نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 664 قېتىم كۈرۈلدى
ئامېرىكىدا توردا خەۋەر كۆرىدىغانلارنىڭ سانى گېزىتتىن كۆرىدىغانلاردىن ئېشىپ كەتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-03 -16
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :
www.alhux.com


iPad قاتارلىق ئېلېكترۇنلۇق بويۇملارنىڭ ئوموملىشىشى كىشىلەرنىڭ ئوقۇش ئادىتىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى.

ئامېرىكا پېۋ تەتقىقات مەركىزى ئۆزىگىچە ئاخبارات تۈرىنىڭ 14-مارت ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، ئامېرىكىلىقلار بارغانسىرى توردىن پايدىلىنىپ ئاخبارات ئۇچۇرلىغا ئېرىشىدىغان بولغان، بۇ كىشىلەرنىڭ سانى تۇنجى قېتىم گېزىتتىن ئاخبارات ئۇچۇرىغا ئېرىشىدىغانلاردىن ئېشىپ كەتكەن.
«ئاخبارات ۋاستىلىرى ئەھۋالى» ناملىق بۇ دوكلاتتا، 2010-يىلى 12-ئايغىچە، %41 ئامېرىكىلىق تور ئارقىلىق «كۆپ قىسىم دۆلەت ئىچى، سىرتى خەۋەرلىرى» نى كۆرگەن. %40 ئادەم گېزىت ئارقىلىق خەۋەر كۆرگەن، گېزىت ئارقىلىق خەۋەر كۆردىغانلارنىڭ نىسبىتى 2008-يىلى %46، 2006-يىلى %52 ئىكەن.
ئۆزىگىچە ئاخبارات تۈرىنىڭ مەسئۇلى تومنىڭ دىيىشىچە، خەۋەر كۆرگۈچىلەر تېز سۈرئەتتە تورغا قاراپ يۈزلىنىۋاتقان بولۇپ، تەكشى كومپيوتىر ۋە ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفۇنلارنىڭ ئوموملىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ خىل يۈزلىنىشنىڭ سۈرئىتى تېخىمۇ تېزلىشىشى مومكىن ئىكەن.
دوكلاتتا يەنە مۇنداق دىيىلگەن: توردىن خەۋەر كۆردىغانلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئېلان سودىگەرلىرىمۇ ئېلانلىرىنى گېزىتتىن تورغا قاراپ يۆتكىمەكتە. ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن گېزىتلەر مۇشۇنداق «غۇربەتچىلىك» نى باشتىن كەچۈرمەكتە، شۇڭا ئامېرىكىدىكى گېزىت تەھرېرلىرىنىڭ سانى 10 يىل ئاۋالىدىن %30 ئازىيىپ كەتكەن. گېزىت كۆرگۈچىلەرنىڭ سانى ۋە ئېلان كىرىمىنىڭ ئازىيىشىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم گېزىتلەر تور نۇسخىسىدن پۇل يىغىش ئۇسۇلىنى قوللانماقتا. لىكىن ھەق تۆلەپ توردىن خەۋەر ئوقۇشنى خالايدىغانلار ئاران %1 ئىكەن.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش