نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 671 قېتىم كۈرۈلدى
ئالاقە تورى ساھەسىدىكى ئىككى دوكتور پەسكويىغا چۈشتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-03 -20
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

 

 

www.alhux.com

تىيەن يا تورىنىڭ 3-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى خەۋىرى، مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 315 كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدە ئانچە نامى چىقمىغان ئىككى ئالاقە تورى شىركىتى «ۋاڭ چىن ۋىرۇسخورى» بىلەن «فىي لىيۇ چۈشۈرۈش» تىلغا ئېلىنىپ، ئۇلارنىڭ نامى پۈتۈن ئالەمگە پۇر كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرى پۈتۈنلەي تۈگەشتى.
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى:« فىي لىيۇ ۋىرۇسلارنى يوشۇرىدۇ، ۋاڭ چىن ۋىرۇس ئۆلتۈرىدۇ. بۇ ئىككى شىركەتنىڭ خاراكتېرى مانا مۇشۇنداق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىككى شىركەتنىڭ CEO سى ئىلگىرى بىرلىكتە دوكتورلۇقتا ئوقۇغان ئىدى. ھەمدە بۇ ئىككى شىركەتمۇ بىرلا ۋاقىتتا قۇرۇلغان. بۇلار ناھايىتى ياخشى ھەمكارلاشقان. شۇنىڭ بىلەن بىچارە ئابونتلار بۇنىڭ ئالىقىنىدا خۇددى كىچىك چۈمۈلىگە ئايلىنىپ قالغان». بۇ ئىشلارنى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى دەسلەپتە ئاشكارىلىمىغان بولۇپ، بۇ ئىشلار دەسلىپىدە باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغانىدى.
ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىقى، ئاشكارىلانغان ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ۋاڭ چىننىڭ يانفون ۋىرۇسخورىنىڭ بازار ئىگىلەش نىسبىتى %32.69 كە يەتكەن بولۇپ، فىي لىيۇ مۇ كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىغان. ئەمما بۇ ئىشلار مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 315 كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدە ئاشكارىلىنىپ، بۇ ئىككى شىركەتنى ئۆلۈپ گىردابىغا ئېلىپ بارغان. كېچىلىكنىڭ ئىككىنچى كۈنى ۋاڭ چىن بىلەن فىي لىيۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يېغىنى ئېچىپ، ۋاڭ چىن ئوچۇق ئاشكارا ھالدا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ دوكلاتىنى يالغانغا چىقارغان. ھەتتا لى كەي فۇ مۇنداق دېگەن:« مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 315 كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى تارىخىدا، بۇنداق ئىش تۇنجى قېتىم يۈز بەردى. ئەپسۇسلىنارلىقى ۋاڭ چىننىڭ نامى پوق بولدى، ئۇلار ھازىر بايانات ئېلان قىلىپمۇ ئۆزىنى ئاڭلىيالمايدۇ، ئەگەر ئۇلار ئۆزىنى ئاڭلىماقچى بولسا، نۇرغۇنلىغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ تاپا-تەنىسىگە قالىدۇ».
بۇ ئىككى شىركەتنىڭ قۇرغۇچىلىرى يەنى بۇ ئىككى «يامان» نىيەتلىك دوكتورلار راستىنىلا سودا ساھەسىدە مۇشۇنداق بىر «يامان» يولدا ماڭغانمۇ؟ بۇ سوئال ھەقىقەتەن ئادەمنى ئويغا سېلىپ قويىدۇ. بەزىلەر بۇ ھەقتە مۇنداق قارىدى:«ۋاڭ چىن ۋەقەسى ھەرگىز يەككە دېلو ئەمەس، بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو ئالاقە تورى رەزىللىشىۋاتقان يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى، بىخەتەرلىك ساھەسىنىڭ تېخىمۇ ئاجىزلاپ، كۈچۈكلەر ئاجىزلارنى يۇتۇپ كېتىشى دەرىجىسىگە يەتكەن ھەمدە كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىپ كېتىشتەك يامان كەيپىياتنىڭ ئىجتىمائىيلىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
بىخەتەرلىك ساھەسى «شىددەتلىك ئۇرۇش»قا ئايلىنىپ كەتكەن.
360 شىركىتى 360 ۋىرۇسخورىنىڭ مەڭگۈ ھەقسىز ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ۋاقىتتا، بۇ خۇددى جۇڭگو ۋىرۇسخورى ساھەسىدە پارتلىغان بومبىدەك تۇيۇلدى. شۇنىڭدىن كېيىنلا 360 بىلەن رۈيشىڭ، جىن شەن، ھەمدە كېيىنرەك تېڭشۈن ئۆز-ئارا دۈشمەنلەشتى. شۇنىڭ بىلەن جۇڭگو ۋىرۇسخورى ساھەدە بىر مەيدان جىددىي نەيرەڭۋازلىق ئۇرۇشى پارتلىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇنىڭ تەسىرىدە PC بىخەتەرلىكى ۋە يانفون بىخەتەرلىك ساھەسىمۇ قوزغىلىپ كەتتى.
تا ھازىرغىچە جۇڭگودا ئەقلىيفۇن تېخى ئومۇملىشىپ بولالمىدى. ئادەتتە، ئەقلىيفۇن ئۈچۈن ۋىرۇسخور كەم بولمايدۇ. 360 ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ھەقسىز قىلىپ، ئېلان، ئويۇن ۋە باشقا شەكىللەر بىلەن پايدا ئېلىپ، ئۆزىنى قامداپ كەلدى. ئەمما ۋاڭ چىنچۇ؟ ئۇلار ئابونتلارنىڭ ھەق يېغىشنى ئۆزىنىڭ بىردىنبىر كىرىمگە ئېرىشىش يولى قىلىۋالدى.
ئالاقە تورى يېڭىلىق يارىتىشتىكى خېيىم-خەتەر
دوكتورلارنىڭ پەسكويىغا چۈشۈپ قېلىشىنىڭ سەۋەبىنى تەبىئىيلا ئۇلارنىڭ ئىزدەشكە بولسىمۇ، ئەمما جۇڭگو ئالاقە تورىنىڭ بۇنداق چوڭ مۇھىتىدا بۇ ۋەقەنى يەككە دېلو دەپ قاراشقا بولمايدۇ. نۆۋەتتە، جۇڭگو ئالاقە تورى ساھەسىدىكى ئۈچ چوڭ كاتتىۋاش تېڭشۈن، بەيدۇ ۋە ئالىي بابا دەپ قارىلىۋاتىدۇ. ۋاڭچىنلاردەك كىچىك تىپتىكى ئىگىلىك تىكلەش خاراكتېرىدىكى شىركەت ئارىدا سۇقۇنۇپ يۈرۈپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ جۇڭگو ئالاقە تورى ساپاسىنىڭ تېخىچە قالاق ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. كىچىك تىپتىكى شىركەتلەرگە بولغان بىسىم ۋە خىرىس ئىنتايىن چوڭ، چۈنكى ئۇنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچ ناھايىتى ئاجىز. قاتتىق تەگكەن بىر پەشۋا ئۇلارنى «ۋاي دادەي» گە يەتكۈزۈپ قويىدۇ. بۇنداق كىچىك تىپتىكى شىركەتلەر ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن، كۆپ ئاماللارنى سىنىپ، كۆرۈپ ئاخىرىدا بۇرنىنىڭ ئۇچىنى كۆرىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ۋاڭ چىن دەل مۇشۇنداق مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلدى. ئۇ مەبلەغ سالغۇچىلار، بازارنىڭ بېسىمى تۈپەيلىدىن تۇيۇق يولغا كىرىپ قالدى.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش