈستەل تەگلىك قىلىۋالسىڭىزمۇ، يەنىلا مەشغۇلات سىستېمىسىنى كۆڭلىڭىزدىكىدەك شەكىلگە كىرگۈزەلمەيسىز. چەتئەللىك «minhtrimatrix» دېگەن تورداش Windows 7 مەشغۇلات سىستېمىسى ئۈچۈن «Elune» ناملىق بىر  ئۈستەل تەگلىكى لايىھىلىگەن بولۇپ، ئۇ سىزنىڭ غەملىرىڭىزنى خالاس قىلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ. بۇ تەگلىك ناھايىتى سىپتا ۋە پاكىز لايىھىلەنگەن بولۇپ، سىزگە Windows 7 ھەقىقىي ھۇزۇرىنى ئاتا قىلىدۇ.
ئەلۋەتتە، سىز سىستېمىغا قارىتا ئازراق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارىسىز. بۇ خىل تەگلىك بولىقىنى ئىشلىتىش بىر قەدەر ئاۋارىچىلىك، شۇڭلاشقا، سىز قول سېلىپ، بەزى تەڭشەشلەرنى ئېلىپ بارىسىز.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
1. تەگلىك بولىقى ۋە قورال بولىقىنى چۈشۈرۈش، ئاندىن ئۇنى پرېستىن يېشىش
2. تەرتىپ بويىچە، Tools、UniversalThemePatcher  ھۆججەت قىسقۇچلىرىغا كىرىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن
(32 بىتلىق مەشغۇلات سىستېمىسى)UniversalThemePatcher- x86.exe تاللاپ قوزغىتىش ياكى (64 بىتلىق مەشغۇلات سىستېمىسى)UniversalThemePatcher-x64.exe تاللاپ قوزغىتىش. بۇنىڭدىكى مەقسەت تەگلىكتىكى ھۆججەت ھوقۇقىنى بۇزۇۋېتىشتىن ئىبارەت. ئەگەر سىز Windows 7 SP1 نىڭ نەشرىنى يۇقىرى كۆتۈرسىڭىز، يۇقىرىدىكى مەشغۇلاتلارنى يەنە بىر قېتىم قىلىسىز.
 3. ئۇنىڭدىن كېيىن، سىز Tools、Add Take Ownership Option ھۆججەت قىسقۇچلىرىغا كىرىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن Add Take Ownership Option.reg ھۆججىتىنىڭ ئىچىدىكى ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلىگە كىرىسىز، ھەمدە ھۆججەت ھوقۇقىغا ئېرىشىسىز.
4. سىز ئۇنىڭدىن Themes ھۆججەت قىسقۇچىغا كىرىپ، C:WindowsResourcesThemes ئادرېستىكى بارلىق ھۆججەتنى كۆچۈرۈۋالىسىز.
5. ئۇنىڭدىن كېيىن C:Windowssystme32 ھۆججەت قىسقۇچى ئىچىدىن explorerframe.dll ھۆججىتىنى تاپىسىز ۋە مائۇسنىڭ ئوڭ تەرىپىنى چېكىپ، ئېچىلغان تىزىملىكتىن، Take ownership نىڭ ھوقۇقىغا ئېرىشىپ، زاپاسلىۋالغاندىن كېيىن، System Files ھۆججىتى ئىچىدىن ماس كېلىدىغان يېشىۋېتىلگەن ھۆججەتنى تاپىسىز ھەمدە ئۇنى كۆچۈرۈۋالىسىز.
6. Windows نى قايتا قوزغىتىپ، خاسلاشتۇرۇش (个性化) تىن Elune نى تاللاپ قويسىڭىز بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىن، سىز تۆۋەندىكى ئۈنۈملەردىن بەھرىلىنەلەيسىز:


 

 

www.alhux.com

 

 

www.alhux.com

 

 

 

www.alhux.com

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش