نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 622 قېتىم كۈرۈلدى
بۈگۈن جۇڭگودا IE 9 رەسمىي ئېلان قېلىندى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-03 -21
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

  • مەنبە: www.techweb.com.cn

www.alhux.com 

TechWeb نىڭ 3-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى خەۋىرى، مىكروسوفت بۈگۈن جۇڭگودا IE 9 تور كۆرگۈچىنى رەسمىي ئېلان قىلىش يېغىنىنى ئاچقان.  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، IE 9 كۆرگۈسى HTML5، SVG، CSS3، ۋە DOM قاتارلىق تور ئۆلچەملىرىنى ھەمدە Windows Vista ۋە Windows 7 مەشغۇلات سىستېمىلىرىنىلا قوللايدىكەن.
مىكروسوفتنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، IE 9 تور كۆرگۈچىنىڭ سۈرئىتى IE 8 نى 11 ھەسسىلەيدىكەن. ھەمدە IE 9 تۇنجى قېتىم ئەتراپلىق قاتتىق دېتال تېزلەتكۈچ سەپلەنگەن تور كۆرگۈ ھېسابلىنىدىكەن.
شۇنىڭ بىر ۋاقىتتا، IE 9 تور كۆرگۈچىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى ناھايىتى پاكىز ۋە ئازادە لايىھىلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا قىستۇرما دېتاللىرىمۇ كۆپ ئەمەس بولۇپ، ئۇ ، ۋە DOM قاتارلىق تور ئۆلچەملىرىنى قوللىغاندىن سىرت، تور كۆرگۈچ ئاچقۇچىلارنىڭ خىزمىتىمۇ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا زور دەرىجىدە ئاددىيلاشتۇرۇلغان ئىكەن.
ھەقىقىي نەشردىكى  IE 9 تور كۆرگۈسىگە «ئەگىشىشنى ئاسراش» ئىقتىدارى، تور بېكەتنى قۇلۇپلاش ئىقتىدارى، تاللاش كارتىسىنى ئايرىش قاتارلىق يېڭى ئىقتىدارلار سەپلەنگەن.
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 3-ئاينىڭ 14-كۈنى، مەزكۇر مەھسۇلات بازارغا سېلىنىپ، 24 سائەتتىن كېيىن، مەزكۇر تور كۆرگۈ 2 مىليون 350 مىڭ قېتىم چۈشۈرۈلگەن.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش