نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 620 قېتىم كۈرۈلدى
يەر تەۋرەش سونىي شىركىتىنىڭ ئالتە زاۋۇتىغا تەسىر كۆرسەتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-03 -20
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

 

سوخۇ تورىنىڭ 3-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى خەۋىرى، سونىي شىركىتى بۈگۈن سوخۇ IT  قانىلىغا ياپونىيىدىكى يەر تەۋرەش تەسىرىنىڭ شىركىتىگە بولغان ئەڭ يېڭى ئەھۋالىنى ئەۋەتكەن بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز شاۋقۇنى سونىي شىركىتىنىڭ سەككىز زاۋۇتىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن. نۆۋەتتە، بۇلارنىڭ ئىككىسى  پۈتۈنلەي ئەسلىگە كېلىپ، ئىشلەپچىقىرىشقا كېرىشكەن. تۆت زاۋۇت ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئىككى زاۋۇت تېخى تەكشۈرۈش باسقۇچىدا ئىكەن. بۇلار قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئەسلىگە كېلەلمەيدىكەن.
بۇنىڭ ئىچىدە بۇ قېتىمقى ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئەڭ زور ئۇچرىغىنى سونىي خىمىيە ۋە ئۇچۇر بۆلىكى شىركىتىنىڭ دوجىياچىڭ ئىشخانىسى (ئۇ ئادەتتە ماگنىتلىق لېنتا ۋە كۆك نۇرلۇق ئوپتىك دىسكا ئىشلەپچىقىرىلىشىغا مەسئۇل)بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ ئىشخانىدىكى قىش پارچىلىرى ۋە سېغىز توپىلار جىددىي تازىلىنىۋېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ مۆلچەرىچە Nakada مۇشۇ ئاينىڭ 19-كۈنى ئەسلىگە كېلىپ، توك بىلەن تەمىنلەش نورماللاشقان. ئەمما فېڭلى ئىشخانىسى تېخى ئەسلىگە كەلمىگەن بولۇپ، بىر قىسىم خادىملار تېخىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ.
ھازىر سونىي ئاق تاش يېرىم ئۆتكۈزگۈچ شىركىتىنىڭ ئاساسىي ئېلېكتر سىغىمى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەسىنىڭ ئېلېكتر كۈچى بۆلۈمى ئەسلىگە كەلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى ئانچە چوڭ زىيانغا ئۇچرىمىغان ئىكەن. ئەمما زاۋۇتنىڭ مەلۇم قىسىملىرى يەنە رېمونت قىلىنىۋېتىلىپتۇ.
سونىي شىركىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، سونىي شىركىتىنىڭ توكيودىكى باش شتابى مۇشۇ ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە ئۈچ كۈن دەم ئالىدىغان بولۇپ، 22 -چېسلادىكى توك ۋە قاتناش ئەھۋالىغا قاراپ خىزمەت قىلىدىكەن. ئەمما ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىمەيدىكەن.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش