نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 731 قېتىم كۈرۈلدى
-ئايدا مىكروسوفت تور ۋىدېئوسى ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-03 -21
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

 

 
  • مەنبە: it.sohu.com
 

 

www.alhux.com 
 
سوخۇ تورىنىڭ بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى خەۋىرى، چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا بازار تەكشۈرۈش تەتقىقاتى شىركىتى comScore نىڭ ئېلان قىلغان دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى:«مىكروسوفتنىڭ ئامېرىكىدا يولغا قويغان تور ۋىدېئوسى مۇلازىمىتىنىڭ ئابونتى 48 مىليون 800 مىڭغا يېتىپ، ئامېرىكا تور ۋىدېئوسى بازىرىدا ئىلگىرىكى يەتتىنچى ئورۇندىن بىراقلا كۆتۈرۈلۈپ ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن.
بۇ يىل ئىككىنچى ئايدا گۇگېلنىڭ قارمىقى ئاستىدىكى ۋىدېئو  تور بېكىتى YouTube نىڭ ئابونتى 140 مىليون110 مىڭغا يەتكەن. بۇ جەھەتتە ياخۇ ۋە  Facebook لار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى ئورۇندا تۇرغان.
ئەلۋەتتە، مىكروسوفت تور تېلېۋىزىيىسى ئابونتىنىڭ بۇنداق شىددەت بىلەن يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى تورداشلارنىڭ Bing Video نى ئىشلىتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىگە سەل قارىماسلىق كېرەك. كەسپىي خادىملارنىڭ قارىشىچە، Bing  مۇ بىر قىسىم ۋىدېئولارغا ئىگە ئىكەن. لېكىن Bing دىن ۋىدېئو ئىزدىگەن ۋاقىتتا كۆرۈنىدىغان ۋىدېئولارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يەنىلا YouTube نىڭ ۋىدېئولىرى ئىكەن.
comScore بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى ئېلان قىلغان:«بۇ يىل ئىككىنچى ئايدا ئامېرىكا تور ۋىدېئوسى كۆرۈرمەنلىرىنىڭ سانى 170 مىليونغا يەتكەن بولۇپ، ھەر كىشى بۇ بىر ئايدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن 13.6 سائەت ئەتراپىدا ۋىدېئو كۆرگەن.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش